بۆرەك ۋە سۈيدۈك يول تېشى

بۆرەك ۋە سۈيدۈك يول تېشى

بۆرەك , سۈيدۈك نەيچىسىگە تاش پەيدا بولۇش يەنە يۇقىرىقى سۈيدۈك يولى تېشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۆرەك ۋە سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇشنىڭ  ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى بولسا مۇجۇپ ئاغرىش ۋە سۈيدۈكتە قان  بولۇش. بۆرەك , سۈيدۈك نەيچىگە تاش چۈشۈشنى  داۋالاش كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلۇشلا بولماستىن ، بۆرەك ئىقتىدارىنى قوغداش ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەللىك سەۋەبىنى ئىمكانقەدەر تېپىپ چىقىپ ساقايتىش  ، قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

غەرب تېبابىتى نامى بۆرەك ۋە سۈيدۈك يول تېشى
كېسەللىك سەۋەبى مۇجۇپ ئاغرىش ۋە سۈيدۈكتە قان بولۇش
تەۋە بۆلۈم ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى بۆرەك،سۈيدۇك يولى
ئاساسلىق ئالامىتى بۆرەك ياللۇغى ۋە بۆرەك تېشى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ بىر قىسمىدا كۆرۈلىدۇ
خەنزۇچە نامى 肾、输尿管结石
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۆرەك ۋە سۈيدۈك يول تېشى سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بۆرەك ئورنىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش، سۈيدۈك يوللىرىنىڭ توسۇلۇشى ۋە بۆرەك ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: بۆرەك ياللۇغى ۋە بۆرەك تېشى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ بىر قىسمىدا كۆرۈلىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: ئارپىبەدىيان يىلتىزى پوستى، چىڭسەي يىلتىزى پوستى 80گرامدىن، بەدىيان، رۇمبەدىيان، چىڭسەي ئۇرۇقى 40 گرامدىن، سېرىق ئوت ئۇرۇقى 20گرام، شېكەر بىر كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى چالا سوقۇپ، 5.1 لىتىرسۇغا بىرسوتكاچىلاپ قويۇپ قاينىتىپ سۈزۈپ، شېكەر سېلىپ قىيام تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.

2-رېتسېپ

بۆرەك ۋە سۈيدۈك يول تېشىتەركىبى: بىلسان ئۇرۇقى، تۇرۇپ ئۇرۇقى، تاغ سەۋزىسى ئۇرۇقى، پەتەرئاساليۇن، بۆرە سويمىسى يىلتىزى پوستى، بەدىيان يىلتىزى پوستى، جاۋاشىر، ئاقلانغانبادام مېغىزى، ھەببۇلغار، مەككى چىغى(ئىزخىر) ، سۇمبۇل، قېلىن دارچىن، قەنتەرىيۇن،ئادراسمان ئۇرۇقى، يۇمىلاق زىراۋەندە، جىنتىيانا، ئاسارۇن، قەردمانە، سەكبىنەج،ئاق بەزرۇلبەنجى، مۇقىل، پىلپىل، ئېگىر 10 گرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،بىلسان يېغىدا ياغلاپ، ئېرىتىلگەن ئەرەب يىلىمىدا خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 تالدىنئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزى، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى 15 گرامدىن،سېمىز ئوت ئۇرۇقى ئالتە گرام، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى توققۇز گرام، نىشاستە، كەتىرا،ھەببۇل قۇلت(بىرخىل ماش) ئۈچ گرامدىن، ھەجەرۇل يەھۇد(جوھۇت تېشى) تۆت گرام، شېكەرپۈتۈن دورا ۋەزنى بىلەن تەڭ.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تالقان تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر توققۇز گرام دورا نوقۇت سۈيى بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#