شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كارخانا مائاشىنى كوللېكتىپ كېڭىشىش نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كارخانا مائاشىنى كوللېكتىپ كېڭىشىش نىزامى 2011-يىلى9-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31- قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان. 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 42-نۇمۇرلۇق ھۆججىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان،2011-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كارخانا مائاشىنى كوللېكتىپ كېڭىشىش نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2011-يىلى9-ئاينىڭ 29-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区企业工资集体协商条例
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2011-يىلى9-ئاينىڭ 29-كۈنى
ھۆججەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 42-نۇمۇرلۇق ھۆججىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1–ماددا بۇ نىزام كارخانا مائاشىنى كوللېكتىپ كېڭىشىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىشچى–خىزمەتچىلەر ۋە كارخانىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئەتىنى قوغداش، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇنى» قاتارلىق قانۇن–نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2–ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى ھەر خىل كارخانىلارغا تەتبىقلىنىدۇ.

3–ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش ئىشچى–خىزمەتچىلەر بىلەن كارخانا كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مائاش تەقسىمات تۈزۈمى، مائاش تەقسىمات شەكلى، مائاش كىرىم سەۋىيەسى قاتارلىق ئەمگەك–ئىش ھەققى ئىشلىرىنى باراۋەر كېڭىشىش، مائاش كوللېكتىپ كېلىشىمى تۈزۈش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ نىزامدا ئېيتىلغان مائاش كوللېكتىپ كېلىشىمى ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىلەن كارخانىنىڭ كوللېكتىپ كېڭىشىش ئاساسىدا، مائاش، پاراۋانلىق ئىشلىرى ھەققىدە تۈزۈشكەن مەخسۇس كوللېكتىپ توختامنى كۆرسىتىدۇ.

4–ماددا مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشتە، قانۇنلۇق، ئاشكارا، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش، ئىشچى–خىزمەتچىلەر بىلەن كارخانىنىڭ مەنپەئەتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمەلىي مائاش كىرىمىنىڭ كارخانىنىڭ ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ۋە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ماس كېلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش لازىم.

5–ماددا كارخانىلار قانۇن بويىچە مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش تۈزۈمى ئورنىتىشى كېرەك.

كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مائاشنى ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن كارخانا بىلەن كوللېكتىپ كېڭىشىدۇ؛ كارخانىدا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلمىغان بولسا، بىر دەرىجە يۇقىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشچى–خىزمەتچىلەر كۆرسەتكەن ۋەكىللەر مائاشنى كارخانا بىلەن كوللېكتىپ كېڭىشىدۇ؛ رايون، ساھە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىسى مائاشنى ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن رايون ۋە ساھەدىكى كارخانا ياكى كارخانىنىڭ ۋەكىل تەشكىلاتى بىلەن كوللېكتىپ كېڭىشىدۇ.

6–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشكە تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم مەسئۇلىيىتى قىلىپ، مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشكە ئىلھام بېرىش ۋە چەكلەپ تۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىشى، يېتەكلىشى ۋە ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.

7–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، مائاش كوللېكتىپ كېلىشىمىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئادا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ.

يەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، رايون ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ساھە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشىگە ياردەم بېرىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، مائاش كوللېكتىپ كېلىشىمىنى تۈزۈشكە ۋە ئادا قىلىشقا نازارەتچىلىك قىلىدۇ.

سودا–سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، كارخانىلار بىرلەشمىسى، ساھە جەمئىيىتى، سودىگەرلەر جەمئىيىتى قاتارلىق كارخانا ۋەكىل تەشكىلاتلىرى كارخانىنىڭ مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش خىزمىتىنى قوللىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە كارخانا ۋەكىل تەشكىلاتى ئەمگەك مۇناسىۋىتىدىكى ئۈچ تەرەپنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئارقىلىق، مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش داۋامىدىكى چوڭ–چوڭ مەسىلىلەرنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشى، مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش خىزمىتىدە گەۋدىلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىشى كېرەك.

2–باب مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش ۋەكىلى

8–ماددا ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ كېڭىشىش ۋەكىلىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئىشچى–خىزمەتچىلەر كۆرسىتىدۇ، ئۇ، ئىشچى– خىزمەتچىلەر (ۋەكىللىرى) يىغىنىدا ماقۇللىنىدۇ. كارخانىلاردا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلمىغان بولسا، بىر دەرىجە يۇقىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى دېموكراتىك كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئۇ ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ. كارخانىدىكى ئايال ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ سانى شۇ كارخانىدىكى ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ %10ىدىن كۆپرەك بولسا، ئايال ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ كېڭىشىش ۋەكىلى بولۇشى كېرەك.

