خەتەرسىز غەيرى تەبىئىي نەپەسلىنىش
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چوڭ نەپەسلىنىش
بىرخىل چوڭ-چوڭ نەپەسلىنىش پائالىيتى بولۇپ. بىر قېتىملىق نەپەسلىنىشتە كۆپرەك ھاۋا سۇمۇرۇش ۋە چىقىرىش لازىم بولغاندا يۈز بېرىدۇ. بۇنىڭدا نەپەس ئەزالىرى بىردەك ھەركەتكە كېلىدۇ. ھاياتلىق كۈچىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. مەسىلەن: ئېغىر جىسمانى ئەمگەك قىلىش تىز يۈگۈرۈش، ھىېرىپ قېلىپ ئۇخلاش، ئېغىر يۈك كۆتۈرۈش، ئېگىزگە ئىتتىك چىقىش قاتارلىقلاردا چوڭ نەپەسلىنىش يۈز بېرىدۇ. لىكىن بۇ نورمال ئەھۋال.
كىچىك نەپەس ئېلىش
ھاۋا تارتىشش نورمال مىقداردىن تۆۋەن بولغاندا ياكى نەپەس ئەزالىرى ئېھتىياجىغا لايىق كېڭىيەلمىگەندە شۇنىڭدەك بۇلغانغان ھاۋانىڭ چىقىرلىشى نورمالىدىن تۆۋەن بولغاندا كىچىك نەپەس ئېلىش يز بېرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نەپەس ئەزالىرىدا بىرەر كېسەللىك يۈز بەرگەن بولۇپ چوڭراق ھەركەتلىنىپ كۆپرەك ھاۋا تارتىشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ. بۇنداق نەپەسلىنىش قۇۋەت كېمىيىپ كەتكەنلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. ئەگەر نەپەس كىچىك بولۇش بىلەن بىرگە ئارقىمۇ-ئارقا (موتۋاتىر) بولسا ئىھتىياجنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تەبىئى ئىسسىقلىق يوقالغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋال يۇقارقى ھارارەتلىك (كېزىككە ئوخشاش) كېسەللىكلەردە يۈز بەرسە سەل ئېغىرراق. بەزىلىرىنىڭ كۆكرەك ساھەسىدە ئاشقازاندا ۋە بولارغا يانداش بىرەر ئەزادا قاتتىق ئاغرىق بولغاندىمۇ ئەزا بىلەن نەپەس ئورگانلىرى ئارىسىدا توسالغۇ پەيدا بولۇپ نەپەس كېچىكلەيدۇ. بەزىلەرنىڭ كۆكرەك قەپىزى توغما كىچىك ھاۋا يولى تار بولسىمۇ كىچىك نەپەسلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىۇ.
يۇقۇرى نەپەس ئېلىش
بۇمۇ چوڭ نەپەسلىنىشكە ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ ۋە كۆكرەك ئىچكى يۈزىدىكى گۆشلەرنى بىللە ھەركەتلەندۇرىدۇ. سەۋەبى نەپەسلىنىشكە بولغان ئېھتىياجنىڭ كۆپلىكى ۋە نەپەس يوللىرىنىڭ تارايغانلىقى ياكى توسالغانلىقىدىن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا كېزىك قارا كېزىك، يۇقۇملۇق قىزىتمىلىق كېسەللىكلەردە يۈز بېرىدۇ.
قىسقا نەپەس ئېلىش
بۇنىڭدا ساپ ھاۋانى شۈمۈرۈش ۋاقتى ئادەتتىكىدىن قىسقا بولىدۇ. قۇۋەتنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى ياكى ھەركەتلەندۈرگۈچى ئورگاننىڭ ئەھۋالى ناچارلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مۇشۇ خىلدىكى نەپەسلىنىشقا ئارقىمۇ-ئارقا (موتىۋاتىر) نەپەس ئېلىش قوشۇلۇپ كەلسە نەپەس ئەزالىرىدا ياكى ئۇنىڭ يېنىدىكى قوشنا ئەزالاردا ئاغرىق بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ناۋادا بۇ خىلدىكى نەپەسلىنىشكە تەپەۋۇتلۇق (ئىلگىرى كېيىن نەپەس ئېلىش) يېقىندىن قوشۇلۇپ كەلسە تەبىئى ئىسسىقلىقنىڭ يوقالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئارقىمۇ-ئارقا نەپەس
بۇ نەپەسلىنىش جەريانىدىكى ئىككى ھەركەت ئىلكىسى ئوتتۇرسىدا ۋاقىتنىڭ مۇۋاپىق بولماي بەلكى بەك قىسقا بولغانلىقىغا قارىتىلغان بۇ خىل ئەھۋال نەپەسلىنىشكە بولغان ئىھتىياجنىڭ كۆپلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. كۆپۈنچە كۆكرەك بوشلىقىدا يېرىڭلىق جاراھەت بولغاندا مەسىلەن:ئۆپكە يېرىڭلىق يارىسى، ئۆپكە ئىششىغى ياللۇغ، يەل قاداق، قوۋۇرغا ئارلىق ئەسەبلىرى سانجىقى قاتارلىق كېسەللىكلەردە يۈز بېرىدۇ.
