پىلە قۇرتى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. پىلە قۇرتى (تەڭگە قاناتلىق ھايۋان)
  2. پىلە قۇرتى ()
تەڭگە قاناتلىق ھايۋان

پىلە قۇرتى

پىلە قۇرتى

پىلە قۇرتى تەڭگىچە قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى ھاشارات بولۇپ، يىپەك خام ئەشيا مەنبەسى، ئىنسانىيەت ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.

پىلە كېپىنىكى تۇغقان تۇخۇم← تۇخۇمى قورچاق ← ئايلاندۇرۇش ← تۇخۇمدىن پىلە ← ئۆزگىرىش پەرۋانىسى← يەنە يېڭى بىر ئايلىنىش تاماملىنىدۇ. مانا بۇ پىلەنىڭ ھاياتلىق تارىخى.


ئۇيغۇرچە نامى پىلە قۇرتى
ئىنگلىزچە نامى silkworm
تەۋەلىكى ھايۋانات دۇنياسى
سىنىپى ھاشاراتلەر سىنىپى
تۈرى پىلە پەرۋانىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى
تارقالغان رايونلار مۆتىدىل بەلۋا، سۇبتروپىك بەلباغ ۋە تروپىك بەلباغ رايونلىرىغا تارقالغان
تىپى تەڭگىچە قاناتلىقلار
ئائىلىسى بوغۇم ئاياغلىقلار ئائىلىسى
لاتىنچە ئىلمىي نامى Bombyx mori

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پىلە قۇرتىپىلە قۇرتى تەڭگىچە قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى ھاشارات بولۇپ، يىپەك خام ئەشيا مەنبەسى، ئىنسانىيەت ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. جۇڭگونىڭ چاڭجياڭ ۋادىسى، بولۇپمۇ جەنۇبتا بىر قەدەر كۆپ ئۆسىدۇ، تەيۋەنلەردە ئادەتتە پىلە لىچىنكىسى ياكى يىپەك قۇرۇت دەپ ئاتايدۇ.

ئۆي پىلە قۇرتى ئۇ يىپەكتىن بىلەن پىلە غوزىسى ياسايدۇ. بىر تال غوزەك بولسا  300-900 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يىپەكتىن ئىشلەنگەن بولىدۇ.

پىلە تۇخۇمى

پىلە قۇرتىپىلە تۇخۇمى: پىلە قۇرتى تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىدۇ. پىلە تۇخۇمى قارىماققا بىر تال ئىنچىكە كۈنجۈتكە ئوخشايدۇ، كەڭلىكى تەخمىنەن 1 مىللىمىتىر، قېلىنلىقى تەخمىنەن 0.5 مىللىمېتىر. بىر چىشى پەرۋانە 400 ~ 500 تال پىلە تۇخۇمى تۇغالايدۇ. 1700 ~ 2000 تال پىلە تۇخۇمىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن بىر گرام، دىئامېتىرى 0.2 سانتىمېتىر. پىلە تۇخۇمىنىڭ ئەمدىلا تۇغۇلغان چاغدىكى تۇخۇمى ئاچ سېرىق ياكى سېرىق رەڭدە بولىدۇ، 1 ~ 2 كۈندە سۇس قىزىل پۇرچاق رەڭ، يەنە ئۈچ-تۆت كۈندىن كېيىن يەنە ئۆزگىرىپ، كۈل رەڭ يېشىل ياكى سۆسۈن رەڭگە ئۆزگۈرىدۇ، بۇ مۇقىم رەڭ دەپ ئاتىلىدۇ.

پىلە تۇخۇمىنىڭ سىرتقى قەۋىتىدە قاتتىق بولغان تۇخۇم شاكىلى، ئىچىدە تۇخۇم سېرىقى ۋە شىرىلىك پەردىسى بولىدۇ، ئۇرۇقلانغان تۆرەلمە يېتىلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز تۈردە تەدرىجىي يبتىلىپ، ئۇ تۇخۇمدىن چىقىپ، قالغان تۇخۇم شاكىلىنىڭ رەڭگى ئاق ياكى سۇس سېرىق رەڭلىك بولىدۇ.