كارخانىنىڭ كېڭىشىش ۋەكىلىنى كارخانىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى كۆرسىتىدۇ.

ئىككى تەرەپنىڭ كېڭىشىش ۋەكىلىنىڭ سانى تەڭ بولۇشى، ھەر بىر تەرەپنىڭ ئۈچتىن–يەتتىگىچە كىشىدىن تەركىب تېپىشى، ئىككى تەرەپ ۋەكىللىكىنى تەڭ ئۆتىمەسلىكى كېرەك.

9–ماددا كېڭەشكۈچى ئىككى تەرەپ ئۆز ئالدىغا بىردىن باشۋەكىل بېكىتىدۇ.

ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ باش ۋەكىللىكىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئۆتەيدۇ. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى كېڭىشىشكە مەلۇم سەۋەب بىلەن قاتنىشالمىسا، ۋاكالەتلىك قىلىشنى شۇ تەرەپنىڭ باشقا كېڭىشىش ۋەكىلىگە يازما ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسىنىڭ ئورنى بوش قالغاندا، باش ۋەكىللىكنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى ئۆتەيدۇ. كارخانىدا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلمىغان بولسا، باش ۋەكىل ئىشچى–خىزمەتچىلەر كېڭىشىش ۋەكىللىرى ئارىسىدىن كۆرسىتىلىدۇ.

كارخانىنىڭ باش ۋەكىللىكىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىل ياكى ئۇ بېكىتكەن مەسئۇل كىشى ئۆتەيدۇ. باش ۋەكىل كېڭىشىشكە مەلۇم سەۋەب بىلەن قاتنىشالمىسا، ۋاكالەتلىك قىلىشنى شۇ تەرەپتىكى باشقا كىشىگە يازما ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

10–ماددا رايون، ساھەدىكى ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ كېڭىشىش ۋەكىلىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ئەۋەتىدۇ. باش ۋەكىللىكىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئۆتەيدۇ.

رايون، ساھە كارخانىسىدىكى كېڭىشىش ۋەكىلىنى كارخانا جەمئىيىتى، سودىگەرلەر جەمئىيىتى، بىرلەشمىسى قاتارلىق كارخانا ۋەكىل تەشكىلاتى بىۋاسىتە ئەۋەتىدۇ ياكى ئۇ، ساھە، رايوندىكى كارخانىلاردا دېموكراتىك سايلاش، ھوقۇق بېرىپ ھاۋالە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. باش ۋەكىل كارخانا كېڭىشىش ۋەكىللىرىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

11–ماددا كېڭىشىش ۋەكىلى ۋۇجۇدقا كەلگەندىن كېيىن، ئىشلەيدىغان ئورنىدا يەتتە كۈنگىچە ئېلان قىلىنىدۇ.

كېڭىشىش ۋەكىلىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۇ ۋۇجۇدقا كەلگەن كۈنىدىن باشلاپ، مائاش كوللېكتىپ كېلىشىمىنىڭ ئادا مۇددىتى توشقانغا قەدەر بولىدۇ.

12–ماددا كېڭەشكۈچى ئىككى تەرەپنىڭ باش ۋەكىلى شۇ كارخانا سىرتىدىكى ئەمگەك– ئىش ھەققى، كارخانا باشقۇرۇش، ئىقتىساد، قانۇن ۋە مالىيە كەسپىگە پىششىق مەخسۇس خادىملارنى شۇ تەرەپنىڭ مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش يېتەكچىلىكىگە تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.

13–ماددا كېڭىشىش ۋەكىلى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشكە قاتنىشىپ، پىكىر بېرىش؛

(2) مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشكە مۇناسىۋەتلىك ئەينەن ئەھۋال ۋە ماتېرىياللارنى توپلاش؛

(3) كېڭىشىشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىش ھەمدە سورىغان سوئالغا جاۋاب بېرىش؛

(4) مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشكە دائىر تالاش – تارتىشنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىش؛

