پەقەت بىر پارچە رەسىم ئارقىلىقلا ئېكرانىڭىزنىڭ ساق ياكى بۇزۇقلىقىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ!
كومپيۇتېر ئېكرانى ئادەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئۈسكۈنە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ(قۇرۇق گەپ، ئېكران بولمىسا قانداقمۇ كومپيۇتېر دېگىلى بولىدۇ؟)، كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ نورمال ياكى نورمال بولماسلىقى ئادەمنىڭ كۆزىگە بىۋاستە تەسىر قىلىدىغان ئامىلنىڭ بىرى. شۇڭا سۈپىتى ياخشى بولغان بىر دانە ئېكران تاللاش ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان ئىش. ئەمما بىر قەدەر كەسپىي ئېكران سىناش ئۇسۇللىرى مۇرەككەپ ھەم ئاۋارىچىلىق، بىزمۇ ئادەتتە ئۇ پارامېتىرلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيمىز، تۆۋەندىكى سىزگە ئاددى بىر ئۇسۇلنى ئۆگىتىپ قوياي، قېنى سىز بۇ ئېكرانىڭىز بىلەن قانچىنچى قۇرغىچە كۆرەلەيسىزكىن؟
پەقەت ئالتىنچى قۇر ۋە ئالتىنچى قۇردىن يۇقىرىدىكى قۇرلارنى كۆرەلىسىڭىز، ئۇنداقتا ئېكرانىڭىزنى ئىشلەتمەيلا قويۇڭ، بۇ خىلدىكى ئېكرانلارنىڭ كۆزگە بولغان زىيىنى بەك ئېغىر. تەۋسىيەم بۇ ئېكراننى تاشلىۋېتىپ بىراقلا يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇڭ، ئىشىنىمەنكى يېڭى ئېكران ئالماشتۇرۇشقا سەرپ قىلغان پۇل كېيىن كۆز دوختۇرىغا كۆرۈنىدىغان پۇلدىن خېلىلا ئاز چىقىدۇ.
يەتتە ۋە سەككىزىنچى قۇرلارغا بارالىغانلىرى سۈپىتى بىر قەدەر ناچار ئېكرانلارنى كۆرسىتىدۇ، بىراق يەنىلا ئەپلەپ سەپلەپ ئىشلىتىشكە بولىشى مۇمكىن.
مېنىڭ ئېكرانىمدا توققۇز ۋە ئونىنچى قۇرلارنى كۆرگىلى بولدى، ئونىنچى قۇرنى كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ تۇرۇپ قارىسام خېلى ئوچۇق كۆرۈنىدىكەن، ئون بىرىنچى قۇرنى ئاساسەن كۆرەلمىدىم.
تۆۋەندىكى رەسىم ئارقىلىق سىزمۇ ئېكرانىڭىزغا باھا بېرىپ بېقىڭ:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىچىك تېخنىكىلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئېكران
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 07-ئاينىڭ 12-كۈنى
- يازما مەنزىلى: check-monitor.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۆزگىچە ئىشلەنگەن Google Chrome يېڭى ئېلانى
- كېيىنكى يازما > 50 دانە بىر ئاڭلاشقا ئەرزىيدىغان مۇڭلۇق ئېنگلىزچە ناخشىلارنى توردا ئاڭلاش
مېنىڭكىدە 11 قۇرنىمۇ كۆرگىلى بولدى ، لىكىن سەل غۇۋا . خاتىرە كومپۇتېر ئېدى .
مېنىڭ خاتىرە كومپيۇتېرىمدا 9-قۇرغىچە كۆرگىلى بولدى، قالغان ئىككىسىنىڭ ئالدىدىكى تەرتىپ نومۇرىنى كۆرەلىدىم، شۇمۇ ھېساپتۇ؟
11 تۇلۇق كۆرۈندى.
كۈچلۈكقۇ؟؟!
مېنىڭمۇ. لەپتوپتىمۇ ئېنىق چىقىدىكەن.
ئۇدۇل قارىسام 9- قۇر ئېنىق كۆرۈندى، تەكتىدىن يۇقۇرىغا ئىڭىشىم تۇرۇپ قارىسام 10-قۇر كۆرۈندى
ما رەسىم سۇيۇق كىرىستال ئېكراننى تەكشۈرۈشكە تازا ماس كەلمەمدۇ نېمە، مەن ما لەپتوپنىڭ ئېكرانىدا 9غىچە ئاران كۆرەلىدىم، 10 ،11لارنى كۆرگىلى بولمىدى.
مەن بۈگۈن تورخانىدا چىقىۋاتقان ئىدىم ئاران 2- قۇرنى كۆرەلىدىم 3-قۇرنىمى پەقەتلا پەرىڭلەندۈرۈلمىدىم جۇمۇ…..
لەپتوپىمدا 10-قۇرنى كۆرگىلى بۇلىدىكەن
مېنىڭ خاتىرە كومپيۇتېرىمدا 10-قۇرغىچە كۆرگىلى بولدى،
11-قۇرنى ئانچە پەرىقلەندۈرەلمىدىم.
بۇتور خانىدا 10- قۇرنى كور گىلى بۇلىدىكەن
خالايىق :مىنىڭ كومپىيۇتىرىمدا 12 – قۇر كۆرۇندى !!!
قانچىنچى قۇرغىچە كۆرگىلى بولسا ئېكران نورمال ،ياخشى بولغان بولىدۇ؟؟؟ئ
ماڭە ۋە ئاداش ئاران 11 قۇر تۇرسا سىنىڭ كومپىيۇتېرىڭ ئەسلا بۇزۇقكەن ئەمىسە
بۇ ئىكراننىڭ يورۇقلىقىغا باقامدۇ نىمە؟ ئىكراننى قارىداتسام 11 نى تولۇق كورگىلى بولىدىكەن ئىكراننى ئاقارتسام 2 غىچە كورگىلى بولىدىكەن