ماتېماتكىسى ياخشى ئەمەس قىزلارنىڭ ھەممىسى ياخشى قىزلار، تورخۇماردىكى يىگىتلەر بۇنداق قىزلارنى قولدىن بېرىپ قويماڭلار
گەپكە كەلسەك، تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇن نەرسىلەر ماتېماتكىدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭلاشقىمۇ بۇرۇندىن مۇئەللىملەر، ماتېماتكىنى ياخشى ئۆگىنىش كېرەك، ماتېماتكىنى ياخشى ئۆگەنگەن ئادەمنىڭ كاللىسى باشقا نەرسىگىمۇ ياخشى ئىشلەيدۇ دەيتى. ھەتتا، ماتېماتكىنى ئازراق ياخشى بىلگەن ئوغۇللارمۇ كىچىك سېھرىگەرلىكلەرنى كۆرسىتىپ قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئالالىشى تامامەن مۇمكىن. ئەمما، بۈگۈنكى تېمىمىز قىزلار توغرىسىدا بولىدۇ…
قىزلار ئادەتتە كۆپىنچە تەبىئىي پەنلەرگە قارىغاندا ئىجتىمائىي پەنلەرگە ئۇستىراق بولىدۇ، شۇڭا ماتېماتكا دېگەندەك تەبىئىي پەنلەردە ھامان نەتىجىسى ئوغۇللاردىن تۆۋەن تۇرۇشى، ھەتتا ياخشى ئۆگىنەلمەسلىكى تەبىئىي ئەھۋال. بىراق ماتېماتكىنى ياخشى بىلمەسلىك، ھەرگىزمۇ بۇ قىزلارنىڭ لاياقەتسىز ئىكەنلىگىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئىشەنمەمسىز؟ ئەمىسە تۆۋەندىكى بايانلارغا قۇلاق سېلىڭ.
1. ماتېماتكىسى ياخشى ئەمەس قىزلارنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ، كۆپ قىسىم تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇتقۇچىلىرى ھەمىشە ماتېماتكىنى ياخشى بىلمەيدىغان قىز ئوقۇغۇچىلارنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ، بۇ قىزلار ھەر قېتىم ئىمتىھان تۈگىگەندىن كېيىن قارا بوران كەبىي يوپۇرۇلۇپ كەلگەن ھەرخىل كەمسىتىش ۋە ھاقارەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ، بۇ خىلدىكى ئەھۋال داۋاملىق تەكرارلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن، بۇ قىزلاردا ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان پىسخىكىلىك ساپا پەيدا بولىدۇ ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ھەرگىزمۇ باش ئەگمەيدىغان بولىدۇ.
2. ماتېماتكىسى ياخشى ئەمەس قىزلار ئاساسەن دېگۈدەك كۈلگۈنچەك بولىدۇ، چۈنكى ماتېماتكا يوق تۇرمۇشتا كۆڭۈلسىزلىكمۇ بولمايدۇ، ھەر بىر تولۇق ئوتتۇرا ماتېماتكىسىنىڭ ئازابىنى باشتىن كەچۈرگەن قىزچاقنىڭ ھەممىسى قاناتسىز پەرىشتىلەر ئەمەسمۇ؟ ھېسابنى جىق ئىشلىۋەتسە تەبىئىيلا كۈلۈمسىرەشنى ئۇنتۇپ قالىدىغان گەپ، چىراي ئىپادىسىمۇ بارغانسىرى قېتىشىپ، كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىش چىقىدۇ.
3. ماتېماتكىسى ياخشى ئەمەس قىزلار ئاساسەن دېگۈدەك بىر ئاز ساددا ۋە رومانتىك كېلىدۇ، بىر ئىشلار ياكى ئادەملەرنى مۇنتىزىم فورمىلاغا چۈشۈرۈپ ئانالىز قىلمايدۇ، بىر ئاز ھېسسىياتچان ۋە زېرەك بولىدۇ. گەرچە ھېسابلاشقا ئانچە ماھىر بولمىسىمۇ، ئەمما كۆڭۈل قويۇپ مۇھەببەتلىشىدۇ، بىر ئىشلارغا ئىنچىكە ھەمدە جەلپكار بولىدۇ.
