دۇنيا بويىچە تور سۈرئىتى ئەڭ تېز جاي زادى قايسى؟ چۈشۈرۈش سۈرئىتى تېز بولغاندا زادى قانچىلىك تېزدۇ؟
Pando Networks بولسا ئىنتېرنېت تورىدىكى غايەت زور مىقداردىكى سانلىق-مەلۇماتلار بىلەن بىلەن ئېتىشىدىغان بىر شىركەت بولۇپ، يېقىندا بىر پارچە دۇنيادىكى 224 دۆلەت-رايوننىڭ تور سۈرئىتى دەرىجىگە تىزىلغان دوكلاتنى ئېلان قىلغان. دوكلاتنىڭ ئەۋرىشكىسى يەرشارىدىكى 224 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىكى 20 مىليون دانە كومپيۇتېرغا نىسبەتەن 27 مىليون قېتىم چۈشۈرۈش سىنىقى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق تەييارلغان، دوكلاتنىڭ ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئايدىن 6-ئايغىچە…
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنتېرنېت تورى ئوتتۇرىچە چۈشۈرۈش سۈرئىتى 580KBps بولۇپ، ئامېرىكا 616KBps لىق نەتىجە بىلەن 26-ئورۇنغا تىزىلغان. ھالبۇكى، بۇنىڭ تېلىگراف ئورۇنلىرى بىلەن مۇئەييەن مۇناسىۋىتى بار ئىكەن، Pando شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، Verizon شىركىتىنىڭ خېرىدارلىرى 1056KBps لىق تور سۈرئىتىدىن بەھرىمان بولالايدىكەن، بۇ تور سۈرئەت ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىچە تور سۈرئىتىدىن خېلىلا يۇقىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئەمما بۇ تور سۈرئەت ھېلىھەم دۇنيا بويىچە تور سۈرئىتى ئەڭ تېز دۆلەتنىڭ تور سۈرئىتىنىڭ ئاران يېرىمىچىلىك كېلىدۇ.
تور سۈرئىتى ئەڭ تېز دۆلەت ۋە رايونلار ئىچىدىكى ئالدىنقى 15 دۆلەت ئاساسلىق ئاسىيا رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقى ياۋروپا رايونلىرىدىمۇ كىشىنى چۆچۈتكۈدەك سۈرئەت بايقالغان. ArsTechnica نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ دۆلەتلەر، مەسىلەن لىتۋانىيە(4-ئورۇندا) يېقىندا يۇقىرى سۈرئەتلىك تور بەلبېغىغا بولغان قۇرۇلۇشنى كۈچەيتكەن.
تۆۋەندە دۇنيا بويىچە تور سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان 15 دۆلەتنى كۆرۈپ باقايلى:
15. نورۋېگىيە 801KBps
14. تەيۋەن 860KBps
13. مولدوۋا 915KBps
12. فىنلاندىيە 917KBps
11. گوللاندىيە 934KBps
10. شىياڭگاڭ 992KBps
9. دانىيە 1020KBps
8. ئۇكرائىنا 1190KBps
7. شىۋېتسىيە 1234KBps
6. ياپونىيە 1364KBps
5. لاتۋىيە 1377KBps
4. لىتۋانىيە 1463KBps
3. بۇلغارىيە 1611KBps
2. رۇمىنىيە 1909KBps
1. كورىيە 2202KBps
خۇلاسە كالام: بۇ ئۇچۇرلارغا قارىساق شۇنى بايقايمىزكى، تور سۈرئىتى تېز دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى يەر-زېمىنى بىر قەدەر كىچىك، ئۇنداقتا، تور سۈرئىتى بىر دۆلەتنىڭ يەر كۆلىمى بىلەن ئوڭ-تاناسىپمۇ قانداق؟ ناۋادا مۇشۇ لوگىكا بويىچە چۈشەندۈرسەك، ئۇنداقتا بىزنىڭ سۆيۈملۈك ۋەتىنىمىزنى ئويلىغىنىمىزدا كۆڭلىڭىز قاتتىق يېرىم بولدىغۇ دەيمەن. ئەلۋەتتە بۇلار چاقچاق ئېيتىلغان گەپلەر، تەرەققىياتنىڭ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، بىزنىڭمۇ تور سۈرئىتىمىزنىڭ تېزلىشىپ بېرىشىغا ئىشىنىمەن، بولۇپمۇ جۇڭگو تېلىگرافىدىكى ئاغۋاتلار مونوپۇللۇقنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرسا، بۇ كۈنلەرمۇ تېزرەك يېتىپ كېلەر ئىدى…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3G، wifi، ئىنتېرنېت، تور، چۈشۈرۈش، سۈرئەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,162 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 01-كۈنى
- يازما مەنزىلى: internet-speed-rank.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھەقىقىي «ئۈستەل كومپيۇتېرى» – Microsoft Surface 2.0 سېتىلىشقا باشلىدى، بىرەرنى ئەپ قويامسىز؟
- كېيىنكى يازما > قىز دوستىنىڭ كۆزى شەكلىدە داچا سېلىپ تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى سۈپىتىدە تەقدىم قىلغان بايۋەتچە
- دۇنيادىكى ئەڭ تېز كىشىلەر! تېزلىكىدىن ئادەمگىمۇ ئوخشىمىغايدىغان ئادەملەر….
- قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىشتىن بىر سكونت ئىلگىرى، ناۋادا پاراڭلاشقىلى بولغان بولسا…
- دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ماشىنا – يىگىتلەرنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ چوڭ ئارمانلىرىنىڭ بىرى
- ناۋادا WiFi سىگنالىنى كۆرگىلى بولسا…
- ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئېنگلىزچە 26 ھەرپتىن تۈزۈلگەن تەگرەسىملەر
- ئۆتمۈشتىكى 20 يۈرۈش ئەڭ كۆپ پۇل تاپقان خاسىيەتلىك پالۋان فىلىملىرى(1)
- كائىناتنى كۆرگىڭىز بارمۇ ؟ 24GB سىغىمدىكى ئېنىقلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى سامان يولى سېستمىسىنىڭ رەسىمى
- تەتىلى بار تورداشلار زېرىكتىڭلارما؟ بىللە كىنو كۆرىمىز – 2012-يىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى بېلەت كىرىمىلىق دۇنياۋى 10 كىنو
- Windows 8 رەسمىي ھەقىقىي نەشىرى كەسپىي نەشىرى(سېتىۋالغاندىلا چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيسىز)
- تاللانغان سۈزۈك 50 پارچە كومپىيۇتېر ئۈستەل يۈزى تەگلىك رەسىمى چۈشۈرىۋىلىڭ
دۆلىتىمىز قانچىنجى دەرىجىگە تىزىلىدىغاندۇ ؟
دىۋانمۇ بۇ يا ؟
ئاڭلىسام تور سۈرئىتى تىزلىشىمىش، شاڭخەيدا سىناق قىلىنىپ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاننىڭ گېپى بار، ماۋۇ 80 خالتىمۇ تىزلەشكەن تورنىڭ پەيزىنى سۈرىۋىتىپتىمىش…
جۇڭگو نىڭ تور سۈرئىتى ئافرىقىدىن تىزلىقىغا ئىشىنمەن ،،قايسى كۈنى 360نىڭ تور سۈرئىتى ئولچىگۈچىدە ئولچەتسەم،نەتىجىسى:سىزئىشلىتىۋاتقان مەزكۈر تور سۈرئىتى كالا ھارۋۇسىدىنمۇ تىزلىقى بايقالدى ،،،دەپ چىقتى ،،
يەرمەيدانى كىچىك نىڭ تىز دىيىلسە . تەيۋەن 860KBps نىڭ تىز بولسا توغرا بولىدۇ
رىقابەتنىڭ كۈچىنى مۇشۇنداق ساھەلەردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ ، بىزدە ھەتتا زۇڭتۇڭلۇققىمۇ رىقابەت يوق تۇرسا ….
سىز قايسى دۆلەتتىن؟
دىمىسىمۇ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە بار ئىشلاركەن
دۇنيا بۇيىچە 1- تور سۈرئىتىدىن بەھىرىمەن بۇلۇپ ئولتۇرۇپتىمەن مانا،ئەمما بۇ كۇنلەرمۇ ئاز قالدى..
ئۇنداقتا بىزنىڭ ئىشخانىنىڭ تورسۈرئىتىنى دىمەيلا قۇياي ،بولغارىيەنىڭكىدىنمۇ ئاستا .ھە راست ،تورخۇمار مىنىڭ ئىشخانىدىكى كومپىيوتىرىمنى شىياڭگاڭنىكىگە ئۇلاپ بېرىڭا . ئاڭلىسام شىياڭگاڭنىڭ خېلى ئالدىدىكەن .
دۆلىتىمىز 75 ئورۇندا تور باھاسى يۇقۇردىكى دۆلەتتلەدىن 3 دىن 4 ھەسسىگىچە قىممەت
ۋەيرانى بۇرادەر ئەڭ تىز تور سۈرئتىدىن بەھرىمەن بولىۋاتىدۇ ھەقىچان.. ئاشۇ دۆلەتتە بولغاندىكىن… 感觉 سى قايداراق بولىدىكەن…
مەن تۇرۋاتقان يەردە يەردىكى تور سۆرىتى 58kb دۇنيا ئوتتۇرچە تور سۆرىتىنىڭ ئوندىن بىرىگە توغرا كىكىدىكەن ،يېقىندا تىلگىراف 电信بىلەن بىرلەرلەشمە خەۋەرلىشىشنى联通 مونوپۇل قىلىش جىنايىتى بىلەن جازالايدىكەن ،تور باھاسى يۇقرى بۇلۇشنى كەلتۇرۇپ چىقىرۋاتقان ئاساسلىق سەۋەب شۇ تورنىڭ نۇقۇل 电信قاتارلىق بىر ئىككى شىركەت كەلتۇرۇپ چىقارغان دىيىشمەمدۇ..
ھۇزۇرىنى دىمەيلا قۇيۇڭلار باللا…ۋەتەنگە بارسام زادىلا كۆنەلمەيدىكەنمەن دىسە،،
شۇ سىلنىڭ مەلىنىڭ تورىدىنمۇ ئىتتىك قىلىمىز دەيدۇ ما خەق
بارغا شۇكرى دەپ ئولتۇراي ئەڭ ياخشىسى
مېنىڭ تور سۈرئىتىم خۇشلىقى تۇتۇپ قالسا 1500KB دىن سەكرەپ قويىدۇ جۇما! ئەگەر سەل خاپا بۇلۇپ قالسا شۇ 800-900kb