پىلە قۇرتى

پىلە قۇرتىپىلە قۇرتى: لىچىنكا ۋاقتىدىن تارتىپ پىلە تۇخۇمى ئىچىدە تۇخۇمدىن چىققان چاغقىچە، تەن رەڭگى قوڭۇر ياكى قارا رەڭلىك، يېڭىلا تۇخۇمدىن چىققان پىلە قۇرتى ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 2 مىللىمېتىر، تېنىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 0.5 مىللىمېتىر، ئۇ تۇخۇم شاكىلى ئىچىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ ئىككى-ئۈچ سائەتتىن كېيىن ئۈجمە يوپۇرمىقى يەيدۇ.

پىلە لىچىنكىسىنىڭ ئوزۇق مىقدارى ناھايىتى زور، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆسۈشى ناھايىتى تېز تەن رەڭگى بارا-بارا سۇسلىشىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئىشتىھاسىدا بارا-بارا ئاز-تولا تۆۋەنلەش ھەتتا پۈتۈنلەي پەرھىز تۇتۇش بولىدۇ، ئاز مىقداردا يىپەك قۇسىدۇ، قورسىقىنى پىلە قۇرتى تەگلىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، باش كۆكرىكىنى كۆتۈرۈپ، ھەرىكەتلەنمەيدۇ، ئۇخلاپ قالغان ئوخشايدۇ، بۇ جەريان «ئۇيقۇ» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيقۇ جەريانىدا، پىلە قۇرتىنىڭ سىرتقى قىياپىتى قارىماققا قېتىپ قالغاندەك ھەرىكەتسىز، تېنىدە تېرە تاشلاش ئۈچۈن تەييارلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ، بىر ئۆمرىدە جەمئىي تۆت قېتىم پىلە قۇرتى يىپەك چىقىرىپ غوزەك ھاسىل قىلىدۇ.

پىلە ئۇيقۇ ھالىتىدە ئۆسۈش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە پىلە ئۇرۇقىدا تۈرلۈك ئىرسىيەت بار، بەدەن شەكلىم بەك ناچار. نۆۋەتتە ئېلىمىزدە بېقىلغان پىلە ئۇرۇقدىشىدىكى تۆت ئۇيقۇ خۇسۇسىيەتلىك سورت بار.

پىلە بەش ياشتىن ئاشقاندا، بارا-بارا پىشقان ئالاھىدىلىكىنى  نامايان قىلىدۇ ئالدى بىلەن چىقىرىلغان گەندىسى قاتتىقلىقتىن يۇمشاپ، رەڭگى قارامتۇل يېشىل يوپۇرماق رەڭگىگە ئايلىنىدۇ، ئىشتىھاسىزلىشىپ، ئۈجمە يېيىش مىقدارى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ، ئالدى ھەزىم قىلىش نەيچىسى قىسقىراپ، كۆكرەك قىسمى سۈزۈكلىشىدۇ، پىلە قورت تىنىنى كۆتۈرۈپ، ئېغىزىدا يىپەك قۇسىدۇ، ئەتراپىدا يۇقىرى-تۆۋەن ئۇچۇرۇپ يىڭى غوزەك ئۈچۈن سورۇن ئىزدەيدۇ، بۇنداق پىلە، پىلە قۇرتى دەپ ئاتىلىدۇ.

