باشقىرتلار

باشقىرتلار رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ياۋروپا ئاسىيا ئىككى قىتئەدىكى زېمىنى چېگرىلىنىدىغان جايىدىكى  ئۇرال تېغى كاما دەرياسى ئارىلىقىغا جايلاشقان، غەربى قىسمى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگرىلىنىدىغان باشقىرتىستان جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى  تۈركى مىللەت.

ئۇيغۇرچە نامى باشقۇرت
ئىنگىلىزچە نامى Bashkirs
نوپۇس 2مىليۇن2يۇزمىڭ
تىلى ئالتاي تىل سېستېمىسىنىڭ تۈرك تىلى ئائىلىسىنىڭ قىپچاق تىل گۇرۇپپىسىغا تەۋە باشقىرت تىلى
ئىتىقادى ئىسلام دىنى
خەنزۇچە نامى 巴什基尔人
رۇسچە نامى Башҡорттар
تارقىلىشى روسىيە باشقۇرت جۇمھۇرىيىتى،ئوتتۇرا ئاسىيا
يې زىقى سلاۋىيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى باشقۇرت يىزىقى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

باشقىرتباشقىرتلار رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ياۋروپا ئاسىيا ئىككى قىتئەدىكى زېمىنى چېگرىلىنىدىغان جايىدىكى  ئۇرال تېغى كاما دەرياسى ئارىلىقىغا جايلاشقان، غەربى قىسمى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگرىلىنىدىغان باشقىرتىستان جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى  تۈركى مىللەت بولۇپ 2002-يىلىدىكى رۇسىيەدىكى نوپۇسى 1مىلىيون 670 مىڭ. 

باشقىرتلار  باشقىرتلار ئاساسلىق ئۇرال تېغىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى باشقىرت جۇمھۇرىيىتى (جۇمھۇرىيەتتىكى نوپۇسى1 مىلىيۇن 200 مىڭ بولۇپ باشقىرتىستان نوپۇسىنىڭ %30 نى ئىگەللەيدۇ) ۋە چىلىيابىنسىكى (166 مىڭ)، ئورېنبورگ (53 مىڭ)، تۈمەن (50 مىڭ)، قورغان (15 مىڭ) قاتارلىق ئوبلاستلاردا ئولتۇراقلاشقان. رۇسىيەدىن باشقا يەنە قازاقىستان (45 مىڭ) ، ئۆزبېكىستان (25 مىڭ) قاتارلىق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدىمۇ 100 مىڭدىن كۆپرەك باشقىرتلار ئولتۇراقلاشقان.

باشقىرتلار ئالتاي تىل سېستېمىسىنىڭ تۈرك تىلى ئائىلىسىنىڭ قىپچاق تىل گۇرۇپپىسىغا تەۋە باشقىرت تىلىنىڭ جەنۇبى قىسىم ۋە شەرقى قىسىم ئىككى چوڭ دىئالىكتىنى قوللىنىدۇ. رۇس ۋە تاتار تىلىنى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىدۇ. 1929-يىلىدىن ئىلگىرى تاتار تىلى ۋە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى تاتار يېزىقىنى ئەدەبىي تىل-يېزىق قىلىپ قوللانغان. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئۇفا ئەتراپىدىكى باشقىرت دىئالېكتى ۋە سلاۋىيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭىدىن تۈزۈلگەن باشقىرت ئېلىپبەسى ئەدەبىي تىل-يېزىق قىلىنىپ بۈگۈنگىچە ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. باشقىرت تىلى رۇس تىلى ۋە تاتار تىلى بىلەن بىرلىكتە باشقىرت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت تىلى بولۇپ، باشقىرت تىلىدا چىقىدىغان گېزىت-ژۇرنال-كىتابلار بار. باشقىرتىستاندىكى ئالى-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە باشقىرت تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ.  

باشقىرتلار ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق مىللىتى بولۇپ شەرقى قىسمىدىكى تاتارلار بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندىكىلەر قىسمەن تېرىلغۇ بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. باشقىرتلارنىڭ ئەنئەنىۋى توقۇمچىلىق، گىلەمچىلىك، تېرە بۇيۇملارنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى تارقاق بولسىمۇ سۈپەتلىك بولغاچقا ئەينى يىللىرى بۇلغار گىلەم، بۇلغار تېرە نامى بىلەن مەشھۇر بولغان. باشقىرتلارنىڭ يەنە ئوۋ ئوۋلاش ۋە ياۋاھەرە بېقىش، ناتۇرال ئىگىلىككە ئالاقىدار قول ھۈنەرۋەنچىلىكى باشقىرت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم  ئىقتسادى مەنبەسى بولۇپ كەلگەن.