4. ماتېماتكىسى ياخشى ئەمەس قىزلار ئاساسەن دېگۈدەك بىر ئاز يۇمۇرىستىك كېلىدۇ، تۇرمۇشى لەززەتكە تولغان ھەمدە ھېسىيات جەھەتتىمۇ بىر قەدەر مول بولغان بولىدۇ. ھەر كۈنى نەچچە ۋاراق ماتېماتكىلىق سوئاللارغا قاراپ كىمنىڭمۇ چاقچاق قىلىشقا رايى بارسۇن دەيسىز؟ شۇڭا باش چۆكۈرۈپ ھېساب ئىشلەۋاتقان قىزلار ئاللىقاچان تۇرمۇشنىڭ لەززىتىدىن مەھرۇم بولغان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا پەقەت فورمۇلا ۋە گرافىكلا بار.
5. ماتېماتكىسى ياخشى ئەمەس قىزلار ئاساسەن دېگۈدەك مىننەتسىز بەدەل تۆلەشنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۈگۈن تۆلىگەن بەدەلنىڭ ئەتە ئۆزىگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىنى ھېسابلاپ يۈرمەيدۇ، بىرسىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياخشىچاق بولمايدۇ، شۇڭا بۇ خىلدىكى قىزلار ھېسسىيات جەھەتتە بىر ئاز تۇراقلىق بولىدۇ.
6. ماتېماتكىسى ياخشى ئەمەس قىزلار ھەممىسى ئاساسەن كۆڭلى تۈز، ئەمەلىيەتچىل، گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرمايدىغان بولىدۇ. كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، ماتېماتكىلىق ھېسابلار ھەمىشە ئاجايىپ مۇرەككەپ ۋە كاللىنى قايدۇرىدىغان بولىدۇ. بۇنداق سانلار ۋە گرافىكلار بىلەن تولا ئېتىشقان ئادەممۇ تولا كاللا ئوينىتىدىغان، ئەمەلىيەتچىل ئەمەس، ئابرويپەرەس بولۇپ قالىدۇ، ئىشەنمىسىڭىز ماتېماتكا ئوقۇتقۇچىڭىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىگىنى ئەسلەپ بېقىڭ.
7. ماتېماتكىسى ياخشى ئەمەس قىزلار ھەممىسى دېگۈدەك تەسەۋۋۇر كۈچىگە تويۇنغان بولىدۇ. ماتېماتكا دېگەن ئادەمنىڭ تەسەۋۋۇرىنى بوغىدىغان نەرسە، چۈنكى جاۋاپ بىردىنبىر، مەڭگۈ مۇقىم بولىدۇ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇرى ۋە تالانتىغا تايىنىپ يېڭىلىق يارىتالمايسىز، بۇ تالانتلىقلارنى ۋەيران قىلغانلىق بولماي نېمە؟! شۇڭا ماتېماتكىنى ئۇقمايدىغانلار ھەمىشە كۈچلۈك تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.
8. ماتېماتكىسى ياخشى ئەمەس قىزلار سانلارغا نىسبەتەن ئۇنچە سەزگۈر ئەمەس، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىگە نىسبەتەن ئۇنچە بەك ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ، شۇنداقلا بىر تىيىننى ئارتۇق خەجلىۋەتكىنى ئۈچۈن ھەرگىزمۇ كۆڭلىدە ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ!!!
9. ماتېماتكا ئەتراپلىق ۋە ئىنچىگە بولغان تەپەككۇرغا، قاتتىق كۈچلۈك تەپەككۇر جەريانىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئازغىنە خاتالىقنىمۇ سىغدۇرالمايدۇ، بۇ جەھەتتە ماھىر بولمىغان قىزچاقلار ھەممىسى ئاقكۆڭۈل، غەرەزسىز، تەكەللۇپسىز، ئوبدان كېلىشكىلى بولىدىغان قىزچاقلاردۇر، بۇنداق قىزلار باشقىلارنى ئوڭدا قويۇشنى ئۇقمايدۇ، پەقەت ئىزچىل سىزگە كۆيۈنىدۇ.
