پاراشۇتلۇق سەكرەش تەنھەرىكىتى

پاراشۇتلۇق سەكرەش

ئەڭ دەسلەپكى پاراشۇتلۇق سەكرەش 1785-يىلى بارلىققى كەلگەن، فرانسىيىلىك بېرلانسار ئېغىر نەرسىلەرنى ۋە ئىتنى ئېگىز بوشلۇقتىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ سىناق قىلىپ، ھاۋا شارى ئۈستىدىن پاراشۇت بىلەن پەسكە تۆۋەنلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى پاراشۇتلۇق سەكرەش تەنھەرىكىتى
خەنزۇچە ئىسمى 跳伞运动

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پاراشۇتلۇق سەكرەشئەڭ دەسلەپكى پاراشۇتلۇق سەكرەش 1785-يىلى بارلىققى كەلگەن، فرانسىيىلىك بېرلانسار ئېغىر نەرسىلەرنى ۋە ئىتنى ئېگىز بوشلۇقتىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ سىناق قىلىپ، ھاۋا شارى ئۈستىدىن پاراشۇت بىلەن پەسكە تۆۋەنلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. 12 يىلدىن كېيىن، فرانسىيىلىك كانارىن پارىژدا 600 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھاۋا شارىدىن پاراشۇتلۇق سەكرەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. 1911-يىلى روسىيىلىك كېرشكوف دۇنيادا تۇنجى قاتلىغىلى بولىدىغان بوغچىلىق پاراشۇتنى كەشىپ قىلغان؛ ئامېرىكىلىق سېينت لۇئى تۇنجى قېتىم ئايروپىلاندىن سەكرەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.

پاراشۇتنى ئەڭ دەسلەپتە ئاساسلىقى ئۇچقۇچىلار خەۋپكە يولۇققاندا ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن. 1951-يىلى يۇگوسلاۋىيىدە ئالتە ياۋروپا دۆلىتى قاتناشقان تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا پاراشۇتلۇق سەكرەش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن، بۇ، پاراشۇتلۇق سەكرەشنىڭ ھازىرقى زامان مۇسابىقە تەنتەربىيىسىگە كىرىشىنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. 1954-يىلى فرانسىيىدە2-نۆۋەتلىك دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن، كېيىن ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى. 

پاراشۇتلۇق سەكرەشپاراشۇتلۇق سەكرەش ھەرىكىتى ئايروپىلاندىن سەكرەش، ھىدروگېنلىق گاز شارىدىن سەكرەش ۋە پاراشۇت مۇنارىدىن سەكرەش دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. دۇنيادا ئەڭ ئومۇملاشقىنى ئايروپىلاندىن سەكرەش بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە بەلگىلەنگەن نۇقتىغا سەكرەش، ئالاھىدە تېخنىكىلىق سەكرەش، شەكىل چىقىرىپ سەكرەش ۋە پاراشۇت دەسسەپ سەكرەش تۈرلىرى بار. 

بەلگىلەنگەن نۇقتىغا سەكرەش

بەلگىلەنگەن نۇقتىغا سەكرەشتە تەنھەرىكەتچى 700 مېتىردىن يۇقىرى ئېگىزلىكتىكى ئايروپىلاندىن سەكرەپ، پاراشۇتنى تىزگىنلەپ بەلگىلەنگەن رايون ئىچىگە چۈشىدۇ. يەر يۈزىدە سەكرەش نىشانى بولۇپ، تەنھەرىكەتچى بەدىنىنىڭ ئاۋۋال يەرگە تەگكەن قىسمى نىشان مەركىزىگە قانچە يېقىن بولسا، نەتىجىسى شۇنچە ياخشى بولىدۇ، نىشان مەركىزىگە دەسسىگەن بولسا، نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.