(5) مائاش كوللېكتىپ كېلىشىمىنىڭ ئادا قىلىنىشىغا نازارەتچىلىك قىلىش؛

(6) قانۇن–نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

14–ماددا ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ كېڭىشىش ۋەكىلى ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقان مەزگىلدە، كارخانىنىڭ ئۇلارنى ئورۇنلۇق سەۋەب بولماي تۇرۇپ، باشقا ئىش ئورنىغا يۆتكىۋېتىشىگە، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىۋېتىشىگە ياكى مائاشىنى، پاراۋانلىق تەمىناتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ھەقىقەتەن خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن باشقا ئىش ئورنىغا يۆتكىمەكچى بولسا، ئاۋۋال كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ پىكرىنى ھەمدە شۇ ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

15–ماددا كېڭىشىش ۋەكىلى مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش جەريانىدا بىلىپ قالغان كارخانا سودا مەخپىيىتىنى ساقلىشى، كارخانىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت تەرتىپىنى ساقلىشى كېرەك، ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ كېڭىشىش ۋەكىلى مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشكە تەھدىت سېلىش، سېتىۋېلىش، ئالدامچىلىق قىلىشتەك قانۇنسىز ۋاسىتىلەر بىلەن كاشىلا قىلسا بولمايدۇ.

16–ماددا كارخانىلار كېڭىشىش ۋەكىلىگە مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشتە زۆرۈر بولغان خىزمەت شارائىتى ھازىرلاپ بېرىشى، خىزمەت ۋاقتى ئاجرىتىپ بېرىشى كېرەك. كېڭىشىش ۋەكىلى مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشكە قاتناشسا، نورمال ئىشلىدى، دەپ قارىلىدۇ.

17–ماددا كېڭىشىش جەريانىدا، كېڭەشكۈچى ئىككى تەرەپ كېڭىشىش ۋەكىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى بويىچە، كېڭىشىش ۋەكىلىنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ.

3–باب مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش مەزمۇنى

18–ماددا ئىشچى–خىزمەتچىلەر بىلەن كارخانا تۆۋەندىكى ئىشلارنى كېڭىشىدۇ:

(1) مائاش تەقسىمات تۈزۈمى، مائاش ئۆلچىمى، مائاش تەقسىمات شەكلى؛

(2) ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسى ۋە ئۇنى تەڭشەش سالمىقى؛

(3) 1–سەپتىكى ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش كىرىمى ۋە ئۇنى تەڭشەش سالمىقى؛

(4) مائاش بېرىش چارىسى، قوشۇمچە پۇل، ياردەم پۇل، مۇكاپات پۇلىنى تەقسىم قىلىش چارىسى؛

(5) ۋاقىتقا قاراپ بېرىلىدىغان مائاش، مىقدارىغا قاراپ ھېسابلىنىدىغان بىرلىك ۋە ئەمگەك نورما ئۆلچىمى؛

(6) پاراۋانلىق تەمىناتى؛

(7) ئارتۇق ئىشلەش مائاشى، داۋالىنىش مەزگىلىدىكى تەمىناتى، مائاشلىق ئارام مەزگىلىدىكى مائاش تەمىناتى؛

(8) ئايال ئىشچى–خىزمەتچى، مېيىپ ئىشچى–خىزمەتچى قاتارلىق ئالاھىدە ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ مۇھاپىزەت تەمىناتى؛

(9) مائاش كوللېكتىپ كېلىشىمىنى ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش شەرتى ۋە تەرتىپى؛

(10) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى؛

(11) كېڭىشىدىغان باشقا ئىشلار.

19–ماددا ئىككى تەرەپ مائاشنى كېڭىشىپ بېكىتىش ئىشلىرىدا دۆلەتنىڭ قانۇن–نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى ھەمدە تۆۋەندىكى ئامىللارنى كېڭىشىش ئاساسى قىلىشى لازىم:

(1) يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئېلان قىلغان مائاش يېتەكچى چېكى، ئەمگەك كۈچى بازىرىدىكى مائاش يېتەكچى باھاسى؛

(2) جايلار، ساھەلەر ۋە كارخانىنىڭ ئىش تەننەرخى سەۋىيەسى؛

(3) جايلار، ساھەلەردىكى ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسى؛

(4) شۇ جايدىكى شەھەر–بازار ئاھالىسىنىڭ ئىستېمال باھا ئىندېكىسى؛

(5) كارخانىنىڭ ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى؛

(6) كارخانىدىكى ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق مائاش ئومۇمىي سوممىسى ۋە ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسى؛

(7) باشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار.