تارىخى تارىخىي ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 2-ئەسىردىن مىلادى 5-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ھۇن ئىمپىرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 

    6-ئەسىردە باشقىرت زېمىنى تۈرك قاغانلىقىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن بولۇپ، بۇ رايوندا فېئوداللىق جەمىيەت شەكىللەنگەن. تۈرك قاغانلىقى دەۋرىگە ( 6-8-ئەسىرلەر ) مۇناسىۋەتلىك ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلاردىن ئالىملار كۆك تۈركلەر دەۋرىدە باشقىرت رايونىدىكى ئاھالىلارنىڭ يەنىلا ئاساسلىقى چارۋىچىلىق بىلەن ئەمما ئاز بىر قىسىمىنىڭ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئېنىقلىغان.  9-ئەسىردە بۇ رايوندىكى بۇلغار خانلىقى ئەرەب خەلىپىلىكىنىڭ ئەلچىسىنى قوبۇل قىلىپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. باتۇخاننىڭ غەرپكە يۈرۈشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن مەدەنىيەت جەھەتتە يەنىمۇ بىر گەۋدىلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن باشقىرتلار تاتارلار بىلەن بىللە ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى تەشكىل قىلغان.  1552- يىلى رۇسلار قازان خانلىقىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن باشقىرتىستان روسيە ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنىغا ئايلانغان. 1586-يىلى روسيەلىكلەر رۇسلارنى كۆچۈرۈپ كېلىپ ئۇفا شەھىرىنى قۇرغان، ئۇزۇنغا سۇزۇلغان چار روسىيە زامانىدا رۇس ئىمپېرىيىسى باشقىرىتلارنى باشقىرتىستاندىن قوغلاپ سىبىرىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا شەرقى ياۋروپا قاتارلىق جايلارغا ھەيدىگەن، ئۇلارنى خىرىستان دىنىغا كىرىشكە، رۇس تىلىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىغان. بۇ جەرياندا ساناقسىز باشقىرتلار قانلىق باستۇرۇلۇپ باشقىرت نوپۇسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى رۇس ئىمپىرىيىسىنىڭ قولىدا قىرىلىپ تۈگىگەن.

1919 -يىلى باشقىرىتسىتان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. ئۇمۇمىي ئاھالىنىڭ ئاران %19 گە چۈشۈپ قالغان باشقىرتلار تۇنجى قېتىم ئۆز يۇرتىدا مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ مەدەنىي ھاياتىنى باشلىغان بولسىمۇ ئەمما سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش دەۋرىدە نۇرغۇن زىيالىي ۋە يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن باشقىرت خەلقى گېرمانىيىگە قارشى ئالدىنقى سەپتە 100مىڭدىن كۆپ ئادىمىدىن ئايرىلغىنىغا قارىماي سوۋېت خەلقىنىڭ دۈشمىنى دېيىلىپ قاتتىق بېسىمغا ئېلىنىپ تارقاقلاشتۇرۇلغان، ستالىننىڭ تازىلاش ھەرىكىتى تەسىرىدە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ ئادەتلىرىدىن ئاساسەن دېگۈدەك ئايرىلىپ قالغان.

1990-يىلىدىن كېيىن باشقىرتلار تاتارلار بىلەن بىللە مۇستەقىللىق جاكارلىغان بولسىمۇ خەلقارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن 1993-يىلىغا كەلگەندە رۇسىيە بىلەن  كېلىشىم تۈزۈپ رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. نۆۋەتتە باشقىرتلار دىپلوماتىيە، مۇداپىئە، ئىقتىسادى مۇستەقىللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈكسەك ئاپتونومىيەدىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرماقتا.

دۆلىتىرۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ بىر مەمۇرىي رايونى بولۇپ، ئۇرال تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى غەربىي يان باغرى ھەم كاما دەرياسىنىڭ بېلايا تارمىقىدىكى باسىن رايونىغا جايلاشقان. مەيدانى 14 مىڭ 360 كۋادرات كىلومېتركېلىدۇ، ئاھالىسى 3 مىليون 853 مىڭدىن ئاشىدۇ(1985) ، ئاھالىسىنىڭ % 37 رۇسلار، %20 نى تاتارلار، % 19 نى باشقىرلا تەشكىل قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا چۇۋاش قاتارلىق مىللەتلەرمۇ ياشايدۇ. مەركىزى—ئۇفا شەھىرى. باشقىرتستاننىڭ شەرقىي ھەم شەرقىي جەنۇبىنى ئۇرال تاغلىرى ئىگىلەپ تۇرىدۇ، بۇ تاغلارنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1000-1500 مېتر كېلىدۇ. غەربىي شىمالىدا ئېگىزلىكلەر، قالغان قىسمىدا ئېدىرلىقھەم دولقۇنسىمان تۈزلەڭلىكلەر ئورۇن ئالغان. ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ ماتېرىك خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. 1-ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋاا تېمپېراتۇرىسى℃14-17℃، 7-ئايلىقى ℃16.5-℃20.5 قا يېتىدۇ. ھۆل-يېغىن مىقدارى 400-500 مىللىمېترغا يېتىدۇ.

باشقىرت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى سوۋېتىنىڭ مۇھىم نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ بىرى. سانائىتىدە نېفىت ئايرىش، نېفىت خىمىيە سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا ماشىنىسازلىق، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قەغەز سانائەتلىرىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، قارا بۇغداي ئۆستۈرۈلىدۇ، چارۋىچىلىقىدا قويچىلىق ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

2.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/65546.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#