پىلە قۇرتى قوچىقى

پىلە قۇرتىپىلە قۇرتى قوچىقى: پىلە غوزەك ئەشكەندىن كېيىنكى تۆت كۈن ئەتراپىدا، قورچاق بولۇپ قالىدۇ. پىلە قۇرتى قوچىقىنىڭ بەدىنى شەكلسىز خۇددى بىر يىپ ئىگىرگۈچ توقماققا ئوخشايدۇ، ئايرىما چاچ، مەيدە، قورساق قاتارلىق 3 يەككە بۆلەكتىن تۈزۈلىدۇ. بېشى كىچىك، مۇرەككەپ كۆزى ۋە سەزگۈ بۇرۇتى بار؛ كۆكرەك قىسمى ئۇزۇن، كۆكرەك پۇتى ۋە قانىتى بار. قۇرساق قىسمىدا ئۇزۇن توققۇز بۇغۇمى بار. كەسپىي خىزمىتىنى ئىشلىگۈچىلەر بۇ پىلە قۇرتى قورچىقى قورسىقىدىكى سىزىقلار ۋە قوڭۇر رەڭلىك كىچىك نۇقتىسى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش جىنسىنى پەرىقلەندۈرىدۇ. پىلە قۇرتى قورچاققا ئايلىنىشتا، تەن رەڭگى سۇس سېرىق، قورچاق يۇمران ، يۇمشاق، ئاستا-ئاستا سىرىق رەڭگە، سارغۇچ قوڭۇر رەڭ ياكى قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىپ، قورچاق پوستى قاتتىق بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن تەخمىنەن 15 ~ 12 كۈندە، ئۇ قورچاق يۇمشاق بولۇشقا باشلايدۇ، قورچىقى تېرىگە ئازراق يۆگەلگەن ھەمدە قوڭۇر رەڭدە كۆرۈنىدۇ، ئاندىن پەرۋانىگە ئايلىنىدۇ.

پىلە كېپىنىكى

پىلە قۇرتىپىلە كېپىنىكى (يېتىلگەن): پىلە كېپىنىكىنىڭ شەكلى كېپىنەككە ئوخشايدۇ، نېپىز ۋە ئاق قاسراقلىق تۈكلىرى بار، لېكىن ئىككى جۈپ قانىتى كىچىكرەك، پەرۋاز قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان. پىلە كېپىنىكى باش قىسمى شارسىمان بولۇپ، ئۇزۇن مۇرەككەپ كۆزى ۋە سەزگۈ مۈڭگۈزچىسى بولمايدۇ. كۆكرەك قىسمىدا ئۇزۇن ئۈچ جۈپ كۆكرەك پۇتى ۋە ئىككى جۈپ قانىتى بولىدۇ، قورسىقىدا قورساق پۇتى يوق، تەن بوغۇملىرىنىڭ ئۇچى ئۆزگىرىپ، تاشقى جىنسىي ئەزاغا ئۆزگەرگەن. چىشى پەرۋانىنىڭ بەدىنى چوڭ، ئاستا ئۆمىلەيدۇ، ئەركەك پەرۋانىنىڭ بەدىنى كىچىك، ئۆمىلىشى تېزرەك، قانىتى ئۇچقاندەك تەۋرىنىدۇ، جورا ئىزدەيدۇ. ئادەتتە 3 ~ 2 سائەتتىن كېيىن، چىشى پەرۋانە تۇخۇم ئىشلەپ چىقرالايدۇ. جۈپلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئەركەك پەرۋانە ئۆلۈپ كېتىدۇ، چىشى پەرۋانە بىر كېچىدە تەخمىنەن 500 دەك تۇخۇم تۇغىدۇ، ئاندىن ئاستا-ئاستا ئۆلۈپ كېتىدۇ.

پىلە كېپىنىكى تۇغقان تۇخۇم← تۇخۇمى قورچاق ← ئايلاندۇرۇش ← تۇخۇمدىن پىلە ← ئۆزگىرىش پەرۋانىسى← يەنە يېڭى بىر ئايلىنىش تاماملىنىدۇ. مانا بۇ پىلەنىڭ ھاياتلىق تارىخى.

پىلە قۇرتىپىلە قۇرتى غەلىتە تۈرىدىكى ھاشارات، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى ئۈجمە پىلىسى، پىلە قۇرتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۈژمە يوپۇرمىقىنى ئوزۇق قىلىدىغان يىپ چىقىرىپ غوزەككە ئايلاندۇرىدىغان ئىقتىسادىي ھاشاراتلار بىرى. ئۈجمە پىلىسى جۇڭگودا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يېتىلىش تېمپېراتۇراسى ℃40 ~ ℃7، پىلە بېقىشقا مۇۋاپىق بولغان تېمپېراتۇرا ℃30 ~ ℃20. پىلە لىچىنكىسى ئۈجمە يوپۇرمىقى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، داۋاملىق ئۈژمە يوپۇرمىقى يەپ بەدىنى ئاق رەڭگە ئۆزگەرگەندىن كېيىن يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇ تېرە تاشلاش باشلايدۇ. تېرە تاشلاش ۋاقتى تەخمىنەن بىر كۈن، ئۆچەكتە يېمەكسىز ھەم ھەرىكەتسىز. بىر قېتىملىق تېرە تاشلاشتىن كېيىن، يەنى ئىككىنچى لىچىنكىغا ئايلىنىدۇ. لىچىنكا جەمئىي تۆت قېتىم تېرە تاشلايدۇ، يەنە سەككىز كۈن يوپۇرماق يەپ پىلە قۇرتىغا ئايلىنىدۇ.

