ئالما شىركىتى قانداق قىلىپ iPad توغرىسىدىكى مەخپىيەتلىكلەرنى بۇنچە چىڭ ساقلىيالىغان؟
ئالما شىركىتى iPad نى رەسمىي ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، ئاللىقاچان بىر قىسىم پروگرامما ئاچقۇچىلارغا بۇ سىرلىق يېڭى مەھسۇلاتنى خۇپىيانە كۆرسەتكەن بولۇپ، سىرتقى دۇنياغا بۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن ئۇلار نۇرغۇن مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللانغان. iPad كە پروگرامما تۈزۈپ ئىنتايىن مۇۋاپپىقىيەت قازانغان بىرەيلەن مەلۇم بىر ئاخبارات ۋاستىسىغا، ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا iPad بىلەن قانداق ئۇچراشقانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن.
بۇ ئىش ئۆتۈپ كەتكىلىمۇ ئاللىقاچان بىر يىلدىن ئاشتى، شۇڭا مەن ھازىر بۇ توغرىسىدا سۆزلىسەم بولىدۇ دەپ قارايمەن. مەن بەلكىم iPad بىلەن ئەڭ بۇرۇن ئۇچراشقان 6-كىشى بولۇشۇم مۇمكىن. بىز چوقۇم دېرىزىسى يوق بىر ئۆي ئىچىدە تۇرۇشىمىز كېرەك بولۇپ، ئۇلار تېخى بۇ ئۆينىڭ ئىشىكىگە ھىم قۇلۇپ سېلىۋەتكەن ئىدى. مەن ۋە باشقا ئۈچ پروگرامما ئاچقۇچى بۇ ئۆيگە كىرىشكە ئىجازەت بېرىلگەن بىردىنبىر كىشىلەر بولۇپ، ئالمىدىكىلەر يەنە بىزنىڭ ئىسمىمىز ۋە سۇغۇرتا نومۇرىمىزنى خاتىرىلىۋالدى.
ئۇلار ئۈستەلگە بىر دانە تۆشۈك تېشىپ قويغان بولۇپ، ھەرخىل كابېللار بىلەن iPad نى ئۈستەلگە ئورنىتىۋەتكەن ئىدى. ئۇلار مەخسۇس بۇيرۇتقان ئۈسكۈنە بىلەن iPad نى ئورىۋەتكەن بولۇپ، بىز ھەتتا iPad نىڭ سىرتقى قىياپىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىگىنىمۇ بىلمەيتۇق، بىز پەقەت ئۇنىڭغا كود يېزىش، سىيرىپ مەشغۇلات قىلىش قاتارلىقلارنىلا ئېلىپ بارالايتۇق، ئەمما سىرتقى قىياپىتى، ھەتتا قانچىلىك چوڭلۇقتا ئىكەنلىگىنىمۇ بىلەلمىدۇق.
ئۇلار يەنە ئۈستەلنى سۈرەتكە تارتىۋالدى، ناۋادا سۈرەت تارقىلىپ كېتىپ قالسا، ئۇلار بۇ سۈرەتلەر ئارقىلىق قايسى ئۈستەل ئىكەنلىگىنى ئېنىقلىيالايتى. ئۇلار بۇ ئىشنى بىزنىڭ باشلىقلارغا، ھەتتا ھەرقانداق كىشى بىلەن ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىمىز توغرىلىق بىر ئېغىز تىنماسلىققا ئالاھىدە تاپىدى، ھەتتا ئايالىمىزغا دېسەكمۇ بولمايتى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ناۋادا بىز ئىشنى بۇزۇپ قويساق، ھەممە نېمىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ئېھتىماللىقى بار ئىدى. مەن بۇ توغرىسىدا جىق ئويلىنىپ يۈرمىدىم، بىراق ئۇنىڭ دېگەنلىرى يالغاندەك قىلمايتى. بەختكە يارىشا، iPad ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا مىسلىسىز مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشتى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، iPad، سودا، سىرلىق، مەخپىيەتلىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,042 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 30-كۈنى
- يازما مەنزىلى: apple-ipad-is-the-secret-of-how-to-keep.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۆتمۈشكە نەزەر: دۇنياۋى بۇ تور بېكەتلەرنىڭ ئىلگىرى ھالىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىگىنى بىلەمسىز؟
- كېيىنكى يازما > سىز بىلمەيدىغان ئۆتمۈشتىكى بىر قىسىم ئىشلار! تارىختا ئېچىلمىغان سىرلار ئەمدى ئېچىلىۋاتامدۇ نېمە؟
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- HUVr نىڭ لەيلىمە سىيرىلما تاختىسى تەشۋىقات فىلىمى BELIEF
- كىشى ئويلاپ باقمىغان ئاجايىپ قىزىقارلىق تەجرىبىلەر
- تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
- iOS 7 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى ۋە دەرسلىك(iPhone5/5s/5c/4S/iPad)
- سىرلىق تىك-تاك پىچاق زادى قانداق ئىش؟ تىك-تاك پىچاقچىلار يەنە نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراشتۇ؟
- فرانسىيەنىڭ قىزىقارلىق ئىشلەنگەن تازىلىق قەغىزى ئېلانى – Emma
- iPad دىن پايدىلىنىپ سىزىلغان داڭلىق ھوللىۋود چولپىنى Morgan Freeman نىڭ رەسىمى، بەك ئوخشىتىۋېتىپتۇ
- سىرلىق كىچىك سېھرىگەرلىك – مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان شاكىلات؟ بۇنىڭدىكى مەخپىيەتلىكنى ھېس قىلالىدىڭىزمۇ؟
ئوھ . . .
