بۇلار ئىقتىساد دىگەن ئۇچۇرغا يېقىن كېلىدىغان تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار، كۆرۈپ بېقىڭ

كارخانا ئىگىلىك باشقۇرۇش

كارخانا ئىگىلىك باشقۇرۇش

كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت پائالىيىتىگە نىسپەتەن  تەدبىر ، پىلان , تەشكىللەش  ، كونترول قىلىش  ، ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان ، ھەمدە كارخانىنىڭ ئەزالىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى بىر قاتار خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى . 

ئىقتىساد »باشقۇرۇش    بۇ يازما 2016-يىلى 05-ئاينىڭ 19-كۈنى يوللانغان

ۋاسىتىچى

ۋاسىتىچى

بازاردىكى پۈتۈشۈش ۋە سودا ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى تەرەپتىن بىۋاسىتە ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇنداقلا ۋاسىتىچى ئارقىلىقمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئالغۇچى ۋە ساتقۇچى ئىككى تەرەپنى كېلىشتۈرگۈچى سودىگەر ۋاسىتىچى دېيىلىدۇ.

ئىقتىساد »ئىقتىسادقا ئائىت    بۇ يازما 2016-يىلى 05-ئاينىڭ 19-كۈنى يوللانغان

پاي شىركىتى

پاي شىركىتى

پاي شىركىتى پاي چېكى تارقىتىش شەكلى ئارقىلىق، تارقاق پۇل كاپىتالىنى توپلاپ قۇرۇلىدىغان ۋە باشقۇرۇلىدىغان كارخانا. ئۇ ئىجتىمائىيلاشقان يىرىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ بارلىققا كەلگەن ۋە راۋاجلانغان. 

ئىقتىساد »كارخانا    بۇ يازما 2016-يىلى 05-ئاينىڭ 19-كۈنى يوللانغان

پۇل پاخاللىقى

پۇل پاخاللىقى

بۇ يەردە ئېيتىلغان پۇل ئوبوروت قىلىنىۋاتقان پۇلنى كۆرسىتىدۇ. پۇل پاخاللىقى بولسا قەغەز پۇلنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى تاۋار ئوبوروتىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان پۇل پاخاللىشىش، مال باھاسى ئۆرلەپ كېتىشتەك ئىقتىسادىي ھادىسىدىن ئىبارەت. 

ئىقتىساد »ئىقتىسادقا ئائىت    بۇ يازما 2016-يىلى 05-ئاينىڭ 19-كۈنى يوللانغان

مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى

مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى

مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى − بىر دۆلەتنىڭ مەلۇم مەزگىل(ئادەتتە بىر يىل) ئىچىدە بارلىق تارماقلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ قوشۇلما قىممىتى بىلەن ساپ كىرىمنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىقتىساد »ئىقتىسادقا ئائىت    بۇ يازما 2016-يىلى 05-ئاينىڭ 19-كۈنى يوللانغان

پۇل چېكى

پۇل چېكى

پۇل چېكى پۇل ئامانەت قويغۇچىنىڭ بانكىغا ئىمزا قويۇپ بەرگەن، ئۆزىنىڭ قەرەلسىز ئامانەت پۇل ئىسچوتىدىن بەلگىلىك مىقداردا پۇل ئاجرىتىپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدىغان ئىسپاتنامىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىقتىساد »ئىقتىسادقا ئائىت    بۇ يازما 2016-يىلى 05-ئاينىڭ 19-كۈنى يوللانغان

مىللىي دارامەت

مىللىي دارامەت

ماددىي مەھسۇلاتلاردىن سەرپ قىلىنغان ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى ئېشىپ قالغان قىسمى ئەمگەكچىلەر ياراتقان بايلىق ھېسابلىنىدۇ ۋە ئۇنى تۇرمۇش ئىستېمالى ۋە كېڭەيتىلگەن تەكرار ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئەمگەكچىلەر ياراتقان بارلىق بايلىق مىللىي دارامەت دېيىلىدۇ. 

ئىقتىساد »ئىقتىسادقا ئائىت    بۇ يازما 2016-يىلى 05-ئاينىڭ 19-كۈنى يوللانغان

كاپىتال

كاپىتال

ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، كاپىتال ئىككى بۆلەككە ئايرىلىدۇ، بىر بۆلىكى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، يەنە بىر بۆلىكى، ئەمگەك كۈچى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 

ئىقتىساد »ئىقتىسادقا ئائىت    بۇ يازما 2016-يىلى 05-ئاينىڭ 19-كۈنى يوللانغان

سودا

سودا

سودا ئالماشتۇرۇشمۇ دىيىلىدۇ ،ئۇ ھەم ئېلىپ ساتقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ پۇلنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق ئالماشتۇرۇش جەريانى بۇلالايدۇ ،ھەم مالنى مالغا ئالماشتۇرۇش جەريانىمۇ بۇلالايدۇ .

ئىقتىساد »ئىقتىسادقا ئائىت    بۇ يازما 2016-يىلى 05-ئاينىڭ 19-كۈنى يوللانغان

ئىقتىسادىي پىشاڭ

ئىقتىسادىي پىشاڭ

دۆلەت ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى تەڭشىگەندىمۇ پىشاڭغا ئوخشاش بەزى ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەرگە موھتاج بولىدۇ. مەسىلەن، باھا، باج، ئامانەت-قەرز، پايدا، ئىش ھەققى، پېرېۋوت نىسبىتى، ئۆسۈم نىسبىتى قاتارلىقلار. مانا بۇلار خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى تەڭشەيدىغان ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەر بولۇپ، ئىقتىسادىي پىشاڭ دېيىلىدۇ.

ئىقتىساد »ئىقتىسادقا ئائىت    بۇ يازما 2016-يىلى 05-ئاينىڭ 18-كۈنى يوللانغان