زەرچىۋە

زەرچىۋە

زەرچىۋە بەلغەم بوشىتىش، تارتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يەل تارقىتىش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، رەڭگىرويىنى چىرايلىق قىلىش، پارقىرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.


ئۇيغۇرچە نامى زەرچىۋە
ئىنگلىزچە Common Turmeric Rhizome
باشقا نامى ئەرقۇسسەپەر (ئە)، زەردە چۆپ (پ)، ھەلدى (ئو).
خەنزۇچە ئاتىلىشى 姜黄 jiang huang
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

زەرچىۋەبۇ زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق كونا يىلتىزلىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك زەرچىۋە ياكى كۈركۈمنىڭ يىلتىزسىمان غولى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزسىمان غولى «زەرچىۋە» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

تەركىبىدە %4.5 ئۇچۇچان ماي بولۇپ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى %58 تۇرمېرون) Turmerone)، %25 زىنگېرېن (Zingeren)، %1 فىللاندىرىن (Phellandrene)، %0.6 سابېنىن (Sapinene)، بورتىئول (Borreol) لاردىن ئىبارەت، يەنە كۇركۇمىن (Cureumin) ۋە ئەرەب قەنتى (Arbinosa )، %12 مېۋە قەنتى (Fruetosa)، %28 ئۈزۈم شېكىرى، گلۇكوزا، ياغلىق ماي، كاراخمال، چۆپ كىسلاتاسى تۇزى قاتارلىقلار بار.


ئاساسلىقى قان تازىلاش، يەل ھەيدەش، ئىششىق قايتۇرۇش، ماددىلارنى تارقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، يارىلارنى قۇرۇتۇش، بەلغەم بوشىتىش، تارتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يەل تارقىتىش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، رەڭگىرويىنى چىرايلىق قىلىش، پارقىرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئورۇنباسارى

ئوردان، باپجى (جىنكېۋىزى).

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

مەتبۇخى ئەفتىمۇن.

1. ئۆت سۇيۇقلۇقى ھەيدەش تەسىرى: زەرچىۋە قايناتمىسى ۋە چىلانمىسى ئىت ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ چىقىرىلىشىنى ئاشۇرۇپ، ئۆت سۇيۇقلۇقى تەركىبىنى نورماللاشتۇرىدۇ، كۈركۈمىن ياكى ئۇنىڭ ناترىي تۇزلىرى ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ھەيدەش تەسىرىگە ئىگە. يەنە بىر ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈكتىن ئېلىنغان ئۇچۇچان مايمۇ ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ھەيدەيدۇ، كۇركۇمىن، خولېستېرىن ئېرىتمىسى ئۆت يولى كېسەللىكىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.% 50 لىك زەرچىۋە قايناتمىسى ئىشتىھانى ئاچىدۇ. 2. بالىياتقۇغا بولغان تەسىرى: قايناتمىسى ياكى چىلانمىسى (%2 لىك تۇز كىسلاتاسى ئېرىتكۈچى قىلىنىدۇ) كىچىك ئاق چاشقان، دېڭىز چوشقىسى قاتارلىقلارنىڭ بالىياتقۇسىنى قوزغايدۇ. 3. قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش تەسىرى: كۇركۈمىن ۋە ئۇچۇچان ماي قىسمى ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىگە نىسبەتەن خېلى ياخشى تورمۇزلاش

تەسىرىگە ئىگە.

ئەكىس تەسىرى

يۈرەككە زىيان قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

لىمون، ئۇترۇچ

يۆتەل، دېمى سىقىلىش، نەزلە ۋە زۇكام، كۆز ئاغرىقى، كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىقى، قاپاق قوتۇرى، كۆزگە ئاق چۈشۈش، چىرىگەن يارىلار، قىچىشقاق، بوغۇم ياللۇغى، زەخىملىنىشتىن بولغان يارىلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. زەرچىۋەدىن 5 گرامنى 250 مىللىلىتىر سۈتتە قاينىتىپ، ئاندىن ئىلىمان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا شېكەر قوشۇپ ئىچسە، زۇكامغا پايدا قىلىدۇ. 2. 5 گرام زەرچىۋە سۇپۇپىنى تۇز قوشۇپ يېسە، يۆتەل ۋە نەپەس سىقىلىشلارغا پايدا قىلىدۇ. 3. زەرچىۋەندىن ۋە ھاكتىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ سۇپۇپ تەييارلاپ، سۇدا قاينىتىپ ئىسسىق ۋاقتىدا يەرلىك ئورۇنغا زىمات قىلسا، يارىنى ئېغىز ئالدۇرىدۇ. 4. زەرچىۋەدىن ئىككى گرامنى يېرىم لىتىر سۇدا قاينىتىپ قايناتمىسى بىلەن كۆزنى يۇيسا كۆز ئاغرىقى، قىچىشىش ۋە چاپاقلارنى يوقىتىدۇ.

مىقدارى 

3 ~ 5 گرامغىچە.

ساقلاش 

قىش پەسلى 11 – 12 – ئايلاردا يىلتىزى كولاپ چىقىرىلىدۇ. ئارتۇقچە يوپۇرماق تومۇرى كېسىۋېتىلگەندىن كېيىن، پاكىز يۇيۇلۇپ، قازانغا سېلىپ ،سۇدا پىشۇرۇلىدۇ ياكى ھوردىتىلىدۇ، ئاپتاپقا سېلىپ ياكى بوش ئوتتا قاقلىنىپ قۇرۇتۇلىدۇ. زەرچىۋە پارچىلىرى يۇيۇلغاندىن كېيىن ئۇششاق كېسىلىپ قۇرۇتىلىدۇ.[0]

يۈرەككە زىيان قىلىدۇ.
لىمون، ئۇترۇچ

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=434

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#