گالاپاگوس تاقىم ئاراللىرى
گالاپاگوس تاقىم ئاراللىرى (كولون تاقىم ئاراللىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئېكۋاتورنىڭ تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان يانار تاغ ئاراللىرى بولۇپ، يەر مەيدانى 7976 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ ئاراللار شەرقتە جەنۇبىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن 970 كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرىدۇ، ئۇ يەتتە چوڭ ئارال، 23 كىچىك ئارال ۋە 50 تىن ئوشۇق يوشۇرۇن خادا تاشلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئىسابرا ئارىلىنىڭ دائىرىسى ئەڭ چوڭ بولۇپ، 4275 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا سانتاكروز(1020 كۋادرات كىلومېتىر) ئارىلى تۇرىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گالاپاگوس تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئاھالىسى 25مىڭ124 ئادەم(2010-يىل) ئاھالىنىڭ كۆپى مەركىزىي سان كرىستوبال شەھىرىگە ئولتۇراقلاشقان. گالا پاگوس ئاراللىرى 3-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ۋولقان ھەرىكىتىدىن شەكىللەنگەن، ئۇ كۆپىنچە پېرو سوغۇق ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرغانلىقتىن، ھاۋاسى سالقىن، ھۆل-يېغىنى ئازراق بولىدۇ. باكريسو پورتىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃ 23.8بولىدۇ. بۇ ئاراللاردا كىچىك كۆللەر، بۇلاقلار بار .
دېڭىز قىرغاقلىرىدا كاكتۇس ۋە چاتقال تىپىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ. گالا پاگوس ئاراللىرىدا ئولتۇراقلاشقان خەلق ئاساسەن بېلىقچىلىق ھەم دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقىدا كۆممىقوناق، شېكەر قومۇشى، كوفى، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. گۈڭگۈرت، تۇز قاتارلىق كان بايلىقلىرى قېزىلىدۇ، بۇ جايدىكى بالىترا ئارىلىدا ئايرودروم، سان كروز ئارىلىدا ئۆسۈملۈك ۋە تەبىئىي مۇھىت ئىلمىي تەتقىقات پونكىتى بار. گالا پاگوس ئاراللىرى بىلەن ئېكۋادور ئارىلىقىدا قەرەللىك ھالدا ئايروپىلان، پاراخوت قاتناپ تۇرىدۇ.
گالاپاگوس تاقىم ئاراللىرىنىڭ ‹‹دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تەبىئەت مۇزېيى›› دىگەن
نامى بار .بۇنداق ئاتىلىشنىڭ سەۋەبى بولسا گالاپاگوس تاقىم ئاراللىرىدا 700 دىن ئارتۇق ھەرخىل يەر ئۈستى ھايۋانلىرى ياشايدۇ. 80 خىلدىن ئارتۇق قۇش ۋە نۇرغۇن ھاشاراتلار ، بۇلارنىڭ ئىچىدە چوڭ تاشپاقا ۋە چوڭ كەسلەنچۇكنىڭ دۇنياغا داڭلىق . يەنە تېخى دېڭىز شىرى , دېڭىز يىلپىزى , پىنگىۋىن قاتارلىقلار ياشايدىغان سوغۇق بەلۋاغ ھايۋىنى بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.