10. ماتېماتكىسى ياخشى ئەمەس قىزلار ئاساسەن بىر ئاز چىرايلىق بولىدۇ، ھەر كۈنى توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان قالايمىقان فۇنكسىيەلەرگە، ھېلى كۋادراد، ھېلى تىك تۆتبۇلۇڭ، ھېلى كۇنۇس، ھېلى سىنۇس… دېگەنلەرگە قاراپ ئولتۇرۇپ چىرايىمۇ تارتىپ كېتىدىغان ئىشلارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ كۈچلۈك تېخنىكىلىق ئاساسى بار. ھەر كۈنى ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ ئۆزىگە مەن بەك چىرايلىق دېيىشنىڭ بارا-بارا كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كىشىنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىشى ۋە بۇنىڭ كۈچلۈك پىسخىلىك رولى بارلىقى ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان، ئەكسىچە كۈندە غەلىتە گرافىكلارغا قاراپ ئولتۇرىدىغان قىزچاقلارنىڭ كاللىسىدا ئويلايدىغىنى ئاشۇ گرافىكلارنى ئەل قىلىش، ئۇلارنى ئەل قىلىش ئۈچۈن ئاۋال ئۇلار بىلەن ئوخشاش تۈرگە ئايلىنىشىڭىز، ئۇلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك، شۇڭا…
11. ماتېماتكىسى ياخشى قىزلار ئاساسەن ھەممىسى دېگۈدەك كەلگۈسىدە ياخشى ئانا بولالايدۇ، چۈنكى ئۇلار ماتېماتكىنىڭ ئازاۋىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ، شۇڭا ھەرگىزمۇ پەرزەنتلەرنى ماتېماتكا ئۆگىنىشكە مەجبۇرلايدىغان ئىشنى قىلمايدۇ، شۇڭا ئائىلىنىڭ كەيپىياتىمۇ بىر قەدەر قايناق ۋە ئاۋات بولۇپ، نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولىدۇ.
قېنى تورخۇماردىكى يىگىتلەر، سىلەر ماتېماتكىسى ياخشى ئەمەس قىزلارنى ياخشى كۆرەمسىلەر يوق؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۆگىنىش، توي، قىزلار، قىزىقارلىق، ماتېماتكا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 28,178 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 15-كۈنى
- يازما مەنزىلى: can-not-learn-math-girl.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تاياققا لايىق 10 خىل ئەر ۋە ئاياللار ھەققىدە دەسلەپكى مەلۇمات | مۇشۇ خىلدىكىلەردىن بولسىڭىز قاتتىق دىققەت قىلىڭ
- كېيىنكى يازما > 21-ئەسىرگە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز! بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى يانفوندىن بېشىنى كۆتۈرمەيدۇ
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
دىۋان ئوخشايدۇ.
خەپ، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندە مانىۋىر ئىمتىھاندا 20گە يېتەلمەي، ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ھەقسىز تەكرار ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئارام ئالماي بىزنى يېتەكلىگىنىدىن تەسىرلىنىپ، ئاخىرىدا 45 نومۇر ئېلىۋەتكىنىم ھازىرمۇ يادىمدا. ئوقۇتقۇچۇم «خەپ گۇي، خەپ گۇي، ساڭا قىلغان ئەجرىم بولسىمۇ بىكا كەتمەپتۇ» دېگەنتى.
ئەمما ماتىماتىكا ئۇقمايدۇ دەپ ھىچنىمىگە قارىماي قوغلاشماڭلا جۇما باللا، ماڭا ئوخشاش زىيان تارتىسىلەر، ھىچ بولمىسا بىرگە بىرنى قوشالايدىغان، ئىككىنى ئۈچكە كۆپەيتەلەيدىغان بولسۇن.
