كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ يېــڭــى ئىــشــلار ] دېگەن سەھىپىدىكى يازمىلار
«پەندورا سېھىر قۇتىسى(Pandoras Box)» نىڭ ئىجادچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گېرمانىيە coolux شىركىتى سىن ساھەسىدە دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىلغار تېخنىكىلار غا ئىگە. تۆۋەندىكىسىمۇ شۇ شىركەتنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بىرى
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئەڭ يېڭى iPhone 5 بىلەن iPad 3 بۇ يىل 10-ئايدا ئېلان قىلىنماقچىكەن. ئەلۋەتتە، بۇ يازما بىلەن يېڭى ئەۋلاد iPhone ياكى iPad نىڭ ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى يوق، بىراق ئالما مەستانىلىرىنىڭ ئەستايىدىللىقى تۇتسا، ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش ئانچە تەس ئەمەس، خۇددى تۆۋەندە ساپ م ېۋە تەملىك يېگىلى بولىدىغان iPhone 5 كە …..
ئەيتاۋۇر، تەخمىنەن ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا، جوردان ئىسىملىك بىرەيلەن قىز دوستى جېشكاغا iPad2 دىن بىرنى سوۋغا قىلىپ توي تەكلىۋى قوبۇللانغان ئىدى. مانا بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسىي شىتاتىدا تۇرۇشلۇق Jon Hodgson ئىسىملىك يەنە بىرەيلەن، ئۆزى تۈزگەن Android يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق، قىز دوستىغا توي تەكلىۋى قويۇپ مۇۋاپىقىيەت قازىنىپتۇ! ياشلىرىمىز پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىشنى بىلىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ جۇما؟!
تېمىسى سەل پو پۇراپ كېتىپ قالدى ھە؟ ئەمما iOS 5 نىڭ ئۈرۈمچى ۋاقتى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچ سائەت 11 دە WWDC2011 دا ئېلان قىلىنىدىغانلىقى دەر ھەقىقەت! بۇ يىغىندا جوبز ئۆزى بىۋاستە iOS 5، Lion Mac OS X ۋە iCloud قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىدىكەن. iOS 5 ھەقىقى ئېلان قىلىنىشتىن …..
بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى ئاپتوموبېل ، دۆلىتىمىزدىكى Yuhan Zhang ئىسىملىك لايىھە لىگۈچىنىڭ ئەسىرى بولۇپ، ئاپتور تېخى ئەمدى 21 ياشقا كىرگەن ياش يىگىتى ئىكەن، شۇڭا بۇ تەسەۋۋۇرلاردىن ئانچە بەك ئەجەپلىنىپ كەتمىسەكمۇ بولغۇدەك…
Ronen Verbit ئىسىملىك بىرەيلەن ئۈچ دانە iPhone 4 نى ئىشلىتىپ بىر گۇرۇپپا سىن ئىشلەپ چىققان، يەنى ئۈچ دانە iPhone ئارقىلىق ئوخشىمىغان سىنلارنى ماس قەدەمدە قويۇپ، ئېكراندىكى ئادەمنىڭ ھەرىكىتىنى iPhone ئېكرانىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋەتمىگەن ئاساستا كونترول قىلالىغان. ئەلۋەتتە، بۇ تورداشلارغا نىسبەتەن ئانچە يېڭىلىق ئەمەس، چۈنكى تورخۇماردا ئىلگىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان 12 دانە iPhone دىن پايدىلىنىپ ياسالغان كىنو ئېكرانىدىمۇ ئوخشاش مەنزىرىنى كۆرگىلى …..
2007-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى گۇگىل باشچىلىقىدا قۇرۇلغان OHA(Open Handset Alliance) گە نوكىيا دىن باشقا دۇنيادىكى ئالاقە ۋاستىللىرىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى ئالدىراپ قاتناشتى، ھەم تەتقىقات تۈرىگە ئورتاق كۈچ قوشتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇيۇشمىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ئاستىدا بىر مۇنەۋۋەر يېڭى ئەۋلات يانغۇن سىستېمىسى (Android) ئانجروئىد دۇنياغا كەلدى. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى: گۇگىلنىڭ قۇلىدىن چىققان بۇ …..