4–باب مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش تەرتىپى

20–ماددا ئىشچى–خىزمەتچىلەر بىلەن كارخانا مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش تەكلىپىنى يازما ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ، ئۇنىڭدا كېڭىشىش ۋاقتى، مەزمۇنى قاتارلىقلار ئېنىق بولۇشى لازىم. تەكلىپ قىلىنغۇچى تەكلىپنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈنگىچە يازما جاۋاب بېرىشى، ئورۇنلۇق سەۋەب يوق تۇرۇپرەت قىلماسلىقى، كېچىكتۈرمەسلىكى كېرەك.

21–ماددا مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشتە مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش يىغىنى ئېچىش كېرەك.

22–ماددا ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىلەن كارخانا مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش يىغىنى ئېچىشتىن يەتتە كۈن بۇرۇن، قارشى تەرەپكە كېڭىشىش لايىھەسى ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك.

23–ماددا مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش يىغىنىغا كېڭەشكۈچى ئىككى تەرەپنىڭ باش ۋەكىلى نۆۋەت بىلەن رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، تۇنجى يىغىنغا چاقىرغۇچى تەرەپنىڭ باش ۋەكىلى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

كېڭەشكۈچى ئىككى تەرەپ كېلىشىپ بىر پىكىرگە كەلگەندىن كېيىن، مائاش كوللېكتىپ كېلىشىمى لايىھەسى شەكىللىنىدۇ.

24–ماددا مائاش كوللېكتىپ كېلىشىمى لايىھەسى كارخانا ئىشچى–خىزمەتچىلىرى (ۋەكىللىرى) يىغىنىدا ماقۇللىنىدۇ.

مائاش كوللېكتپ كېلىشىمى لايىھەسى كارخانا ئىشچى–خىزمەتچىلىرى (ۋەكىللىرى) يىغىنىدا ماقۇللانغاندىن كېيىن، كارخانا مائاش كوللېكتىپ كېلىشىمى نۇسخىسىنى تەييارلايدۇ، ئۇنىڭغا ئىككى تەرەپنىڭ باش ۋەكىلى ئىمزا قويىدۇ، تامغىسىنى باسىدۇ.

مائاش كوللېكتىپ كېلىشىمى نۇسخىسىدا كېڭىشىش سۇبيېكتى، كېڭىشىش مەزمۇنى، كېڭىشىش مۇددىتى، ئۆزگەرتىش شەرتى، خىلاپلىق جاۋابكارلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك.

25–ماددا كارخانا مائاش كوللېكتىپ كېلىشىمى ئىمزالىنىپ ئون كۈنگىچە، مائاش كوللېكتىپ كېلىشىمىنىڭ نۇسخىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى كارخانا يوللىغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈنگىچە باشقىچە پىكىر بەرمىسە، مائاش كوللېكتىپ كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى مائاش كوللېكتىپ كېلىشىمىدە قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئەھۋاللارنى بايقىسا، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيالنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈنگىچە كارخانىغا ئۇقتۇرۇپ، ئىككى تەرەپتىن قايتا كېڭىشىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك؛ ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، قايتا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

26–ماددا مائاش كوللېكتىپ كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن بارلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە ۋاقتىدا ئېلان قىلىش كېرەك.

27–ماددا مائاش كوللېكتىپ كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئادەتتە بىر يىل بولىدۇ، مۇددەت توشۇشتىن بۇرۇنقى 60 كۈن ئىچىدە، ئىككى تەرەپ مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە، مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشنى قايتىدىن باشلىشى كېرەك.

5–باب مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشكە دائىر تالاش–تارتىشنى بىر تەرەپ قىلىش

28–ماددا مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش چاقىرىق قىلىنغان كۈندىن باشلاپ، ئىككى ئايلىق مۆھلەت ئىچىدە پىكىر بىرلىككە كەلمىگەن بولسا، ئىككى تەرەپ مۆھلەت توشقان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە مۇرەسسە قىلىپ قويۇشنى باشقۇرۇش ھوقۇق تەۋەلىكى بار ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا يازما ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىككى تەرەپ مۇرەسسە قىلىپ قويۇشنى ئىلتىماس قىلمىغان بولسا، شۇ قېتىمقى كېڭىشىش ئاخىرلىشىدۇ. ئەگەر قايتا كېڭىشىشكە توغرا كەلسە، مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش تەكلىپىنى قايتا قويۇش لازىم.