پاھ… ماۋۇ نەخ توغىرا گەپ بوپتۇ …. مەن بۇلارنى ئوقۇغاش تولۇقسىزدىكى قىز ساۋاقداشلىرىمنى ئويلىسام … توپ توغىرا چىختى ئەمەسمۇ….شۇ يىللاردىكى .. سىنىپتىكى .ئەڭ يېقىن قىز ساۋاقداشلىرىمنىڭ جىخلىرى ماتىماتكىدا ئانچە ياخشى ئەمەستى…شۇ ساۋاقداشلىرىمنى .سۆيىمەن….. بالىلىقتىكى شۇ يىللارنى ئەسلەتكەن .تورخۇمارغا رەھمەت….
ھە ئەمدى بىلەن ھۈنە ئۈگىنىۋالدىم ، قايسى كۈنى بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالغانتىم ئۆزىمۇ شۇنداق ئوماق كەچتىلا يىنىغا بىرىپ ماتىماتىكا نەتىجىسىنى سۈرۈشتۇرسەم بولغۇدەك ……(ھىجايغان ھالەت )
مانىڭدا ئىيتىلغاندەك بولسا ……….. ئۇنداق بولمىسا ئاستا كەشىنى ……….( سەت ھىجايغان ھالەت )
چىرايلىق ئەخلاقلىق قىزلا ماتىماتكىنى ئۇقمايدىغان بولسا مەن ئاستا قارارىمنى ئۆزگەرتسەم بولغىدەك مەن ئىلگىرى ھەم چىرايلىق ھەم ياخشى ئوقغان قىز بولسا دەپ ئۈمۈد قىلاتتىم بۇ گەپلەرگە قارغاندا ئۆزى دۆترەك ئاق كۆڭۈلنى ئالساق بولغىدەك دە ھە !!!!!!!! مەن بۇدا قىزلا بىلەن توردا پاراڭلاشسام ماتىماتكا ئىمتاھان نۇمۇرنى بىرىنچى بوپ سوراپ ئاندىن باشقىنى سورسام بولغىدەك
قايسى كەسىپنىڭ قىزلىرىنى كەلتۈرمەك ئەڭ تەس ؟
1تارىخنىڭ : ئۇلار ئەتىدىن كەچكىچە ھېلە-مىكىر بىلەن تولغان كىشىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان تۇرسا،
سىز ئۇنى كەلتۈرەلەمسىز؟
2ماتىماتىكىنىڭ : ھەر كۈنى ھېساپ ئىشلەپ، ھامان بىر كۈنى ساراڭ بولۇپ قالىدۇ
3كومپىيوتىرنىڭ : كومپىيوتىرنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتىگە قارىسىڭىزلا ئۇلارنىڭ قانداقلىقىنى بىلىسىز
4خېمىيەنىڭ : ئەگەر ئايرىلىپ كېتىپ قالسا خېمىيەنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشتىن يانمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۇلارغا يېقىنلاشمىغان ياخشى
5ئىقتىسادنىڭ : ئۇ سىنىڭ ئۈستىڭدىكى پۇلغا يارايدىغان ھەر بىر نەرسىنى ھېساپلاپ ئاندىن سەن بىلەن يۈرۈش يۈرمەسلىكىنى قارار قىلىدۇ
6تەنتەربىيەنىڭ : يۈرۈشتىن بۇرۇن ئاقىۋېتىنى ئوبدانراق ئويلىشىپ باققان ياخشى
7ئاكتىيورلىق نىڭ : سەن ئۇنىڭ بىلەن يۈرسەڭ تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقىنىڭنى ياكى رول ئېلىۋاتقانلىقىنىڭنى
بىلەلمەي قالىسەن
8گۈزەل-سەنئەتنىڭ : ئۇلار سىنى كۆرسە سىنى بىر يالىڭاچ مودىل دەپ قاراپ مۇئامىلە قىلىدۇ
9بىئولوگىيەنىڭ : ئۇ سىنى پەقەت مۇھەببەتنى تەجىرىبە قىلىدىغان ئۇماق كىچىك چاشقان دەپلا بىلىدۇ،
تەجىرىبە ئاخىرلاشقاندا سىنى بىر چەتكە تاشلاپ، يېڭى تەجىرىبىنى باشلايدۇ.
