چاڭلىڭ لىڭئېن سارىيى
چاڭلىڭ لىڭئېن سارىيى بېيجىڭ شەھىرى چاڭپىڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ،مىلادىيە1424-يىلىدىن ئىلگىرى سېلىنغان چاڭلىڭ مىڭ چىڭزۇنىڭ قەبرىستانلىقى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چاڭلىڭ لىڭلىڭ سارىيىچاڭلىڭنىڭ شىمالى «لىڭئېن» قوۋۇقى بولۇپ، «لىڭئېن» سارىيىغا مۇشۇ قوۋۇقتىن كىرىدۇ. بۇ ساراي ئېلىمىزدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ زور ھەم قەدىمىي ياغاچ قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇش، شۇنداقلا ئېلىمىز بويىچە ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك توققۇز ئېغىزلىق، قوش لەمپىلىك، يان ھۇجرىلىق ساراي ھېسابلىنىدۇ. ساراي بويىغا توققۇز ئېغىز، 75.66 مېتىر، توغرىسىغا بەش ئېغىز، 31.29 مېتىر بولۇپ، كۆلىمى گۇگۇڭدىكى «تەيخې» سارىيىدىنمۇ چوڭ.
ئوتتۇرىدىكى تۆت چوڭ تۈۋرۈكچاڭلىڭ «لىڭئېن» سارىيىغا ئىشلىتىلگەن ماتېرىيال ۋە قۇرۇلۇش سۈپىتىگە «تەيخې» سارىيىنىڭكىدىنمۇ بەك ئەھمىيەت بېرىلگەن − ساراي ئىچىدە سېرىق ماخىل ياغىچىدىن ياسالغان12 چوڭ تۈۋرۈك بولۇپ، ئوتتۇرىدىكى تۆت چوڭ تۈۋرۈكنىڭ ھەربىرىنىڭ دىئامېتىرى17.1 مېتىر، ئېگىزلىكى تەخمىنەن23 مېتىر كېلىدۇ، سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە گەۋدىسىنىڭ ئېگىزلىكى جەھەتتە، بىناكارلىق تارىخىدا كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ. «لىڭئېن» سارىيى سېلىنىپ ھازىرغا قەدەر ئۆتكەن600 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە، تالاي قېتىملىق يەر تەۋرەش ۋە چاقماق چۈشۈشلەردىمۇ ھېچقانداق قىيسىيىپ قالماي، يەنىلا مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.
چاڭلىڭ «لىڭئېن» سارىيىنىڭ شەكلى كىشىگە پۇختا ۋە ئازادىلىك تۇيغۇسى بەخش ئېتىدۇ. سېرىق سىرلىق كاھىش بىلەن يېپىلغان غايەت زور ئۆگزىسى ئىككى قەۋەت، ئۇ ئالدى ئۆگزىسى بىلەن تۈز گورىزونتال تەكشىلىك شەكىللەندۈرگەن، بۇ ئىككى قەۋەت لەمپە گىرۋىكى ئاجايىپ نەپىس ياسالغان لىم تەگلىكلىرى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ساراينىڭ ئالدى تەرىپىدىكى ئۆي بىرقەدەر كەڭ، ئۇنى ئۈچ قەۋەت ئاق تاش تەگلىكى ئۈستىگە تىكلەنگەن چوڭ ياغاچ تۈۋرۈك ھەيۋەت بىلەن كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئاستى-ئۈستى شۇنداق ئەپچىللىك بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئاجايىپ ھەيۋەتلىك بىر پۈتۈن گەۋدە ھاسىل قىلىنغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.