3D كۆزەينەك تاقىماي 3D كىنو كۆرۈپ باققان، ئەمما 3D مودا كىيىم كېچىلىكى كۆرۈپ باققانمۇ؟ چەتئەلدىكى بىر مودا كىيىم كېچىلىكىدە بىر خىل 3D كۆرسىتىش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۈنۈم ى ھەقىقەتەن كىشىنى جەلپ قىلىدىكەن. تېخنىكىسىنىغۇ بەك يېڭى ۋە ئىلغار دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، بىراق ئۈنۈم جەھەتتىن قارىغاندا ھەقىقەتەن نەق جايىغا چۈشۈپتۇ. ناۋادا كەلگۈسىدە بۇ خىل …..
يېقىندا تورخۇماردا كۆرۈپ ئۆتكەن « سېزىمچان ئېكرانغا تولغان تۇرمۇش ۋە قاتناش » ناملىق سىندىكى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئەينىكى يادىڭىزدا بارمۇ؟ Ultra-Realistic ۋە FaceCake marketting technologies نىڭ ھەمكارلىقىدا ئىشلەنگەن، Microsoft نىڭ Kinect تېخنىكىسى ئاساسىدا كىيىم سىناش ئەينىگى پات يېقىندا دۆلەت ئىچىدە بازارغا سېلىنماقچىكەن، بۇ ئەينەك ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ تېز سۈرئەتتە كىيىم-كېچەكلەرنى سىناش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولماستىن، يەنە سېتىپ چىقىرىش مىقدارىنى …..
ئىلگىرى تورخۇماردا كۆرۈپ ئۆتكەن، ھەر خىل ئىمارەتلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئاساستا ئىشلەنگەن 3D پرويېكسىيە ئۈنۈملىرى يادىڭىزدا بارمۇ؟ بۇ خىلدىكى 3D تېخنىكىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئادەتتىكى كۆز بىلەنلا نادىر 3D ئۈنۈملەردىن ھوزۇرلىنىش ، ھازىر ئاللىقاچان يېڭىلىق ھېسابلانماس بولۇپ كەتتى. تۆۋەندىكى سىنمۇ شۇنىڭ دەلىلى!
ئادەتتە ئاياللارنىڭ ئۆي ئىچىدە ئىچى پۇشسا يولدىشىغا، پەرزەنتلىرىگە پوپايكا، شارپا قاتارلىق نەرسىلەرنى توقۇپ ئولتۇرىدىغان ئادىتى بولىدىغان. ئەمما Lauren Porter ماۋۇ ئايال ئولتۇرۇپ ئولتۇرۇپلا بىر دانە Ferrari ماركىلىق ئاپتوموبېل توقۇپ ساپتۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ ئاپتوموبېل نىڭ چوڭلىقى ھەقىقى Ferrari ئاپتوموبېلى بىلەن 1:1 نىسبەتتە تەڭ كېلىدىغان بولۇپ، جەمئىي 19300 مېتىر يىپ ئىشلىتىلگەن …..
جوردان جېشكاغا iPad ئارقىلىق توي تەكلىۋى قويۇپ مۇۋاپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن، تورخۇماردىكى دوستلارمۇ جايىدا ئولتۇرالماي قېلىشتى. بىراق، مۇتلەق كۆپ قىسىم تورخۇمارلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، يېڭى چىققان iPad2 بەك قىممەت ئىكەن، بىرەر قىزچاققا iPad 2 سوۋغا قىلىمەن دېگۈچە، بۇ قىزنىڭ تويى بولۇپ كەتكۈدەكمىش! ئەمما يىگىتلىرىمىز بۇنچىلىك قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئېگىپ باققان ئەمەس. iPad ئالغۇدەك پۇل بولمىسا، ئۆزىمىز ياسىۋالساقمۇ …..
قالتىس ئۇيانكە ماۋۇ مەن ئەمدى باشلىدىم ئويناشنى...