 ئالاھىدە تېخنىكىلىق سەكرەش

 ئالاھىدە تېخنىكىلىق سەكرەشتە، تەنھەرىكەتچى ئايروپىلاندىن ئايرىلىپ پاراشۇتنى ئېچىشتىن ئاۋۋال ئەركىن چۈشۈش باسقۇچىدا بوشلۇقتا ئوڭ-سولغا پىرقىراپ ئايلىنىش، ئالدى-كەينى موللاق ئېتىشتەك ئالاھىدە تېخنىكىلىق ھەرىكەتلەرنى ئورۇندايدۇ. ھەرىكەتنى ئورۇنداش ۋاقتى ئاز، سۈپەتلىك ئورۇندىغانلار غەلىبە قىلىدۇ.

 شەكىل چىقىرىپ سەكرەش

 شەكىل چىقىرىپ سەكرەش كوللېكتىپ مۇسابىقە تۈرى بولۇپ، ئىككىدىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى بىر ياكى بىرقانچە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە سەكرەپ چۈشۈپ، ئۆزئارا يېقىنلىشىپ قول، بىلەك، پۇتلارنى ئىشقا سېلىپ، ھەر خىل بەلگىلەنگەن شەكىللەرنى چىقىرىدۇ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا چىقارغان شەكىللىرى كۆپ، سۈپەتلىك ئورۇندىغانلىرى غەلىبە قىلىدۇ.

 پاراشۇت دەسسەپ سەكرەش

 پاراشۇت دەسسەپ سەكرەشتە، پاراشۇت بوشلۇقتا ئېچىلغاندىن كېيىن، بىرقانچە تەنھەرىكەتچى ئۆزئارا يېقىنلىشىپ، ئۈستىدىكى تەنھەرىكەتچى تۆۋەندىكى تەنھەرىكەتچىنىڭ پاراشۇتىنى تۇتۇۋېلىپ ياكى پۇتى بىلەن پاراشوت يىپىنى ئىلىۋېلىپ، بىر-بىرى بىلەن ئۇلىنىپ بەلگىلەنگەن ھەر خىل شەكىللەرنى ھاسىل قىلىدۇ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئورۇندىغان شەكلى كۆپ، سۈپەتلىك ئورۇندىغانلار غەلىبە قىلىدۇ. 

پاراشۇتلۇق سەكرەشپاراشۇتلۇق سەكرەشنىڭ دۇنيادا ئىككى تۈرلۈك چوڭ مۇسابىقىسى بار: دۇنيا لوڭقىسى پاراشۇتلۇق سەكرەش چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى ۋە دۇنيا پاراشۇتلۇق سەكرەش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى. دۇنيادىكى پاراشۇتلۇق سەكرەش ھەرىكىتىدە كۈچلۈك دۆلەتلەردىن ئامېرىكا، فرانسىيە، جۇڭگو قاتارلىقلار بار. 

ئېلىمىزنىڭ پاراشۇتلۇق سەكرەش تەنھەرىكەتچىلىرى كۆپ قېتىم دۇنيا چېمپىيونى بولغان. 1983-يىل9-ئايدا لى رۇڭرۇڭ ئىتالىيىنىڭ سىئېنا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن2-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پاراشۇتلۇق سەكرەش مۇسابىقىسىدە ئاياللار ئومۇمىي ماھارىتىدە چېمپىيون بولۇپ، پاراشۇتلۇق سەكرەشتە دۇنيا چېمپىيونى بولغان تۇنجى جۇڭگو تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ قالغان. 1984-يىل10-ئايدا ئاۋسترالىيىنىڭ كۋېنسلاند شتاتىدىكى توگلاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن3-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى قاتلام بولۇپ پاراشۇتلۇق سەكرەش مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى ئەرلەر تۆت پاراشۇتتا ئايلىنىپ شەكىل چىقىرىشتا چېمپىيون بولغان. بۇ، ئېلىمىز ئېرىشكەن تۇنجى پاراشۇتلۇق سەكرەش دۇنيا كوللېكتىپ چېمپىيونلۇقى ھېسابلىنىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#