ئالمۇتا
قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئالمۇتا ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. ئۇ ئالاتاۋ تاغلىرىنىڭ شىمالىي يان باغرىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئالمۇتا ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. ئۇ ئالاتاۋ تاغلىرىنىڭ شىمالىي يان باغرىغا جايلاشقان. شەھەر جايلاشقان ئورۇننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 650 مېتردىن 950 مېترغىچە بولۇپ چوڭ-كىچىك ئالمۇتا دەريالىرىنىڭ ئېقىتىپ كەلگەن چۆكمىلىرى ئۈستىگە جايلاشقان. ئاھالىسى بىر مىليون 68 مىڭدىن ئوشۇق(1985) بولۇپ، قازاقىستان بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر. ئالمۇتا شەھىرى 1854-يىلى كونا قازاق يېزىسى ئالمۇتا(ئالمىلىق) ئورنىدا بەرپا بولغان. شەھەرنىڭ ئەتراپىدا ئالمىلىق ئورۇنلار ناھايىتى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇنىڭ ئاساسىغا 1921-يىلى ئالمۇتا دەپ نام بېرىلگەن .
ئالمۇتا شەھىرى قازاقىستاننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. شەھەردە مېتالچىلىق، ئېلېكتر، ماشىنسازلىق، توقۇمىچىلىق، يېمەك-ئىچمەك، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى تەرەققىي قىلغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.