يادرو قورالى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يادرو قورالىيادرو قورالى ئەركىن داۋاملىشىدىغان ئاتوم يادروسى بۆلۈنۈش ۋە (ياكى) يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسىدىن پەيتلىك قويۇپ بېرىلگەن زور مىقداردىكى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ پارتلاش پەيدا قىلىدىغان ھەم كەڭ كۆلەمدە ۋەيرانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قورالنى كۆرسىتىدۇ. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇ تاشلاش ياكى ئېتىش سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە يادرو قورالى سىستېمىسىدۇر.
1945-يىلى ، ئامېرىكا « ئۇغۇل بالا » ۋە « بودەك بالا » ناملىق ئىككى ئاتوم بومبىسىنى ياپونىيىنىڭ ناگاساكى ۋە خروشما ئارىلىقىغا تاشلىغان ، يەر يۈزىدىكى قۇرۇلۇشلار شۇ ھامان خارابىيلىككە ئايلىنىپ ، نەچچە ئون مىڭلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان . شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار يادرو قورالىنىڭ مىسىلسىز كۈچ- قۇدرىتىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلغان .
يادرو قورالىئۇرۇشتا ئىشلىتىش شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، يادرو قورالى دۈشمەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا زەربە بېرىدىغان ئىسىتراتېگىيەلىك يادرو قورالى ۋە جەڭ مەيدانىدا دۈشمەننىڭ جەڭگىۋار كۈچلىرىگە زەربە بېرىشكە ئاساسلىق ئىشلىتىلىدىغان تاكتىكىلىق يادرو قورالى، دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. يادرو قوراللىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ . يادرو قورالىنىڭ ئىچىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ماتېرىيال ۋە قۇرۇلمىلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ، ئاتوم بومبىسى ، ۋودروت بومبىسى ۋە نېيترون بومبىسىغا بۆلىنىدۇ ، ئۇرۇشتىكى ئىشلىتىش دائىرىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن يادرو بومبىسى ، يادرو سىنارەدى ، ياردرو مىناسى ، يادرو سۇ مىناسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ .
يادرو قورالى -چوڭ كۆلەمدە ۋەيران قىلىش خاراكتېىرىگە ئىگە بىر خىل قورال بولۇپ ، ئاتوم يادرو رېئاكسىيىسى پىرىنسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ، يەنە ئېغىر ئاتوم يادروسىنى يېنىكرەك ئىككى ئاتوم يادروسىغا بۆلگەندە ياكى نىسبەتەن يېنىك ئىككى ئاتۇم يادروسىنى نىسبەتەن ئېغىر بىر ئاتۇمغا بىرلەشتۈرگەندە ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا غايەت زور ئېنىرگىيە قويۇپ بېرىپ ،كۈچلۈك قىرغىنچىلىق ياكى بۇزغۇنچىلىق رولىنى ئوينايدۇ .[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.