كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ تەنتەربىيە ] دېگەن خەتكۈشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
يېپيېڭى يازمىلار:
12كېيىنكى بەت
ئاخىرقى بەت (جەمئىي 2 بەت)
تەنتەربىيە تۈرىدىكى مۇسابىقىلەرنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى تەرەپ ھامان بىر-بىرى بىلەن رەقىب بولۇپ قاتتىق كۈچ ئېلىشىدۇ. بەزىدە يېڭىش ئۈچۈن ئىنسان پىسخىكىسىنىڭ ئاجىز يەرلىرىدىكى تەن بەرمەسلىك، بويسۇنماسلىق خاھىشىنىڭ تەسىرىدە، ئۇ بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرمۇ بولۇپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە، يەنە بەزىدە كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان، ئويغا سالىدىغان دەقىقىلەرمۇ يۈز بېرىدۇ… مۇسابىقە مەيدانىدىكى ھۆرمەتكە …..
تىك-تاك توپ ھېسابتا ئېلىمىزنىڭ ئولىمپىكتىكى ئەڭ ئۇتۇقلۇق تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ بىرى. تىك-تاك توپ تاختىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ توختىماي ئېلىشىۋاتقان ماھىرلارنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈشمۇ بىر ھوزۇر ئەلۋەتتە. بىراق تۆۋەندىكى سىندىكى تىك-تاك توپ ئويناش ئۇسۇلى سەل ئۆزگىچە. يەنى، تىك-تاك توپ ئىشلەتمەيلا قالماستىن، ئالدىنقى ئىككى قېتىمدا ئۇرغىنى… پىچاقكەن! YouTube دىكى بىر …..
نۇرغۇن تەنھەرىكەتچىلەر ئۆز تۈرىدىكى تەنھەرىكەتنى ياخشى قىلىپلا قالماستىن، يەنە باشقا تۈردىكى تەنھەرىكەتلەردىمۇ ئىپادىسى كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. بەلكىم تورخۇماردىكى باللا تورخۇمارنىڭ باش بەت يان ستوندىكى ئاۋات ھېلىقىدەك رەسىملەرگە دائىم دىققەت قىلىپ تۇرۇشىڭلار مۇمكىن. بۈگۈن دىققەت قىلغان بولساڭلار، بىز قىزچاقنىڭ كالتەك توپ مەيدانىدا توپ باشلىغان رەسىمى …..
ۋېنگىرىيەلىك قىزچاق Adrienn Banhegyi يېقىندا توردىكى بىر كىچىك گۇرۇپپا بىلەن ھەمكارلىشىپ، ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا بىر بۆلەك كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ئارقان تاقلاش ماھارەت فىلىمىنى سۈرەتكە ئالغان، فىلىمدىكى ئۇنىڭ ھەرىكىتى راۋان بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئارقان بىلەن مۇكەممەل جىپسىلىشىپ كەتكەن ئىدى… Banhegyi ئارقان تاقلاشنى 15 يىل مەشىق قىلغان …..
مېسسى(تولۇق ئىسمى Lionel Andrés Messi)، ئارگېنتالىق پۇتبول چى، 1987-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇغۇلغان، ھۇجۇمچى ۋە ئوتتۇرا مەيداندا ئوينايدۇ، ھازىر بارسېلونا كوماندىسىدا، ئۇ كۆپچىلىك تەرىپىدىن «يېڭى مارادونا» دەپ ئاتالغان. 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى، مېسسى 08-09 مۇسابىقە پەسلىدە بارسېلونانى يېتەكلەپ 6 قېتىملىق چېمپيونلۇقنى ئالغان… نەچچە كۈن ئالدىدا مادرىد بىلەن ئوينىغان …..
NIKE نىڭ ئېلان لىرىنى ھەممىمىز كۆرۈپ باققان، بىراق تۆۋەندىكى NIKE ماشىنا ئادىمىنىڭ پاركور ئېلانى: ئەركىنلىككە چىقىش ئېسىڭىزدە بارمۇ يوق بىلمىدىم…. پارقىراپ تۇرىدىغان پولات بەدەن، ئۆزگىچە مۇزىكا ۋە ئاقسا پاركور ھەرىكەتلىرى پۈتكۈل ئېلاننى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەن دېيىشكە بولىدۇ. NIKE نىڭ ئېلانلىرىغا قارىسىلا ئىشقىلىپ بىر خىل ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان …..