ۋۇ ھا ھا … جېنى بار گەپلەركەن ماۋۇ ! كۈلۈپ ئۈچىيىمنىڭ گېلىمغا كەپلىشىپ قالغىنىنى تۇيمايلا قاپتىمەن ….
ھا ھا ھا … ما راسلا قىززىقكەن… ئەمسە تېببىي ئۇنىۋېرسىتىتتا ئوقۇيدىغان قىزلار قانداقتۇ دەيمەن.. قارىغاندا دىققەت قىلىپ تۇتسام بولغۇدەك تە…
ۋاھ، كۆڭلۈمدىكى گەپلەركەنغۇ بۇ ھەممىسى… مەكتەپتىكى چېغىمدا مۇشۇ ماتېماتىكىغا ئۇستا قىزلار زادى قانداق قىزلاردۇ دەپ قالاتتىم … گەرچە مېنىڭ كاللام ماتېماتىكىغا بەك ئىشلەپ كەتمىسىمۇ باشقا پەنلەردە ياخشى ئىدىم… بولۇپمۇ ئىجتىمائي پەندە
مەن 11- تۈردىن ( تېخى بېشىمدىن ئۆتمىدى ئەمەسمۇ) باشقا ھەممىسىگە ئاساسەن چۈشىدىكەنمەن جۇمۇ(پو ئاتمىدىم)…
ئىشقىلىپ ماتېماتىكىسى ياخشى ئەمەس قىزلارئاساسەن چىقىشقاق ، ئاقكۆڭۈل، ئوچۇق – يورۇق كېلىدۇ دېسە ھەقىقەتەن ئىشىنىمەن… شەخسەن مېنىڭ مىجەزىم شۇنداق…
مۇنداق دەڭ …………
مەكتەپتىكى چاغلاردا ھېچقا دەرىستە ئالاھىدىلىكىم يوقتى ، مۇشۇ ماتىماتكا بىلەن تەبىئەتتىن باشقا
تەدبىركار يېڭى مابەت تاپقان ئوخشىماملا
بۇ تىمىنى مەن بەك ياقتۇرۇپ قالدىم!!!
نەچچە كەمدىن بېرى ماتىماتىكا بىلمەيدىغانلىقىمدىن ئازابلىنىپ يۈرۈپتىمەن دېسە،
خۇشال بولۇپ كىتىپسىزدە، قىزلار ئەزەلدىنلا پەخىرلىنىشكە لايىق.
ماۋۇ ھېلىقى مەن تونۇيدىغان ئەلىف شۇمۇ يا يەنە بىرى پەيدا بولدىمۇ؟
ماتىماتىكا بىلەمدۇ بىلمەمدۇ ئۇنىڭ كارايىتى چاغلىق…ماتىماتىكا ئالىملىرىمۇ ئەرگە تېگىدىغاندۇ دەيمەن
مەن شۇ ،
مەن قىزلارنىڭ مۇشۇ يېرىنى سوراپ باقماپتىمەن …سوراپ باقىدىغان ئىشكەن بۇ ،….
ما تىمىنى كۆرۈڭ، راستىنلا توغرىدەك قىلىدۇ جۇمۇ… ئويلاپ باقسام بۇرۇنقى ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپ قىسىمى مۇشۇ تىمىغا چۈشىدىكەن….
ماڭا ياقمىدى’ماتىماتىكىمۇ مۇھىم پەن ‘بىزنىڭ كەلگۇسىدىكى عانىللىرىمىز ‘يەنى مىلەت نىڭ عانسى تېشى پال پال ‘ىچى غال غال بوسا بۇلاما。 مەنچە يانىلا ماتىماتىكىنى بىلگەن قىزلار ياخشى
10-تۈرنىڭ مەلۇم ئىلمىي ئاساسى بار دەپ ئويلايمەن، ئادەمنىڭ ئوي-پىكىر، قىلىدىغان ئىشى، ئەترەپتىكى مۇھىت ۋە شەيئىلەر دىگەندەكلەر شۇ ئادەمنىڭ مىجەز- خۇلقىغىلا ئەمەس ، تەقى – تۇرقى، چىراي گۈزەللىكى دىگەنلەرگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىرى بار دەپ كۆرگەنمەن.
