قىزىقارلىق تەجرىبە – گۈڭگۈرت گېكسافتورىد ئاۋازىڭىزنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ! ئۇششاق باللا قالايمىقان سىناپ يۈرمەڭلا!
ئامېرىكىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قىزىقارلىق مىكرو تىياتىرى «چوڭ پارتلاش نەزىرىيىسى(生活大爆炸)» نى كۆرگەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن. بىر قىسىمدا باش پېرسوناژ Leonard بىر تۇڭ گازنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، تۇڭدىكى گاز ئارقىلىق بىر شارنى توشقۇزىۋالغاندىن كېيىن، شارنىڭ ئىچىدىكى گازنى ئازراق شوراپلا ئاۋازى بوملىشىپ كېتىدۇ. يەنە بىر قىسمىدا، باش پېرسوناژ Sheldon تېلىفون زىيارىتى قوبۇل قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ رەقىبى بىر خىل گازنى ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا قويۇۋېتىپ Sheldon نىڭ ئاۋازىنىڭ ئىنچىكىلەپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ…
بەلكىم يۇقارقى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ ئەينى چاغدا خېلى كۈلىۋالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. بىراق، ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئىش مەۋجۇدمۇ؟ جاۋابى: شۇنداق. فرانسىيەلىك خىمىيە ئالىملىرى Moissan ۋە Lebeau ئىككىيلەن 1990-يىلى بىرىكتۈرۈپ ياسىغان ئېنرت گازى – SF6 دەل مۇشۇنداق ئېلىمېنت، بۇ ئېلىمېنت بايقالغىلىمۇ ئاللىقاچان يۈز يىلدىن ئاشقان بولۇپ، 1940-يىلىنىڭ ئالدى كەينىدە، ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇنى مانخاتتون پلانى(يادرو ئارمىيەسى) ئۈچۈن ئىشلەتكەن، ئەمما ئىزچىل ھالدا، بۇ گازنىڭ ئەسلىدە بۇنچە قىزىقارلىق رولى بارلىقىنى بايقىمىغان…
گۈڭگۈرت گېكسافتورىد ھەققىدە:
مولىكۇلا فورمېلىسى SF6، نورمال تېمپراتۇرا ۋە بېسىم ئاستىدا رەڭسىز، پۇراقسىز، زەھەرسىز، چىرىتمايدىغان، كۆيمەيدىغان، پارتلىمايدىغان بىر خىل گاز جىسىم، (PS: گەرچە گۈڭگۈرت گېكسافتورىدنىڭ ئۆزى ئاساسى جەھەتتىن زەھەرسىز بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭغا ھىدروگېن فتورىد قاتالىقلارنى ئارىلاشتۇرغاندا، زەھەرلەش خۇسۇسىيىتى كۈچىيىدۇ.)زىچلىقى ھاۋانىڭ بەش ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، نورمال ھالەتتە زىچلىقى كۇب مېتىر/6.0886 كلوگرام كېلىدۇ. تۆۋەن تېمپراتۇرا ۋە بېسىم كۈچەيتىلگەن ئەھۋال ئاستىدا، سۇيۇق ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ، توڭلىتىلغاندىن كېيىن ئاق رەڭلىك قاتتىق جىسىمغا ئايلىنىدۇ. سۇبلىماتسىيىلەش تېمپراتۇرىسى -69.9 سېلسىيە گرادۇس، ئېرىش نۇقتىسى -50.8 سېلسىيە گرادۇس، كرىتىك تېمپراتۇرىسى 45.55 سېلسىيە گرادۇس، كرىتىك بېسىم 3.759MPa. گۈڭگۈرت گېكسافتورىدنىڭ خىمىيىلىك تۇراقلىقى ۋە ئىسسىقلىق تۇراقلىقى ناھايىتى ياخشى.
