تۇڭ داۋېي
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تۇڭ داۋېي 1979-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى فۇشۇن شەھىرىدە تۇغۇلغان، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەر ئارتىسى، ناخشىچى. 2001-يىلى شاڭخەي تىياتىر ئىنستىتۇتى ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 2004-يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «گۈزەل شەپقەتچى» 22-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە فىلىملىرى بويىچە تۆت تۈرلۈك تاماشىبىنلار ياخشى كۆرىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ياشلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۈنلەر»دە باش رول ئالغان. 2007-يىلى بارگاڭ رېژىسسورلۇق قىلغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «كۈرەش قىلىش»تە باش رول ئالغان، لۇ تاۋنىڭ رولىنى ئالغان. شۇ يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «تىنماي قىمىرلاپ تۇرىدىغان ياشلىق»تا باش رول ئالغان. 2010-يىلى بارگاڭ رېژىسسورلۇق قىلغان «نىكاھ ئىشلىرى» دە باش رول ئالغان. 2013-يىلى دىڭ خېي رېژىسسورلۇق قىلغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئائىلە»دە باش رول ئالغان. 2014-يىلى ئايالى گۇەن يۆخې بىلەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مېنىڭ ئوغلۇم غەلىتە»دە رول ئالغان.
1997-يىلى، تۇڭ داۋېي شاڭخەي تىياتىر ئىنستىتۇتى ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. 1998-يىلى، تۇڭ داۋېي تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يەڭگەدە تۇنجى قېتىم رول ئالغان، 1999-يىلى «ھاياتلىق» 2000-يىلى «ھەممىسى پەرىشتە تاپقان بالا»، 2001-يىلى كىنو «دېڭىز-ئوكيان سارىيىنىڭ ئۇچرىشىشى»، «ئۆسمۈر باۋ چىڭ تىيەن 2»، كىنو «مەن سىزنى سۆيىمەن»، «يۈز ئوغرى»دا رول ئالغان.
2003-يىلى «گۈزەل شەپقەتچى»دە تۇنجى رول ئالغان، رۇڭ ياڭنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان ھەم «گۈزەل شەپقەتچى» 22-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە فىلىملىرى بويىچە تۆت تۈرلۈك تاماشىبىنلار ياخشى كۆرىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئەر ئارتىس مۇكاپاتى ۋە 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە سەنئىتى «قوش ئوندا ياخشى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2006-يىلى، تۇڭ داۋېي «كۈرەش قىلىش»، «تىنماي قىمىرلاپ تۇرىدىغان ياشلىق» ۋە «ياشلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۈنلەر» ئۈچ خىل كىنو-تېلېۋىزىيەسىنىڭ بازىرى ئىتتىك بولغان. ئۇ رېژىسسورلۇق بارگاڭ قىلغان مۇھەببەت تېلېۋىزىيە تىياتىرى «كۈرەش قىلىش» دېگەن فىلىمدە لۇ تاۋنىڭرولىنى ئالغان، «كۈرەش قىلىش» تۇنجى نۆۋەتلىك BTV يىللىق كىنو-تېلېۋىزىيە مۇراسىمىدا «ئەڭ ياخشى تەسىرلەندۈرگۈچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا ئاسىيانىڭ مەبۇد 00 يىللىق كۈرەش قىلىش مۇراسىمىدا كلاسسىك رول ئالغان. شۇ يىلى لى يۈ رېژىسسورلۇق قىلغان كىنو «ئالما»دا رول ئالغان، بۇ 11-نۆۋەتلىك فۇجى خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى يېڭى ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 2007-يىلى كارخانا 57-نۆۋەتلىك بېرلىن خەلقئارا كىنو كۆرىكىنىڭ مۇسابىقە گۇرۇپپىسىغا قاتناشتۇرۇلغان، ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2013-يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئائىلە»دا خې چۈنشېڭنىڭ رولىنى ئالغان، شۇ يىلى ياشلىق ھۆججەتلىك فىلىم «ياشلىق»، شۇنىڭدەك ۋۇيۈنىڭ سېن رېژىسسورلۇق قىلغان كىنو «چاق»تا رول ئالغان، داچىڭنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان.