بۇلاردىن بەزىسىنى مەن ئۆزۈممۇ ھېس قىلىپ يەتكەن.
……
ئەمدى تېمىدىكى نەق گەپكە كەلسەم مىنىڭ خوتۇنۇمنىڭ ماتېماتىكىسى قانداراقتۇ زادى؟ كەچتە ماتېماتىكا نەتىجىسىنى بىر سوراپ باقاي ……
( ھاڭۋېقىپ تۇرغان چىراي )
ما تورخۇماردا گىلور دەپ بىر ئاپتور بار بىلىسىلەر، ماتىماتىكىسى دەششەت ياخشىتى
نىمىشقا بالدۇراق يوللىمىغان بولغىيتىڭىز !
مەن بۇرۇن ياخشى كۆرگەن قىز دوستۇم ماتېماتىكىغا مەندىن ئۇستا ئىدى ، شۇنداق ياخشى كۆرەتتىم . مۇشۇ پۇرسەتتە قەشقەرچە بىر چاخچاق قىلىپ قوياي ‹‹ تەدبىركار دوستۇم ، مەن ئايرىلىپ كېتىپ سەل كۆڭلۇم يېرىم بولغان ئىدى ، بۇ تېما بىلەن تۇخۇ قۇرۇمسىنىڭ دېغى قالغان كۆينەكنىڭ دېغىنى يۇقاتقاندەكمۇ بولدۇم ، رەھمەت ( قولۇمنى مەيدەمگە تۇتقان ھالدا) ››
5-دىيىلگەن سۆز ماڭا تازا چۈشىدىكەن ….مەنمۇ ماتىماتكا بىلەن بەك ھسابلىشىپ كەتمەيمەن… لىكىن مەن ئوغۇل دە…..ئوغۇللارنىڭكىنىمۇ يېزىۋەتسىڭىز بوپتىكەن
ئۆزۈممۇ ماتىماتىكا بىلەن پەقەت چىقىشالمايتتىم كىيىنچە بىرە قىز بىلەن تونۇشۇپ قالغۇدەك بولسام ئاۋال ئۇنىڭ ماتىماتىكا نەتىجىسىنى سورىسام بولغۇدەك
ماتىماتىكىغا ئۇستا قىزلارمۇ ياخشى.. لېكىن سىز ئۇنىڭدىنمۇ ئۇستا بولۇشىڭىز كىرەك… قانداق دىمىدىم
مۇشۇ ماتىماتىكىنى ئويلىسام كۈلگۈم كېلىدۇ، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇتقۇچۇم نېمىشقا ئىشلىمەيسىز دېسە، مەن ئۇقمايمەن دەپ ئولتۇرۇپلاۋالاتتىم.
ماتېماتىكىغا نوبىل مۇكاپاتى يوقتەك قىلىۋاتقان.
ماتىماتىكىنىڭ نوبىل مۇكاپاتى يوق.
ئەينى زاماندا نوبىل دەيدىغان ئالىم ۋە ماتىماتىكا ئالىمىدىن بىرسى ئۆتكەنىكەن. شۇ چاغلاردا نوبىل ئىنتايىن باي ماتىماتىكا ئالىمى بولسا ئىنتايىن نامرات ئىكەن. لىكىن بۇ ئىككىسى بىر قىزنى ياخشى كۆرىدىكەن. بۇ قىز بولسا نامرات ماتىماتىكا ئالىمىنى ياخشى كۆرىدىكەن. نوبىل بۇنىڭغا پەقەت چىدىمايدىكەن نوبىلمۇ بۇ قىزنى بەكلا ياخشى كۆرىدىكەنتۇق. شۇڭا نوبىل ئۆلىدىغان چىغىدا شۇنداق ۋەسيەت قىلىپتۇ:‹مىنىڭ مال دۇنيارىمنىڭ يىلدا مانچە پىرسەنتىنى بۆلۈپ ھەممە پەننىڭ ئالىملىرىغا نوبىل مۇكاپاتى قىلىپ بۆلۈپ بىرىڭلار پەقەت ۋە پەقەت ماتىماتىكا ئالىملىرىغىلا بۆلۈپ بىرىشكە بولمايدۇ› دەپ ئۆلۈپ كىتىپتۇ شۇنىڭدىن ئىتابارەن دۇنيادا ماتىماتىكىدىن باشقا ھەممە پەننىڭ نوبىل مۇكاپاتى بار بوپتۇ. ماتىماتىكا ئالىمىمۇ ئۇ قىز بىلەن شۇنداق بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىۋىرىپتۇ.