دىۋاندىكى تۈنجى ئىنكاس مەن ئىنكاس يىزىپتىمەن يىزىپتىمەن
ئالمىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى بىرەر مەھسۇلاتى چىقىشتىن بۇرۇنلار سىرلىقلاشتۇرۇپ يامان جىق تەشۋىق قىلىىدۇ، كىيىن كىشىلەر ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ سېتىۋالىدۇ.
بۇ گەپ تۈپتىن خاتا . ئالمىنىڭ ئۆزگەرمەس پىرىنسىپى [يىڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئالاقىدار ھەرقانداق تەپسىلاتنى ئاشكارلىماسلىق] ، ئەمدى تەشۋىق مەسىلىسى بولسا ئالما ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھەقسىز كۈچى . بۇمۇ ئالمىنىڭ بىر ھېلىسى …
بۇنداق چوڭ دۇنياۋى شىركەتلەردە مەخسۇس مەخپىيەتلىكنى ساقلاش بۆلۈمى دەيدىغان بىر بۆلۈم بولىدىكەن. باشقا مىكروسوفت دېگەندەك شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئادەتتە ئانچە مۇنچە ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ، بىراق بۇلارنىڭ شۇنچىۋالا مەخپىي تۇتۇۋېتىشىگە بەك ھەيران. ھەر قېتىم يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىپ تاكى بىر ھەپتە قالغۇچە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەيدىكەن، بىر ھەپتە قالغاندا ئاندىن قاتناشقۇچىلارغا تەكلىپنامە ئەۋەتىدىكەن. بۇدامۇ شۇنداق بولدىغۇ؟ يىغىن باشلىنىپ خېلى ئولتۇردۇق رىۋايەتلەردىكى iPhone 5 چىقىدۇ دەپ، ئاخىرىدا Cook دىگەن ئاداش چىقىپ: Sorry Folks, Not iPhone 5, Yep! دەپ قويۇپ ھەممىنى تۈگەتتى.
