كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ كۆرۈنۈش ] دېگەن خەتكۈشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
يېپيېڭى يازمىلار:
دۇنياغا داڭلىق مىكروبلوگ سۇپىسى Twitter يىل بېشىدا 6 سكونتلۇق سىن مۇلازىمىتى Vine نى يولغا قويغاندىن بېرى، بىر بۆلەك قىسقا، ئەمما نادىر كۆرۈنۈش لەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى، نادىر ھەم قىسقا بولۇشتىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، 6 سكونت ئىچىگە نۇرغۇن قىزىقارلىق كۆرۈنۈشلەر يۇغۇرۇلغان. تۆۋەندىكى 10 نەچچە مىنۇتلۇق توپلانما كۆرۈنۈشلەرنى …..
ئالدىنقى قېتىم پاركورچى ئىنىلىرىمىزنىڭ ماھارەت فىلىملىرى نى كۆرۈپ باقتۇق ھەم ئۇلارنىڭ يۈرەك سۆزىنى تىڭشىدۇق. بىراق مەشىق جەريانىدا ھەقىقىي ئەھۋالنى پەقەت شۇ ھەرىكەتنى قىلىپ باققانلارلا ھېس قىلالايدۇ. چەتئەللىك پاركور چى ئۇستاملارنىڭ بىرى James Kingston يېقىندا بىر يۈرۈش پاركور ھەققىدىكى كۆرۈنۈش لەرنى سۈرەتكە ئالغان. بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ باشقا پاركور فىلىملىرىدىن پەرقى شۇكى، پۈتۈن كۆرۈنۈش بىرىنچى …..
ئەسلىدە كۆز راستىنلا ئادەم ئالدىيالايدىكەن! كۆرۈش تۇيغۇسى بىلەن ھەپىلىشىدىغان تەتقىقاتچى Brusspup ئۈچ دانە ئەمەلىي مىسال ئارقىلىق بىر قىسىم ئالاھىدە كۆرۈنۈش لەرنى كۆرسەتكەن، كۆزىڭىزنىڭ چاپىقىنى ئېلىۋېتىپ يوغان ئېچىپ قاراڭ ھەم ھەر بىر تەپسىلاتقا ئىنچىكە قاراڭ، نەتىجىسى ئېنىقلا سىزنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىشى مۇمكىن، ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ!!!
مۇنبەر ئارىلاۋېتىپ ئۇرۇش تىن قايتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈش لەر تەسۋىرلەنگەن بىر قانچە فىلىمنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ھەممىسى نەقمەيدان كۆرۈنۈشلىرىدەك قىلىدۇ. ئايرىلغىلى ئۇزاق بولغان ھەمشىرىلەر بىلەن كۆرۈشكەن چاغدىكى ھېسسىيات بەلكىم مۇشۇ بولسا كېرەك؟
ئەنگلىيە، فىرانسىيە، پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە، مېكسىكا، ئالجىرىيە، تۈركىيە، ئىئوردانىيە، تايلاند… 343 كۈن ۋاقىت، 25 مىڭ مىل يول، 17 دۆلەت. ئەڭ گۈزەل نادىر مەنزىرىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ قىسقىغىنە 290 سكونت ئىچىگە يىغىلغان. يۈرۈڭ، بىر دانە فوتو-ئاپېراتنى ئېلىپ، بىرلىكتە يەرشارىدىكى ئەڭ گۈزەل جايلار نى ئايلىنىپ كېلەيلى!
بىر نەپەر ئامېرىكىلىق فوتوگراف ۋە ئوغلى بىرلىكتە نەچچە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، شار، iPhone ، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كامېرا ۋە تاماق قاچىسى قاتارلىقلارنى خام-ئەشيا قىلىپ بىر دانە « ئۇچار كېمە » ياساپ چىقىپتۇ ۋە بۇ يىل 8-ئايدا ئوڭۇشلۇق ھالدا ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىپ، يەرشارىنىڭ سىرتقى مەنزىرىسىنى سۈرەتكە …..
مەنمۇ كۆرەپ باقاي