-
جۇڭگو تىلىگراف شىركىتى يانفوندا تورغا چىقىش ھەققىدە ئەڭ تۆۋەن چەك ياراتتى. - [ITخەۋەرلىرى]
2009-02-09
تىلىگراف شىركەتلېرىنىڭ يانفوندا تورغا چىقىش ھەققىنى چۈشۈرۈش ۋەزىيىتى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشماقتا. تۆنۈگۈن جۇڭگو تىلىگراف شىركىتىنىڭ ئالاقىدار خادىمى"بىرىنچى مالىيە كۈندىلىك گىزىتى"دە دەلىللەپ مۇنداق دىدى:بىر قىسىم ئۆلكىلەردە مەسىلەن جىياڭسۇ ئۆلكىلىك تىلىگراف شىركىتى CDMAيانفونىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تورغا چىقىش ھەققىنى كۈنىگە 1يۈەن قىلىپ بەلگىلىگەن بۇلۇپ،ئېقىم مىقدارى ئاساسىي جەھەتتىن چەكلەنمەيدۇ.جىياڭسۇ تىلىگراف شىركىتىدىكى خادىمنىڭ بىلدۈرىشىچە شىركەت پات-ئارىدا CDMAيانفونى ئىشلەتكۈچىلەرگە تورغا چىقىش ھەققىنى كۈنىگە1يۈەندىن ئالىدىغان كەسىپنى يولغان قويماقچى بولغان بۇلۇپ،كۈندىلىك بېرىلىدىغان ئېقىم مىقدارى1Gئىكەن،ئەمما بۇنداق بولغاندىمۇ يەنىلا ئېقىم مىقدارى چەكسىز بولغانغا ئوخشاشلا بۇلۇپ قالىدۇ،چۈنكى بىر كۈندە24سائەت يانفوندا تىلىۋىزور كۆرسىمۇ ئېقىم مىقدارى1Gغا يەتمەيدۇ.