2014-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى، سۇڭ دەندەن بىلەن شەھەر تېمىسى «مىنىڭ ئوغلۇم غەلىتە»دە باش رول ئالغان، ئەنخۇي سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى، بېيجىڭ سۈنئىي ھەمراھ، شەرق تېلېۋىزىيەسى، شېنجىن مەملىكەت بويىچە تۇنجى سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى ئالتۇن ۋاقىتتا قۇيۇلغان.
2007-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى، تۇڭ داۋېي ئايال سەنئەتكار گۇەن يۈ بىلەن توي خېتى ئالغان. 2008-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى، بېيجىڭ ۋەندا مەيدانى سوفى ئالاھىدە مېھمانسارىيىدا رەسمىي توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن، مۇراسىم رىياسەتچىسى لىيۇ يى ۋېي، نىكاھ گۇۋاھچىسى بارگاڭ بولغان؛ شۇ يىلى قىزى تۇغۇلغان.
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، تۇڭ داۋېينىڭ 3-بالىسى ئوغلى تۇغۇلغان.
كىنو-تېلېۋىزىيە تۈرى
2016-يىلى 5-ئايدا، 22-نۆۋەتلىك شاڭخەي تېلېۋىزىيە بايرىمىدا ئاق گۈللۈك ماگنولىيە مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2015-يىلى 11-ئايدا، 20-نۆۋەتلىك ئاسىيا تېلېۋىزىيە مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2015-يىلى 8-ئايدا، 17-نۆۋەتلىك جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك خۇا داڭقان » مۇكاپاتىغا، تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2015-يىلى 6-ئايدا، 16-نۆۋەتلىك خۇا داڭقان مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2014-يىلى 11-ئايدا، 10-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2014-يىلى 9-ئايدا، 32-نۆۋەتلىك ئاممىۋى فىلىم بەيخۇا مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2014-يىلى 8-ئايدا، 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو چاڭچۈن كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئۇنىۋېرسال تۈرى
2015-يىلى 12-نۆۋەتلىك يىللىق ئەر ئىلاھ بولغان.
2015-يىلى 11-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياش رەھبەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2013-يىلى 2014-يىللىق « قىزىل شيۇ GRAZIA»
2012-يىلى ئاسىيا چولپانلار 00 يىللىق كۈرەش قىلىش مۇراسىمىدا نادىر رول ئېلىش ئارتىسى بولۇپ باھالانغان.
2009-يىلى جۇڭگو 2009-يىللىق مودا مۇراسىم كىنو-تېلېۋىزىيە چولپىنى بولغان.
2007-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك BTV كىنو-تېلېۋىزىيە مۇراسىمىدا ئەڭ ياخشى تەسىرلەندۈرگۈچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2003-يىلى «دەرىجىدىن تاشقىرى بوران» MTV مۇزىكا مۇراسىمىنىڭ ئەڭ ياخشى تەنھەركەتچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2003-يىلى بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ھەپتىلىك ژۇرنىلى يىللىق ئومۇمىي مۇكاپاتىدا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن.
2010-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، تۇڭ داۋېي تەكلىپكە بىنائەن باشا چولپان خەير-ساخاۋەت كېچە» لىكىگە قاتناشقان.
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش فوندى جەمئىيىتى قىزىل شەمشادى كاپىتال گۇرۇھى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان جۇڭگو، فوند ۋە شەرق كەڭ تارقالغان «يول بويىدىكى سىز» خەير-ساخاۋەت كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەندە تۇڭ داۋېي گۇەن يۆ ئەر-خوتۇن تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. تۇڭ داۋېي گۇەن يۆ ئەر-خوتۇن ئۆزىنىڭ ئازغىنە كۈچى ئارقىلىق ئاپەت رايونىدىكى بالىلارنىڭ سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلغان، ھەمدە 27-چېسلا جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتىگە 150 مىڭ يۇەن مەبلەغ سىلىپ، «سۇ يەتكۈزۈش» پائالىيىتىگە پۇل ئىئانە قىلغان.
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، «چىرايلىق بالا 2011-يىللىق خەير-ساخاۋەت كەچلىك زىياپىتى» بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەندە، تۇڭ داۋېي جاسارەت ئەلچىسى بولۇپ «جاسارەت» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، داڭلىق رېژىسسور گاۋ شىشى ئۇلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەرگەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.