فىلادېلفىيە
ئا ق ش نىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىدىكى چوڭ سودا-سانائەت شەھىرى. فلادېلفىيەدېلاۋېر دەريا بويىچە جايلاشقان. شەھەر بىلەن ئاتلانتىك ئوكيان ئارىلىقى 153 كىلومېتىر كېلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئا ق ش نىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىدىكى چوڭ سودا-سانائەت شەھىرى. فلادېلفىيەدېلاۋېر دەريا بويىچە جايلاشقان. شەھەر بىلەن ئاتلانتىك ئوكيان ئارىلىقى 153 كىلومېتىر كېلىدۇ. يىراق ئوكيان پاراخوتلىرى دېلاۋېر قولتۇقى ھەم دېلاۋېر دەرياسىنى بويلاپ شەھەر ئىچىگە كىرەلەيدۇ. ئۇ ئا ق ش بويىچە ئاتاقلىق دەريا پورتى، ئاتاقلىق كېمىسازلىق، نېفىت سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. شەھەر ئاھالىسى 4 مىليون 890 مىڭدىن ئوشۇق(1981) بولۇپ، ئا ق ش بويىچە تۆتىنچى چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدۇ.
فلادېلفىيە شەھىرىدە يەنە كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، نەشرىياتچىلىق، ئېغىر تىپتىكى ماشىنىسازلىق، ئېلېكتر ماشىنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش، ئاپتوموبىل، خىمىيە سانائەت، نېفىت، خىمىيە قاتارلىق سانائەتلەرمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇلاردىن باشقا توقۇمىچىلىق ۋە باشقا يېنىك سانائەتلەرمۇ تەرەققىي قىلغان.
فىلادېلفىيە ئا ق ش نىڭ مۇھىم تارىخىي شەھىرى بولۇپ، 1681-يىلى قۇرۇلغان. 1776-يىلى ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان بويىدىكى 13 مۇستەملىكىسى بۇ جايدا مۇستەقىللىك ئېلان قىلغان. 1787-يىلى ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە ئاساسىي قانۇنى بۇ جايدا تۈزۈلگەن. 1790-يىلدىن 1800-يىلغىچە ئا ق ش نىڭ پايتەختى بولغان. شەھەرنىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. شەھەردىن ئا ق ش نىڭ نيۇ يورك، ۋاشىنگتون، پتتىسبورگ شەھەرلىرىگە بارىدىغان نۇرغۇن تارماق تۆمۈر يول، تاشيولئلار، ھاۋا يوللىرى بار. فلادېلفىيە شەھىرىدىكى يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1907-يىلى سېلىنغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 47 كىلومېتىر كېلىدۇ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.