- ياڭاق (ئۆسۈملۈك)
- ياڭاق (خام دورا)
ياڭاق
ياڭاق يۇقىرى ئىقتىسادىي قىممەتكە ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە بولۇپ ، خەلىقىمىز ياڭاق دەرىخىنى « تىللا دەرىخ » ، « ئۆمۈر دەرىخى » دەپ ئاتاپ كەلگەن .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ياڭاق (. JugLans regia L ) ياڭاق ئائىلىسى ( JugLandaceae ) ياڭاق ئۇرۇقدىشىغا ( . JugLans L ) تەۋە ، ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى ئۆستۈرۈلۈش تارىخى ئۇزۇن ، تۈرى ۋە سورتلىرى مول بولغان قەدىمكى مېۋىلىك دەرەخ ، شۇنداقلا ئېكىسپۇرىت قىلىنىدىغان ئاساسىي يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى . ياڭاق يۇقىرى ئىقتىسادىي قىممەتكە ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە بولۇپ ، خەلىقىمىز ياڭاق دەرىخىنى « تىللا دەرىخ » ، « ئۆمۈر دەرىخى » دەپ ئاتاپ كەلگەن .
يۇپۇرمىقى
ياڭاقيوپۇرمىقى ئېللىپىس تۇخۇمسىمان شەكىللىك ۋە سوزۇق ئېللىپس شەكىللىك بولۇپ ،، ئۇزۇنلىقى 25 ~ 50 سانتىمېتىر ، كىچىك يوپۇرمىقى 9 ~ 5 ، ئۇچىدا ئۆسكەن كىچىك يوپۇرماقلىرى ئادەتتە بىر قەدەر چوڭ ، ئۇزۇنلىغى 5 ~ 15 سانتىمىتىر , كەڭلىكى 3 ~ 6 سانتىمىتىر ، ئالدى ئۇچى ئۆتكۈر ئۇچلۇق ياكى ئۇچلۇق ، تۈۋى قىسمى يۇملاق ياكى شىناسىمان كېلىدۇ ، بەزىدە يۈرەك شەكىللىكمۇ بولىدۇ. يۇپۇرماق قىرى گىرۋەكلىك ياكى دىقماق چىشلىق ، ئەمما روشەن بولمايدۇ ، سىرتقى يۈزى قېنىق يېشىل ، تۈكسىز ، تاقىر ، يۇپۇرماق ئارقىسى تالالىق ، ئىنچىكە تۈكلىرى بار ، يوپۇرماق سېپى ئىنتايىن قىسقا ، ياكى يوق دىيەرلىك.
چېچىكى
ياڭاقچېچەكلەش مەزگىلى 5 - ئاي بۇلۇپ، ئاتىلىق گۈلى پوتلىسىمان گۈل رېتى تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇردۇ ، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 5 ~ 10 سانتىمېتىر، ئاتىلىق گۈلىنى ئورىغۇچى يوپۇرمىقى بولۇپ ، كىچىك ئورىغۇچى يوپۇرماق ۋە گۈل يېپىنچا ياپراقچىسىدىن تەركىب تاپىدۇ . ئانىلىق گۈلنىڭ ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرمىقى ئىنتايىن قىسقا ھەم تۈكلۈك ، تۇمشۇقى سۇس يېشىل رەڭدە بولىدۇ .
مېۋىسى
مېۋىسى سوقىچاق ، دىئامېتىرى تەخمىنەن بەش سانتىمېتىر كۈل رەڭ يېشىل . تۈكى يوق ، ئىچكى قىسمىدا شارسىمان قاتتىق شاكاللىق مېۋىسى بولىدۇ، سارغۇچ پور رەڭلىك يۈزىدە رەتسىز ئىزلىرى بار. مېۋىسى سوقىچاق شارسىمان ، دىئامېتىرى 4-6 سانتىمېتىر ، تۈكسىز ، تاقىر . مېۋە ئۇرۇقچىسى سەل چوڭراق.، 2 تال قىرى بار ، ئۇچى قىسقا ئۇچلۇق . بىر قەدەر نېپىز ئايرىغۇچى پەردىسى بار، ئىچكى مېۋە پوستى ئىچكى دىۋارى رەتسىز بوشلۇق ياكى يوچۇق ئۈچۈن پەقەت پۈرلىشىش يوق . ياڭاق شاكىلى بولسا سىرتقى مېۋە شۆپۈكى ۋە ئىچكى مېۋە پوستى تېخى تولۇق پىشمىغان ئۈچۈن كۆك ، پىشقاندىن كېيىن چۈشۈپ كېتىدۇ . يېڭى ياڭىقى ناھايىتى ئاچچىق .