سېسىق نەپەس ئېلىش
بۇنىڭدا تىنىق سېسىق پۇراش خاراكتېرلىك بولىدۇ. لىكىن بۇنىڭ ئادەتتە ئېغىر پۇراش (بەفەر) بىلەن پرقى شۇكى، ئېغىز پۇراشتا تىنىقتا ئىسسىقلىق بولمايدۇ پەقەت ئېغىزلا پۇرايدۇ. ئەمما سېسىق نەپەس ئېلىشتا تىنىق پۇراش بىلەن بىللە ئېغىز پۇرىغاندەك تۇيۇلىدۇ. بۇلۇپمۇ بۇرۇندىن چىققان تىنىق بەكرەك پۇرايدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللار كۆپىنچە كۆكرەك بوشلۇقىدىكى قوقاقلىق ئىششىقىدا ياكى ئۆپكىنىڭ چوڭ-كىچىك ھاۋا يوللىرى ۋە پۇۋەكچىلىرىدە چىرىش خاراكتېردىكى ئۆزگۇرۇش پەيدا بولغاندا يۈز بېرىدۇ.
بۇرۇن پەررىكىدىكى نەپەس
بۇنىڭدا كىشى نەپەس ئلاغاندا بۇرۇننىڭ قانىتى كېرىلىپ تۇرىدۇ. بۇ ھارارەت تۆۋەنلەپ كەتكەندە، قۇۋۋەت يوقۇلۇپ تەبىئىي ئاجىزلاپ كەتكەندە يۈز بېرىدۇ. بەزىدە نەپەس ئەزالىرى قاتتىق تاريغان بوغۇلغان ۋە ئۆپكە ئىشىشغاندا ياكى بوغما كېسەلدە يۈز بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھاۋا يوللىرىدا يېرىڭ يېغىلىپ قېلىش يامان سۇپەتلىك خىلىتلار قويۇلىشتىنمۇ يۈز بېرىدۇ.
تەبىئى نەپەسلىنىش
كىرگىت پەردىنىڭ كېڭيىشى قىسقىرىشى ۋە قوۋۇرغلارنىڭ سىقىشى بىلەن ئۆپكە سىقىلىپ بۇزۇق بۇس-بۇخاراتلارنى سىرىتقا چىقىرىدۇ. كېڭىيىش بىلەن سىرىتتىن ساپ ھاۋانى قوبۇل قىلىپ يۈرەككە خۇشلۇق يەتكۈزىدۇ. بۇ تەبىئى نەپەسلىنىشتۇر. كىشىلەرنىڭ يېشى، جىنسى ئايرىمىسى ۋە باشقىلارغا ئاساسەن مۆلچەر قىلىنغان تەبىئى نەپەس بەلگىلىك قېتىم سانغا ئىگە بولىدۇ. يەنى ياش ئىتىبارىدىن قارىغاندا يېڭى تۇغۇلغاندىن تارتىپ بەش ياشتىكىلەرنىڭ بىر مىنۇتتىكى نەپەس تەخمىنەن 44 قېتىم.5-15 ياشتىكىلەرنىڭ 50 قېتىم. 15-20 ياشقىچە بولغانلارنىڭ 17 قېتىم. 30-50 ياشتىكىلەرنىڭ 18 قېتىم ئەتراپىدا بولىدۇ. جىنسى ئىتىبارىدىن قارىغاندا نەپەسلىنىش ئەرلەرگە نىسبەتەن ئاياللاردا سەل تېز بولىدۇ. باشقا جەھەتتىن ئالغاندا دەم ئېلىۋاتقان ھالەتكە نىسبەتەن تەنھەركەت ۋە ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغاندا شۇ ھەركەتنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قراپ ئوخشىمىغان دەرىجىدە تىزلىشىدۇ. خوشلۇققا نىسبەتەن قايغۇرغاندا بىر ئاز تىز بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكىسچە بولسا غەيرى تەبىئى ياكى نا مۇۋاپىق نەپەسلىنىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
نەپەسلىنىشنىڭ ياخشى بولىشى ئۈچۈن روھى كۈچ (ھاياتلىق كۈچ) ۋە نەپەسلىنىش ئەزالىرى ساغلام بولىشى ھەمدە يۈرەك ئۆپكە ۋە باشقا ئەزالارنىڭ خىزمىتىنىڭ ياخشى بۇلىشى شەرت. نەپەسلىنىشنىڭ ياخشى بولماسلىق ئەزالارنىڭ بىرىدە كېسەللىك (ۋەرەم) بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. نەپەس ئېلىش خۇددى تومۇر ھەركىتىدە ئەزالاردىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىدۇ. بىراق تومۇر ھەركىتى ئادەمنىڭ ئىختىيارىغا بوي سۇنمايدۇ نەپەسلىنىش ئادەمنىڭ ئىختىيارىغا بوي سۇنىدۇ. چۈنكى ئادەم نەپەسنى مەلۇم ۋاقىت توختىتاي دىسە توختىتالايدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.