ئېراتوسفېن

2000-يىل ئىلگىرى، مەلۇم بىر ئادەم ئاددىي ئۆلچەش قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ، يەر شارى نىڭ ئايلانمىسىنى ھېسابلاب چىقىدۇ. بۇ ئادەم قەدىمكى يۇنانىستانلىق ئېراتوسفېن تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 275-194-يىللىرى ياشىغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئېراتوسفېن
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 275 -يىل
كەسپى شائىر، تارىخشۇناس، تىلشۇناس، پەيلاسوپ
خەنزۇچە ئىسمى 埃拉托色尼
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 194-يىل
چەتئەلچە نامى Eratosthenes

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېراتوسفېن چوڭقۇر بىلىملىك كىشى بولۇپ، ئاسترونومىي گە پىششىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە جۇغراپىيىنىمۇ پىششىق بىلەتتى؛ ئۇ يەنە شائىر، تارىخشۇناس، تىلشۇناس، پەيلاسوپ بولۇپ، ئالېكساندرىيە مۇزېيىنىڭ باشلىقى بولغان.

ئەستايىدىل مىجەزلىك ئېراتوسفېن ئالېكساندرىيە شەھىرىدىن تەخمىنەن 800 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سەيىن شەھىرى(بۈگۈنكى مىسىردىكى ئاسۋاننىڭ ئەتراپىدا) ياز كۈنلىرى چىڭقى چۈشتە قۇياش نۇرىنىڭ قۇدۇق تېگىگىچە چۈشىدىغانلىقىنى، بۇ چاغدا يەر يۈزىدىكى تىك تۇرغان نەرسىلەرنىڭ سايىسى بولمايدىغانلىقىنى بايقايدۇ. بىراق، ئالېكساندرىيە شەھىرىدە يەر يۈزىدىكى تىك بۇيۇملارنىڭ ئىنتايىن قىسقا سايىسى بار ئىدى. ئۇ، تىك تۇرغان بۇيۇملارنىڭ سايىسى ئالېكساندرىيە شەھىرىدىكى قۇياش نۇرى بىلەن تىك بۇيۇملار ئارىسىدا شەكىللەنگەن ئارا بۇلۇڭدىن پەيدا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇ، يەر شارىنىڭ يۇمىلاق ئىكەنلىكى ۋە قۇياش نۇرىنىڭ تىك سىزىق بويىچە تارقىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئالدىنقى شەرتنى چىقىش قىلىپ، تەسەۋۋۇردىكى يەر مەركىزىدىن سەيىن شەھىرى ۋە ئالېكساندرىيە شەھىرىگە ئىككى تال تۈز سىزىق سىزىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئارا بۇلۇڭ ئالېكساندرىيە شەھىرىدىكى قۇياش نۇرى بىلەن تىك تۇرغان بۇيۇملار ئارىسىدا شەكىللەنگەن ئارا بۇلۇڭغا تەڭ بولىدۇ، دەپ قىياس قىلىدۇ. ئوخشاش ئۈچبۇلۇڭلارنىڭ نىسبەت مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن، مەلۇم بولغان ئىككى جاي ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقتىن پايدىلىنىپ، يەر شارىنىڭ ئايلانمىسىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولاتتى. ئېراتوسفېن ئارا بۇلۇڭنىڭ تەخمىنەن 7 گرادۇس، يەنى يەرشارى چەمبەرلىك بۇلۇڭى (360 گرادۇس) نىڭ 50 تىن بىرىگە تەڭ ئىكەنلىكىنى ئۆلچەپ چىقىپ، مۇشۇ ئاساستا يەر شارى ئايلانما ئۇزۇنلۇقىنىڭ تەخمىنەن 40 مىڭ كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىقىدۇ، بۇ يەر شارىنىڭ ئەمەلىي ئايلانما ئۇزۇنلۇقى (40 مىڭ76 كىلومېتىر) دىن ھېچقانچە پەرقلەنمەيدۇ. ئۇ يەنە قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقى 147 مىليون كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى ھېسابلاب چىقىدۇ، بۇ ئەمەلىي ئارىلىق 149 مىليون كىلومېتىرغا كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە يېقىنلىشىدۇ. بۇلار ئېراتوسفېننىڭ تەلىماتى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

ئېراتوسفېن «جۇغراپىيە» دېگەن نامنى ئەڭ بۇرۇن قوللانغان ئادەم، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ نام ئەنئەنىۋى «يەر تەزكىرىسى» نىڭ ئورنىنى ئالغان، ئۇ ئۈچ توملۇق ئەسەر يازغان. كىتابتا يەر شارىنىڭ شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى ۋە دېڭىز-قۇرۇقلۇقلارنىڭ تارقىلىشى تەسۋىرلىنىدۇ. ئېراتوسفېن يەنە مېرىدىئان − پاراللېل تورىدىن پايدىلىنىپ خەرىتە سىزىپ، فىزىكا قائىدىلىرى بىلەن ماتېماتىكا ئۇسۇلىنى ئەڭ بۇرۇن بىرلەشتۈرۈپ، ماتېماتىكىلىق جۇغراپىيىنى بەرپا قىلغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/24392.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#