مەن بۇنى بەك بۇرۇن ئاڭلىغان بولغاچقا تازا ئىسىمدە قالماپتۇ. مۇشۇنى بولسىمۇ كۆرگەچ تۇرارسىلەر بۇ بەلكىم راس بولۇشىمۇ مۇمكىن.
يېڭى مابەتنى قانداق كەلتۇردىڭىز ، قىز كەلتۇرۇش تەجىربىڭىزدىن بىر شىڭگىل دەۋىتىڭە
مەن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا 17 نۇمۇر ئالغان …..
سىزنىڭ 17 نۇمۇر ئالغىنىڭىز سىزنىڭ ياخشى قىزلىقڭىزمۇ ياكى دوتلىكڭىزمۇ؟چاخ چاخ جۇمۇ ،
ھەي باللا ماۋۇ ھور قىز ماتىماتكا بىلمەيدىكە بويتاقلار پۇرسەت كەلدى
ماتىماتكىنى ئۇقمايدىغان قىزلار نىمانداق ياخشى لىكىن مەن ماتىماتىكىغا ئامراق قىزلارغا ئامراق چۈنكى ئۇلار بەك ئەقىللىق
بەك ناچار كە
مىنڭ قىز دوستۇم ماتىماتكىغا بەك ئۇستا ئىدى ….قانداق قىلارمەن……
ھە مۇنداق دەڭلار . نېمانداق ياخشى پۇرسەت كەلدى
بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنمۇ؟؟؟؟مەن ماتىماتىكىغا بەك ئۆچ..تۇلۇق ئۇتتۇرىدا %50 ۋاقتىمنى سەرىپ قىلىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 60 ئالغان….
توۋا! مەن تۇللۇقسىزدىكى ۋاقتىمدا ماتېماتىكىغا ئەڭ ئۆچ ئىدىم باشلانغۇچتىن تاكى تۇللۇقسىزنى پۈتتۇرگىچە مەۋسۇملۇق ماتېماتىكا ئېمتىھانىدا 60 تىن يۇقىرى نومۇر ئېلىپ باققان ئەمەسمەن! ئەمما لېكىن باشلانغۇچتا تەبىئەت دىگەن پەنگە سىنىپ بويىچە ئەڭ ۋەھشىيسى ئىدىم. تۇللۇقسىزغا چىققاندا فىزىكا بىلەن خېمىيە دە پۈتۈن مەكتەپ بويىچە ئالغان نومۇرم ئەڭ يۇقىرى چىقىپ مۇئەللىم ۋە ساۋاقداشلىرىمنى كەينىگە تىك چۈشۈرىۋەتكەن ئىدى. شۇ چاغلاردا ماتېماتىكىغا ئۇستا قىزلاردىن ماڭا «خەت» كەپتىكەنتۇق!
بىزنىڭ سىنىپتىكى قىزلانىڭغۇ بىر بىرىدىن ئۇستا ماتىماتىكىغا ھەي،،شۇڭىمۇ كۆڭۈلگە يارايدىغىنى يوق:-D
ناھايتى توغرا دىيىلىپتۇ
مەن ماتىماتىكىغا بەك ئۆچ………….
ئالىي مەكتەپتىكى چاغلىرىمدا ماتېماتىكىنى كۆيۈپ – پىشىپ ئۆگەنگەنلىرىمنى ئويلىسام ئۆزۈمنىڭ كۈلگۈم كېلىدۇ، ھازىر ئالىي ماتېماتىكىدىن ئەپلەپ – سەپلەپ ئۆتىۋالغىنىمىزغا خۇش ئىشقىلىپ…