شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە مەكتىپى

ئەسلى ئاساسى مەركىزىي يېزا ئىگىلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە مەكتىپى شىنجاڭ شۆبىسى بولۇپ، 1982-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان. 1989-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە مەكتىپى
تەۋە رايون شىنجاڭ ئۈرۈمچى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1982-يىلى
بۇرۇنقى نامى مەركىزىي يېزا ئىگىلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە مەكتىپى شىنجاڭ شۆبىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەسلى ئاساسى مەركىزىي يېزا ئىگىلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە مەكتىپى شىنجاڭ شۆبىسى بولۇپ، 1982-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان. 1989-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ مەمۇرىي فۇنكىسىيىلىك تارماقلىرىنىڭ نازارىتى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشىنى قوبۇل قىلغان. كەسپى جەھەتتە داۋاملىق مەركىزىي يېزا ئىگىلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باشقۇرۇشى ۋە يېتەكلىشىنى قوبۇل قىلغان. بۇ مەكتەپ رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۈن-سىن ئوقۇتۇش ماتېرىيالى قاتارلىق يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرغان. مەركەز، ئۆلكە ۋىلايەت، ناھىيە، يېزىدىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويغان، ئېچىۋېتىلگەن مەكتەپ بولۇپ، ئوقۇتۇش ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق تىللىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئوقۇش تارىخى مائارىپى بىلەن قىسقا مۇددەتلىك تەربىيىلەش بىرلەشتۈرۈلگەن مەكتەپتە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، يېزا-ئىگىلىك ئىقتىسادىي، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۆت خىل تۈر بويىچە 16 خىل كەسپى تەسىس قىلىنغان. 1999-يىلى مەكتەپ دەسلەپ

 قۇرۇلغان چاغدىكى بىر سىنىپتىن تەرەققىي قىلىپ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ 12 ئوبلاست، 79 ناھىيىسىدە شۆبە مەكتەپ قۇرغان. 400 دىن ئارتۇق يېزا-بازاردا ئوقۇتۇش سىنىپى تەسىس قىلغان. رەسمىي ئوقۇتقۇچىسى 520 نەپەر. ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 25845 كۋادرات مېتىر، تەجرىبە پراكتىكا مەيدانى 319.68 تۈمەن كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش سۈنئىي ھەمراسىدىن قوبۇل قىلىش ئانتېنىسى ھەمدە ھەر خىل ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ئوقۇتۇشنىڭ ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرىدۇ. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 18745، ئىشتىن سىرت ئوقۇشنى ئاساس

قىلغان يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، 41127 نەپەر ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن. نۆۋەت بويىچە تەربىيىلەنگەنلەر بىر مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#