ئالىملارنىڭ گۈڭگۈرت گېكسافتورىد ھەققىدە ئىشلىگەن قىزىقارلىق تەجرىبىسى:
گۈڭگۈرت گېكسافتورىد ئاۋازىڭىزنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىدۇ
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئاجايىپ، ئاۋاز، تەتقىقات، تەجرىبە، قىزىقارلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,101 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 02-ئاينىڭ 01-كۈنى
- يازما مەنزىلى: sf6-test.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئالىملار سىزنىڭچە قانداق كىشىلەر ؟ ئۇلارنىڭ راسلا شۇنداق پاخپايغان چاچلىرى بىلەن يوغان كۆزئەينەكلىرى بارمۇ ؟
- كېيىنكى يازما > سىز ۋە بىز دىققەت قىلمىغان ئەشۇ كىچىك بىلىملەر – سىز قانچىسىنى بىلىدىكەنسىز ؟
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
دىۋان
يوغان ئىش !
ئاغىنە كۆڭلىڭىزگە بەك كەلگەن بولسا سىزگىلا بىرىمەن جۇما دىۋاننى
مەنمۇ بارچۇق دىگەن يەدىن جۇما
قېنى باشقىلار ئۇخلاپ قالماي كىگىزدە بولسىمۇ ئولتۇرۇپ قويۇڭلار
ياقەي ئۇندا ئەمەس ،.بەھۇزۇر ئولتىرىۋەسىلە تەخسىر كىيىنچە بىزگىمۇ نىسىپ بوپ قالا .،.،
دىۋان
توۋا ! ھىچ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇيا ، ئاۋۇ ئاداش ئاۋازىنى تەھرىرلىۋەتمىگەندۇ ھە !؟ راسلا ئۆزگۈرەپ كەتتىغۇ
مىنىڭمۇ سىناپباققۇم كىلۋاتدۇ
بالاغەتكە يەتكەن قىز بالىنىڭ ئاۋازىدەك چىقىپ قاسا مەيلىما .،.
ئاۋۇ گازنى قانداق قىلىپ يىغىۋالىدىغاندۇ …
مىنىڭ بەك سىناپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ
ئەجەب بىر قىزىقارلىق بولىدىكەن! : :mrgreen:!
مۇشۇ فىلىمنى كۆرۈپ ئولتۇرسام ئۇكامدىن تېلىفون كەپقالدى، ئالسام بوۋايلارنىڭ ئاۋازىدەك بوم ئاۋازدا«مەن ئۇكاڭ…!»دەپ گەپ قىلىۋاتىدۇ .مەن تېخى…:roll:
ئەسلىدە ئۇكامنىڭ ئۇ تاغتۇرا يان تېلىفونىنىڭمۇ سۆزلەشكەندە ئاۋازىنى ئاشۇنداق ئۆزگەرتىپ چىقىرالايدىغان ئىقتىدارى بار ئىكەن ئەمەسمۇ!
بۈگۈن تورخۇماردا يىڭىلىقلار بەك جىققۇ !
ئەكىس تەسىرى يوقما ؟
ئەمما باللا، باللا، ما گازنى قانداق قىلىپ يېغىۋالغىلى ياكى تاپقىلى بولىدۇ؟ ئەجەپ ئوماق گازكىنا بۇ
ئىسىمدە قىلىشىچە، مۇز دەۋرىنىڭ 3.قىسىمىدا ھىلىقى سىسىق ئازگالدىن ئۆتۈپ كىتۋىتىپ، تىنىپ سالسا ئاۋازى ئۆزگىرىپ كىتىدىغان يىرى بار ئىدى.
مەنمۇ شۇ يەرنى كۆرۈپ تولا كۈلۈپ،ئاۋازىم ئۆزگىرىپ كەتكەنتى
راستلا قىزىقارلىقكەن
屋塔房王世子دىگەن كورىيەنىڭ تېلىۋىزىيە تىياتىرىدىمۇ ئەر باش قەھىرمان چوھا تولا گەپ قىلىپ ئايال باش قەھىرمان پاككانىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋەتسە پاككا مۇشۇ ئۇسسۇل ئارقىلىق ئەدىپىنى بىرەتتى ….
ھەقىقەتەن شۇنداق! مەن شۇ يەرنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدىم!!!
ئالامەت
دەششەتكەنيا ….مۇشۇنداق گازلار بولسا تاپسام بولاتتى