ھونولۇلۇ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ھونۇلۇلۇئا ق ش نىڭ ھاۋاي شتاتىنىڭ مەركىزى، ئەڭ چوڭ پورتى. بۇ شەھەر تىنچ ئوكياننىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھاۋاي ئاراللىرى ئىچىدىكى ۋاخو ئارىلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن ئورۇن ئالغان، ئۇنىڭ يېنىدا ئا ق ش نىڭ تىنچ ئوكياندىكى مۇھىم دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە بازىسى پېرل خاربور پورتى بار. ھونولۇلۇ شەھىرى ئا ق ش نىڭ مۇھىم قوناندانلىق شتابى جايلاشقان ئورۇن، ئۇنىڭ قاتناش ۋە ستراتېگىيە جەھەتتىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى مۇھىم، تارىختىن بۇيان ئا ق ش نىڭ غەربىي قىرغاقلىرى بىلەن ئاسىيانىڭ شەرقىي رايونلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم دېڭىز، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى بولۇپ كەلمەكتە. ھونولۇلۇنىڭ ئاھالىسى 410000 مىڭ بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىنى ياپونلۇقلار، پولېنزىيىلىكلەر، ئا ق ش لىقلار، فىلىپپىنلىقلار، خەنزۇلار تەشكىل قىلىدۇ.
سانائەتتە ئاساسەن شېكەر، كونسېرۋا، نېفىت ئايرىش، كېمىسازلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار، شەھەردە چوڭ تىپتىكى خەلقئارا ئايرودرومى، ئالىي مەكتەپلەر بار. ھونولۇلۇنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بولغانلىقتىن، ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ تورى قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.