پىلە قۇرتىمۆتىدىل بەلۋاغ، سۇبتروپىك بەلباغ ۋە تروپىك بەلباغ رايونلىرىغا تارقالغان. ئېلىمىزنىڭ جۇجياڭ دېلتىسى رايونىدا يىپەك كۆپ چىقىدۇ، ئېلىمىزنىڭ يىپەكلىرى ئاساسلىقى جۇجياڭ دېلتىسى باشقا، يەنە شەرقىي تۈزلەڭلىك ۋە سىچۇەن ئويمانلىقىغىمۇ تارقالغان.

پىلە قۇرۇتىئۈجمە پىلىسى، ئېمەن پىلىسى، ئابدىمىلىك پىلىسى، مانىھوت پىلىسى، ئات ئۈجمە پىلىسى، پايدا پىلىسى، ياۋا پىلە، كەھرىۋا پىلىسى، كامفورا پىلە قۇرتى، كاشتان پىلە قۇرتى، چۈلۈك پىلىسى، ساپىئۇم پىلە قۇرتى، سۆگەت پىلىسى، يولۋاس پىلە قۇرتى قاتارلىق سورت تۈرلىرى بار.

پىلە قۇرتى بولسا پىلە غوزىسىنىڭ ئىچىدىن چىقىدىغان قۇرتىدىن ئىبارەت. ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتى بار.

پىلە قۇرتى  بولسا پىلە غوزىسىنىڭ ئىچىدىن چىقىدىغان قۇرتىدىن ئىبارەت. ئۇ پىلە پەرۋانىسى ئائىلىسىدىكى ھاشارات بۇلۇپ، ئۆلگەن پىلە قۇرتلىرىنى يىغۋىلىنىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىن چىقىدۇ.

خۇسۇسيىتى

جىگەر ۋە ئۆپكىنى قۈۋۋەتلەش، بەلغەم بوشىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتى بار

خاس تەسىرى

جىگەرنىڭ توسالغۇسىنى ئېچىش، ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇش، ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، قىزىتما قايتۇرۇش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش.

ئەكىس تەسىرى

ئاشقازانغا زىيان قىلىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

تارتىشىشقا قارشى تۇرۇش، تىنچلاندۇرۇش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، قان ئۇيۇشقا قارشى تۇرۇش، قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىش تەسىرى بار.

پىلە قۇرتى بەش گرام، قىزىلگۈل 10 گرام، ئۈجمە يىلتىز پوستى، كاسىنە ئۇرۇقى، بەدىيان، بادام مېغىزى، چىلخوزا مېغىزى 10 گرامدىن، ھەسەل 300 گرام. مەجۈن تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم  تاماقتىن كېيىن 10 گرامدىن يەپ بەرسە، جىگەر ۋە ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

دورىلىق ئورنى

پىلەغوزىسىنىڭ ئىچىدىن چىقىدىغان قۇرت.

مىقدارى: 9~3 گرامغىچە.

ساقلاش: ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، سايە، قۇرغاق جايدا ساقلىنىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى: بەدىيان.

ئورۇنباسارى: پىلە قۇرتى مايىقى

پىلە قۇرۇتىۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى: مەجۈنى رەبۋ.

كېسەللىك مىسالى

جىگەر ۋە ئۆپكە ئاجىزلىقى، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، لەقۋالىشىش، مۇسكۇللار لىكىلداش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، كۆز ياشاڭغۇراش، دىئابىت.

ئۈنۈملۈك تەركىبى

ئاقسىل 17 خىل ئامىنو كىسلاتا، ئۇندىن باشقا كالتسىي،  ماگنىي،  سىنك  قاتارلىق 28 خىل مىكرو ئېلېمېنت بار.[0]

يىپەك قۇرت

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#