بۇلار بازار ئېچىشقا ئۇستا
ئاشۇ ئۈچ ئادەمنىڭ ئىچىدە بىرسى مەن ئىدىم ، سىلەرگە دەپ قويمىغان يىرىم با خالاس
دىمەڭ دىسەم يەنە دەپ قويۇپسىزھە! ئەتىدىن باشلاپ خىزمەتكە كەلمەڭ!!! ئىشتىن بوشۇتۇلدىڭىز. قارسام ئۈچەيلەننىڭ ئىچىدىمۇ سىزنىڭ ئاغزىڭىز بوش كۆرۈنگەن…
رەزىل كىشىلەردە بۇ …………. ئالاي دەپ پۇل كۆتۈرۈپ بارسا ساتمىغان يە
ئەگەر ئاشكارلىنىپ قالسا ئالمىدىن بۇرۇن 深圳دا سېتىشنى باشلان كىتىدۇ ئەمەسمۇ ipadنى
بىر يىل بۇرۇن دىيارىمىزدىكى خەنزۇلار ئاچقان مەلۇم بىر يۇمشاق دېتال شىركىتىدە كەسىپ زىيارىتىدە بولۇپ قالدىم.بۇمۇ دۆلەتنىڭ مەبلەغ سالغان،قوش تىللىق يۇمشاق دېتال خىزمىتى بولۇپ،بىز تەرەپ ئۇيغۇرچىگە ئائىت خىزمەتلەرنى ھۆددىگە ئالىدىغان،ئۇلار خەنزۇچىگە ئائىت خىزمەتلەرنى قول تۇتۇپ ئىشلەيدىغانغا كىلىشمەكچىتۇق،ئەمما ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەلىپى،توختامىنى ئوقۇغاندىن كىيىن بۇ تۈرنىڭ ئاسانغا چۈشمەيدىغانلىقىنى ئەگەر ئازراقلا سەۋەنلىك،ئاشكارلىنىپ كىتىش ھادىسىسى كۆرۈلسە تاپقان پۇلۇم،پۈتۈن مەبلىغىمنى تۆلىسەممۇ ئۇلارنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىش جەرىمانىسىنىڭ 5% نىمۇ توشقۇزالمايدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم،چۈنكى بىز تەرەپنىڭ پىروگىراممىچى بالىلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كەسىپداشلار ئارا ماخىتىنىش ھىسىياتىدا سۆزلەيدىغان ئىشلار مەۋجۇد ئىدى ھەم داۋاملىشىۋاتىدۇ. كىيىنكى ئىشلارمۇ ئويلىغىنىمدەك بولدى،ماڭا تونۇش باشقا بىر شىركەت بۇ ئىشنى قىلىش جەريانىدا پىروگىرامما ئۇچۇرىنى ئاشكارلاپ قويۇشى سەۋەبىدىن يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزدى ۋە خېلىلا جېق پۇل جەرىمانىسىنى تۆلىدى. ئەمما ئوڭۇشلۇق بولغان بولسىلا نۇرغۇن پۇل پايدىسى قالاتتى.
ئۇيغۇر پىروگىراممىچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلالماسلىقنىڭ بىر سەۋەبى دەل دېتال ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارلىنىپ كىتىشىمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە. ئۇچۇر شۇنداقلا ئاشكارلىنىپ كەتسە باشقا شىركەتلەر چوتنى تىزلا سوقۇپ،ئوخشاش تۈردىكى دېتاللارنى ئەرزان قىلىپ چىقىرىۋېرىدىكەن،ئاز پايدا بولسىمۇ تىز سېتىلىدۇ دەپ.. پۇت تېرەپ تۇرغان شىركەتلەردىن ئويغۇر سوفىت نامغا ۋە مۇقىم تۈرگە تايىنىپ ھازىرغىچە تۇرۇۋاتىدىيۇ نۇرغۇنلىغان يولدا قوشۇلغان شىركەتلەر مۇشۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ۋەيران بولدى.ئالما شىركىتىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن مەخپىيەتلىك ئىشخانىسى قۇرۇشى پۈتەنلەي توغرا. بولمىسا ھازىرقى جوڭگۇچىلقتا iphone6،ipad4 نىمۇ ياساپ چىقىرىپ بولىدۇ.
جوبىز ھەقاچان :قايسىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلاپ قۇيىدىكەنسەن ، ئەتىكى قوياشنىڭ چىققىنىنى كۆرىمەن دەپ خام خىيال قىلىشما !، دەپ لىكسىيە سۆزلەپ قويغاندۇ ….
گەپكە كەلسەك ، مىنىڭچە سىر چۇقۇم ئۆزىنىڭ خۇسۇسسىيىتىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك، ئۇ تارقىلىپ كەتسە ، ئۇمىڭ سىرلىق خۇسۇسىيىتى بولمايدۇ،ئەلۋەتتە.
سىر ساقلاش __ ئۇ بىر گۈزەل ئەخلاق ھەم بىر مەجبۇرىيەت دەپ ئويلايمەن .
مەندە مۇشۇ ئالمىغا نىسپەتەن قىزىقىش ھۈجەيرىسى كەمچىل ….
مەن ئالمىنىڭ تاختا كومپىيوتېرىنىڭ قاندىغىنى ئالىدىغىنىمنىى بىلمەيۋاتىمەن ياردەم قىلساڭلا . كىتاپ ئوقۇش سۆزلۈشۈشكە بولسىمۇ بولاتتى . تەكلىپ بەرسەڭلا تازا ئويلۇنۇپ بولسا ئەرزانراقنى ئېلىپ تۇرايدىگەن . ئىككىنچى قول كومپىيوتېر بولسىمۇ مەيلىتتى . بېجىرىم بولسىلا بولدى