29–ماددا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى مۇرەسسە ئىلتىماسىنى تاشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە مۇرەسسە قىلىشنى باشلايدۇ ياكى تەڭ دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كارخانا ۋەكىل تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە مۇرەسسە قىلىدۇ.

مۇرەسسەنى 30 كۈن ئىچىدە ئاخىرلاشتۇرۇش لازىم. مۇرەسسەدە پىكىر بىرلىككە كەلگەن بولسا، ئىككى تەرەپ مۇرەسسە كېلىشىمى تۈزىدۇ؛ مۇرەسسەدە پىكىر بىرلىككە كېلەلمىگەن بولسا، شۇ قېتىمقى مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش ئاخىرلىشىدۇ.

30–ماددا مائاش كوللېكتىپ كېلىشىمىنى ئادا قىلىش داۋامىدا تالاش – تارتىش كۆرۈلۈپ، ئىشچى–خىزمەتچىلەر بىلەن كارخانا كېلىشەلمىسە، ئەمگەك تالاش–تارتىشى كېسىمى قىلىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ، كېسىم قارارىغا قايىل بولمىغانلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

6–باب قانۇن جاۋابكارلىقى

31–ماددا كارخانىلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئورۇننىڭ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلنىڭ ياكى ئاساسلىق مەسئۇلنىڭ يىللىق ئىلغارلارنى باھالاش، مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاش سالاھىيىتى ۋە شەرەپ نامىنى بىكار قىلىدۇ:

(1) كوللېكتىپ كېڭىشىشنى رەت قىلغان ياكى قەستەن كەينىگە سۆرىگەنلەر؛

(2) مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشكە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيالنى بەرمىگەن ياكى ۋاقتىدا بەرمىگەن، ئەينەن بەرمىگەنلەر؛

(3) مائاش كوللېكتىپ كېلىشىم نۇسخىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى يوللاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(4) مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشكە توسقۇنلۇق قىلغانلار.

32–ماددا كارخانىلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كېڭىشىش ۋەكىللىرىنىڭ مائاشى، پاراۋانلىق تەمىناتىنى ئورۇنلۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئېلىشقا تېگىشلىك مائاشى، پاراۋانلىق تەمىناتىنى تولۇقلاپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. كېڭىشىش ۋەكىللىرى بىلەن ئەمگەك توختامىنى ئورۇنلۇق سەۋەبى يوق تۇرۇپ بىكار قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھەمدە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان مەزگىلدە ئېلىشقا تېگىشلىك ئىش ھەققىنى تولۇقلاپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. كېڭىشىش ۋەكىللىرى خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلمىسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى كارخانىنى ئىقتىسادىي تولۇقلىما ئۆلچىمىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە تۆلەم پۇلى بېرىشكە بۇيرۇيدۇ.

33–ماددا ئىشچى–خىزمەتچىلەر ۋە ئىشچى–خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىدىن مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش ۋە مائاش كوللېكتىپ كېلىشىمى تۈزۈش جەريانىدا تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن–نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ:

(1) كارخانىنىڭ ئۈسكۈنە، قورال–سايمان قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى بۇزۇۋەتكەنلەر؛

(2) زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، كاشىلا قىلىش ۋاسىتىسى ياكى كارخانىغا كىرىپ–چىقىدىغان يولنى ئېتىپ قويۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلغانلار؛

(3) مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشكە ئالاقىدار خادىملارنى قورقۇتقان، سولاپ قويغان، زورلۇق ئىشلىتىپ زەخىملەندۈرگەنلەر.

34–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى–ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مائاش كوللېكتىپ كېلىشىمىنىڭ قانۇنلۇق بولغان–بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش، تالاش–تارتىشنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمىتى داۋامىدا، مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىنى ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشىنىڭ ئېغىر–يېنىكلىكىگە قاراپ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ قانۇن–نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلار قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

يەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، رايون ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ساھە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كارخانا ۋەكىل تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ ۋە كارخانىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىرىنى تەڭ دەرىجىلىك ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە كارخانا ۋەكىل تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ياكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

35–ماددا كېڭىشىش ۋەكىللىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كارخانىنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىرى قانۇن بويىچە مۇناسىپ قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

7–باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

36–ماددا كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇنلار ۋە يەككە ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار مۇشۇ نىزامدىن پايدىلىنىدۇ.

37–ماددا بۇ نىزام 2011–يىلى 12–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/8228458.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#