نۆۋەتتە 2012-يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەنگىلىيەنڭ لوندون شەھىرىدە جىددىي ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ، بۇ يەنە لوندوننىڭ ئۈچىنچى قېتىم يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشى ھېسابلىنىدۇ. لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسى دەسلەپتە بىر خىل بىخەستەلىك ۋە ھەزىللىك بىلەن باشلانغان بولسا، ئەمدىلىكتە كىشىلەرگە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ جەڭ مەيدانىدەك تەسىر بەرمەكتە. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ماھىرلىرى …..
بەلكىم ئولىمپېك كۆرۈۋاتقان تور داشلىرىمىزنىڭ يادىدا بولۇشى مۇمكىن، بۈگۈن كەچتە 110 مېتىرلىق توساق ئاتلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى رەسمىي باشلىنىدۇ، ئەلۋەتتە، بۇ ماھىرلار ئارىسىدا ئېلىمىزدىكى «ئۇچار ئادەم» دەپ نام ئالغان لىيۇشياڭمۇ بار. خوش، مەقسەتكە كەلسەك، ئولىمپېك باشلانغاندىن بېرى، Google ھەر كۈنى دېگۈدەك مۇناسىۋەتلىك مۇسابىقە ھەققىدە يېڭى Doodle (گۇگېلنىڭ باش …..
بۇ قېتىمقى ئولىمپىكنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىدە ئەنگىلىيىلىكلەر ئانچە مۇنچە يۇمۇر ئارلاشتۇرۇپ سورۇننى خىلى قىزىتقان ئىدى. ئەتىگەنلىكىڭگە نېمە يىسەك كەچلىكىڭگە شۇ دىگەندەك ئولىمپىك باشلانغان نەچچە كۈندىن بىرى قىزىق ئىشلار توختىماي چىقىپ تۇرۋاتىدۇ. تېخى بىر ھەپتە بولماي تۇرۇپلا توردا ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ بىپەرۋالىقى، خاتا ھۆكۈملەر، نەتىجە تالاش تارتىشلىرى سەۋەبىدىن بۇ ئولىمپىكنى …..
ئاللا توۋا قىلدىم! FIFA12 ھەقىقەتەن بەك قورقۇنچلۇقكەن! بۇ ئويۇن نىڭ 3D ماتورىنى كىم تۈزگەن بولغىيتى؟! بۇنداق پۇتبول چىلارنى EA دىكىلەر نەدىن تېپىپ كەلگەندۇ دەيمەن؟! ئەگەر پۇتبول ئويۇنلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق بولۇپ كەتسە، كۈندە تۇرمۇشىمىز شات-خۇراملىقتا ئۆتكەن بولار ئىدى…
ئاخبارات خادىمى ۋە مارافونچە يۈگۈرۈش ماھىرى Joseph Tame توكيو شەھەر مەركىزىدىن، ئالما شىركىتىنىڭ Logo سى شەكلىدە 21 كىلومېتىر يۈگۈرگەن، ئۇ iPhone نىڭ GPS ئىقتىدارى ۋە يەنە چېنىقىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەپ(App) ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يۈگۈرۈش لىنىيەسىنى خاتىرىلىۋالغان.
كارامەت ئىگىلىرى يەنىلا ئەل ئارىسىدا دېگەن سۆز بىكار تارقالمىغان، كالتەك توپ مەيدانىدا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى بىر ۋەقە يۈز بەرگەن. بۇ خىلدىكى ئېھتىماللىقنىڭ يۈز بېرىشى بەلكىم ئادەمنى چاقماق سوقۇۋېتىشنىڭ ئېھتىماللىقى بىلەن كۆپ پەرقلەنمەس، كالتەك توپ ماھىرىنى ئايال مۇخبىر زىيارەت قىلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز كەينىدىن ئوقتەك ئۇچۇپ كېلىۋاتقان كالتەك توپنى …..
مەنمۇ كۆرەپ باقاي