كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ يېــڭــى ئىــشــلار ] دېگەن سەھىپىدىكى يازمىلار
ViPodium ناملىق بۇ ئەڭ يېڭى كىيىم سىناش مەھسۇلات ى مىكروسوفتنىڭ Kinnect تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، سىز تاللىغان كىيىم نى چوقۇم ئۈستىڭىزگە كىيىپ سىنىشىڭىز ھاجەت ئەمەس، پەقەت ئېكرانغا قاراپ كىيىمنىڭ ئۇچىڭىزغا چىققاندىن كېيىنكى ئۈنىمىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن سېتىۋېلىش سېتىۋالماسلىقنى بېكىتسىڭىزمۇ بولىدۇ. تۆۋەندىكى سىندىن ViPodium نىڭ قانداق نەرسىلىكىنى كۆرۈپ …..
بۇ بەلكىم يەنىلا مۇشۇ چەتئەللىكلەرنىڭ تەسەۋۋۇرى بولۇشى مۇمكىن. بىراق، بۇنچىلىك چىرايلىق مەنزىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئىشلەتكەن كاللىغا ھەقىقەتەن ئاپىرىن ئېيتماي بولمىغۇدەك. مەزكۇر بىليارت تاختىسىدا بىليارت ئوينىغان چېغىڭىزدا، ئېغىر تاشلار خۇددى سۇ ئۈستىدە لەرزان كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، پۈتكۈل مەنزىرە ئاجايىپ قالتىس ۋە فانتازىيىلىك تۈسكە تولغان! قېنى كىم بۇ خىل بىليارت تاختىسىنىڭ پىرىنسىپىنى دەپ …..
قالتىسمىكەن؟ بۇ Ryno Motors تەرىپىدىن ياسالغان تاق بالونلۇق موتسىكىلىت ، نۆۋەتتە ئاللىقاچان رەسمىي تۈردە بازارغا سېلىنىپ بولدى، ئەڭ كۆپ بولغاندا 45 كىلومېتىر يول يۈرۈشكە بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك تېزلىكى 40 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بۇ ئوقەتنى مىنىپ كوچىدا ماڭسىڭىز، نۇرغۇن ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىشىڭىز تۇرغانلا گەپ!
بىۋاستە ئوخشىمىغان رەڭ سۇيۇقلىقلىرىنى بىر يەرگە تۆكۈپ، رەڭلەرنىڭ ئۆزلىكىدىن بىرىكىشى ئارقىلىق ئاجايىپ نەپس بىر مەنزىرىنى ھاسىل قىلىش. بەزىلەر بۇنى بىر خىل مۇستەققىل سەنئەت دەپ قارايدۇ، بەزىلەر بولسا بۇنى ھېچقانداق يېڭىلىق يوق، چۈنكى بۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە تايىنىپ ھاسىل قىلىنغان ئەمەس، ھېچقانداق مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئەلۋەتتە، سەنئەتتىن قانداق ھوزۇرلىنىش، ھەر بىر …..
«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چەتئەلدىكى برويېن ئىسىملىك بىر ئەر يېڭى بىر تۈردە دۇنيا جېننس رېكورتى ياراتقان، يەنى سېرك ماھارىتى ئارقىلىق 30 سكونت ئىچىدە توختىماي پىرقىرىۋاتقان ئالمىلاردىن 65 چىشلەم يېگەن! بىر سكونتتا ئىككى چىشلەم!!! ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ بۇ رېكورتىنى يېڭىلايدىغان ئادەم چىقمىغان، ئۇنىڭ ماھارەت كۆرسەتكەن Video …..
ئادەمنى ئىختىيارسىز گۇمانغا سالىدىغان بۇ كىچىك نەرسە زادى نېمىدۇ؟ توغرا! بۇ دەل بىر دانە دەرىجىدىن تاشقىرى كىچىك مىكرو كومپيۇتېر ! كۇنۇپكا تاختىسى، ئاساسى ئاپارات، مائۇس، ئېكراندىن تارتىپ تولۇق! ئېكراندىن كۆرۈنۈشكە قارىغاندا، بۇ نەرسىدە تېخى Vista ئوينىغىلى بولىدىكەن، بۇ دېگەنلىك، بۇ كومپيۇتېر دا ئوخشاشلا تورغا چىقىپ QQ پاراڭلاشقىلى بولىدۇ …..