ياڭاق دۇنيادىكى تۆت چوڭ قۇرۇق مېۋە ( ياڭاق ، بادام ، كاشتان ۋە پىستە) قاتارىغا كىرىدۇ. شىنجاڭدا ياڭاقنىڭ قەغەز ياڭاق، خەسە ياڭاق، روجەكلىك ياڭاق، مېغىز ياڭاق، تۇخۇمسىمان ياڭاق، ئەيخۇش ياڭاق، سوقىچاق ياڭاق، ياغلىق ياڭاق، يۈرەك ياڭاق، پىستە ياڭاق، ياپلاق ياڭاق، قاپاق ياڭاق، قۇش تۇمشۇق ياڭاق، غوزا ياڭاق، توم زىيىلىق ياڭاق، قۇتۇر ياڭاق ،
قارا ياقاق، ئۈچ قىرلىق ياڭاق، تۆت قىرلىق ياڭاق، بەش قىرلىق ياڭاق، تاش ياڭاق، قوشماق ياڭاق، پۈچەك ياڭاق، ياۋا ياڭاق، .........قاتارلىق 100 خىل سورتى بار.
خەسە ياڭاق
خەسە ياڭاقبۇ خىل ياڭاق ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ خوتەن ، قاغىلىق ، يەكەن قاتارلىق ناھىيە ۋە رايۇنلىرىدا كۆپىرەك ئۆستۈرۈلىدۇ . ياڭاقنىڭ سىرتقى يۈزى سىلىق ھەم نېپىز ، مېۋە ساپىقى تەرىپى سەل ئىنچىكە ، تۇمشۇق تەرىپى سەل يوغان بولۇپ ، تەتۇر تۇخۇم شەكلىدە .
مېغىزى توق چىقىپ يىيىشكە ئاسان ، ماي تەركىبى يۇقىرى ، بىر كىلوگىرام ياڭاقتىن 600 - 650 گرام ساپ مېغىز چىقىدۇ .
ياڭاقنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ ، ئۇنى تاغلىق ، قۇملۇق ، سازلىق ، شورلۇق يەرلەردە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ . ياڭاق ئۈچكىلىك مېۋىسى تۇخۇمسىمانراق بولىدۇ ، ئۇچ يوپۇرمىقى ئۇچلۇق ، سوغۇققا ، قۇرغاقچىلىققا ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، مۇنبەت ، نەم ، قۇمساڭ ئەت تۇپراقلاردىمۇ ئۆسەلەيدۇ، سۇغا ئامراق.
شېخى ۋە يوپۇرمىقى ئائىلىلەردە يۇڭ كېيىم - كىچەك ۋە گىلەملەرگە كۈيە چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالاھىدە ئىشلىتىلىدۇ . ياغىچى بولسا ھاۋا قاتنىشى ۋە ھەربىي سانائەت ، تامغا ياساش جەھەتلەردىكى ئالاھىدە خام ماتىرىيال ، مېۋە پوستى دۆلەت مۇداپىيەسىدىكى زەھەردىن مۇداپىيەلىنىش نىقابىنىڭ ئالاھىدە سۈپەتلىك ماتىرىيالى .
دورىلىق قىممىتى
ياڭاقياڭاق مېغىزى تەركىبدە ماي ، ئاقسىل ، فوسفۇر ، كالىتسىي ، يود قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ سانائەت ۋە دورىگەرلىكتە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ . بولۇپمۇ ياڭاق مېغىزى تەركىبىدە يود مىقدارى ئالاھىدە كۆپ بولۇپ ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىدە ئالاھىدە رول ئوينايدۇ. شېخى ۋە يوپۇرمىقى ھەرخىل ئۆسمە ۋە بەدەن قىچىشىش قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
ياڭاق تەركىبىدە % 86 تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ ، ياڭاق تەركىبىدە مىس ، ماگنىي ، كالىي ، پىرىدوكسىن ، فولىن كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن B 1 ، ۋىتامىن B 2 بىلەن پانتوتېنىك كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار. ھەر 50 گىرام ياڭاقنىڭ سۇ تەركىبى % 3.6 نى ئىگىلىگەن ، يەنە تەركىبىدە ئاقسىل ، 7.2 گىرام ، ياغ 31 گىرام ۋە كاربون - سۇ بىرىكمىلىرى 9.2 گىرام .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.