Rick Mereki قاتارلىق بىر تۈركۈم ياشلار، 44 كۈن ئىچىدە، 18 قېتىم ئۇچۇپ، 11 دۆلەتكە ساياھەت كە بارغان، ئومۇمى مۇساپىسى 38000 مىل(60000 كلومېتىردىن ئاشىدۇ) كېلىدىغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ساياھەت جەريانىدا سۈرەتكە ئالغان كۆرۈنۈشلەرنى كېسىپ تەھرىرلەپ، تۆۋەندىكىدەك ئىنتايىن ئۆزگىچە بىر خىل كۆرۈنۈش ھاسىل قىلغان. ھازىرقىدەك ساياھەت پەسلىدە، سىزمۇ بۇ …..
بۇ قانداق سېھرىگەرلىك بولۇپ كەتتى ئەمدى؟ قاراپ تۇرۇپ بىر راھىپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا دەرۋىشكە ئايلىنىپ قالدى دىسە؟ ئەجىبا بۇ رىۋايەتلەردىكى غازىباي چاچ چىقىرىش سوپۇنىنىڭ كارامىتىمىدۇ؟
NVISION 08 يىغىنىدا، Adam ۋە Jamie ئىككى پەن-تېخنىكا تەتقىقاتچىسى CPU بىلەن GPU نىڭ ھېسابلاش ئالگورىزىمىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە GPU نىڭ پاراللېل ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق 80 دەقىقە ۋاقىت ئىچىدە داۋىنچنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئەسىرى مونالىزانى سىزىپ چىققان. بۇ قارىماققا بىر ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئىشتەك كۆرۈنگەن بىلەن، بىزگە GPU نىڭ بىزنىڭ ئېكرانىمىزغا قانداق قىلىپ ئەڭ …..
رېئال تۇرمۇشنىڭ تىرىك مودىلى دېسەك ئارتۇق كەتمەس؟ ئامېرىكىلىق فوتوگراف Sam O’Hare جەمئىي 35000 پارچە سۈرەتتىن پايدىلىنىپ نىيۇيورك شەھىرىنىڭ بىر كۈنىنى خاتىرىلىگەن. سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىسىغا ئالاھىدە ئۈنۈم ئىشلىتىپ، پۈتكۈل مۇھىتنى كىچىكلىتىپ، خۇددى قۇرۇلۇش مودېلى مىدىرلاۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرگەن، ئاجايىپ قالتىس دېيىشكە بولىدۇ!
ئۈچ مىنۇتلۇق، ئەمما ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدىغان “ Window to the World ” ناملىق سىن! مەزكۇر سىندا، تويوتا شىركىتى ئاپتوموبېلنىڭ كەينى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئالاھىدە دەرىزە ئارقىلىق، كەينى تەرەپتە ئولتۇرغۇچىلارنىڭ زېرىكىشىنى باسىدىغان بىر خىل مۇھىت تەمىنلىگەن. بۇ دەرىزە ئارقىلىق سىز رەسىم سىزالايسىز، سىرتقى ئۇچۇرلارنى بىلەلەيسىز، ھەتتا كۆپ نۇقتىلىق سېزىمچان ئېكران ئارقىلىق iPhone دىكىدەك ئۈنۈملەرگىمۇ ئېرىشەلەيسىز! ھازىرقى تېخنىكا …..
قاتۇرما شەكىللىك كارتون فىلىملەر نىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، ھېچقانداق ئالاھىدە كومپيۇتېر تېخنىكىسى كەتمەيدۇ. پەقەت ھەر بىر ھالقىنى تەپسىلىي سۈرەتكە ئېلىۋېلىپ، مۇۋاپىق كىرىشتۈرسەكلا، ئىنتايىن ئۆزگىچە بولغان ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز. تورخۇماردا ئىلگىرى يوللانغان T-Shirt جېڭى ، بودەك خان قاتارلىق كارتون فىلىملەرمۇ قاتۇرما كارتون تېخنىكىسىنىڭ مەھسۇلى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىككە ئېلىپ كەلگىنىم بولسا، « قەغەز يۈزىدىكى Photoshop » ناملىق قىسقا ئىجادى ئەسەر، سىننىڭ …..
قالتىس ئۇيانكە ماۋۇ مەن ئەمدى باشلىدىم ئويناشنى...