جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن قانۇنى

كارانتىن قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن قانۇنى 1986–يىلى 12–ئاينىڭ 2–كۈنى 6–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2007– يىلى 12–ئاينىڭ 29–كۈنى 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 31–يىغىنىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن. 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن قانۇنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1986–يىلى 12–ئاينىڭ 2–كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2007–يىلى 12–ئاينىڭ 29–كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国国境卫生检疫法
تۈزىتىلگەن ۋاقتى 2007– يىلى 12–ئاينىڭ 29–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1986–يىلى 12–ئاينىڭ 2–كۈنى 6–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2007– يىلى 12–ئاينىڭ 29–كۈنى 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 31–يىغىنىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن.  

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 83–نومۇرلۇق پەرمانى

 «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» 2007–يىلى 12–ئاينىڭ 29–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى

خۇجىنتاۋ

2007–يىلى 12–ئاينىڭ 29–كۈنى«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»

(2007–يىلى 12–ئاينىڭ 29–كۈنى 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31–يىغىنىدا ماقۇللانغان) 10– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31–يىغىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن قانۇنى» غا تۆۋەندىكىچە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلغان:

14–ماددىنىڭ 2–تارمىقى: «چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان، چىقىرىلىدىغان جەسەت، سۆڭەكنى توشۇتقۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىشى شەرت، سەھىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، كىرگۈزۈش ياكى چىقىرىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ» دەپ تۈزىتىلگەن.

بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن قانۇنى» مۇشۇ قارارغا ئاساسەن تۈزىتىپ قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1–ماددا بۇ قانۇن يوقۇملۇق كېسەلنىڭ چەت ئەلدىن كىرىشى ياكى چەت ئەلگە تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دۆلەت چېگرىسىدا سەھىيە كارانتىنى قىلىش، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا قاتناشقا ئېچىلغان پورت، ئايرودروم شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ قۇرۇقلۇق چېگرىسىدىكى ۋە چېگرا دەريادىكى پورتى (تۆۋەندە دۆلەت چېگرا پورتى دىيىلىدۇ) دا دۆلەت چېگرا سەھىيە كارانتىن ئورگىنى قۇرۇلىدۇ، ئۇ، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، يۇقۇملۇق كېسەل كارانتىنى قىلىدۇ، كۆزىتىدۇ ۋە سەھىيە نازارەتچىلىكى قىلىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چېگرا سەھىيە كارانتىن خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

3–ماددا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەل كارانتىن قىلىنىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل ۋە كۆزىتىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلنى كۆرسىتىدۇ.

كارانتىن قىلىنىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل چۇما، خولېرا، سېرىق قىزىتما كېسىلى شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەن بېكىتكەن ۋە ئېلان قىلغان باشقا يوقۇملۇق كېسەلنى كۆرسىتىدۇ.

كۆزىتىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بېكىتىدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ.

4–ماددا چېگرىدىن كىرىدىغان، چىقىدىغان كىشىلەر، قاتناش قوراللىرى، ترانسپورت ئۈسكۈنىلىرى شۇنىڭدەك كارانتىن قىلىنىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل تارقىتىش ئېھتىمالى بولغان يۈك–تاق، مال، پوسۇلكا قاتارلىق بۇيۇملار كارانتىن قىلدۇرۇلۇشى، چېگرا سەھىيە كارانتىن ئورگىنىنىڭ ئىجازىتىنى ئالغاندىن كېيىن چېگرىدىن كىرگۈزۈلۈشى ياكى چىقىرىلىشى كېرەك. كونكرېت چارىسى مۇشۇ قانۇننى يولغا قۇيۇش تەپسىلىي قائىدىسىدە بەلگىلىنىدۇ.

5–ماددا دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن ئورگىنى كارانتىن قىلىنىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلنى ياكى كارانتىن قىلىنىدىغان گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەلنى بايقىغاندا، زۆرۈر تەدبىر قوللانغاندىن سىرت، شۇ جايدىكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا دەرھال ئۇقتۇرۇش قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەڭ تېز ئۇسۇل بىلەن مەلۇم قىلىشى، ئەڭ كېچىككەندىمۇ 24 سائەتتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك. پوچتا–تېلېگراف تارمىقى يۇقۇم ئەھۋالى دوكلاتىنى ئاۋۋال يەتكۈزۈشى لازىم.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن چەت ئەل ئوتتۇرىسىدىكى يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە خەۋەرلەندۈرىدۇ.

6–ماددا چەت ئەلدە ياكى دۆلەت ئىچىدە كارانتىن قىلىنىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل كەڭ تارقالغان چاغدا، گوۋۇيۈەن ئالاقىدار چېگرىنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ قامال قىلسا ياكى باشقا جىددىي تەدبىر قوللانسا بولىدۇ.

2–باب كارانتىن قىلىش

7–ماددا چېگرىدىن كىرىدىغان قاتناش قوراللىرى ۋە كىشىلەر ئەڭ باشتا يېتىپ كەلگەن دۆلەت چېگرا پورتىدىكى بەلگىلەنگەن جايدا كارانتىن قىلدۇرۇشى شەرت. يول باشلىغۇچىلاردىن باشقا ھەر قانداق كىشىنىڭ كارانتىن ئورگىنىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ قاتناش قورالىغا چىقىشىغا، قاتناش قورالىدىن چۈشۈشىگە، يۈك–تاق، مال، پوسۇلكا قاتارلىق بۇيۇملارنى قاچىلىشىغا ۋە چۈشۈرۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. كونكرېت چارىسى مۇشۇ قانۇننى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىدە بەلگىلىنىدۇ.

8–ماددا چېگرىدىن چىقىدىغان قاتناش قوراللىرى ۋە كىشىلەر ئەڭ ئاخىرىدا ئايرىلغان دۆلەت چېگرا پورتىدا كارانتىن قىلدۇرۇشى شەرت.

9–ماددا چەت ئەلدىن كەلگەن كېمە–پاراخوت، ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىسى مەلۇم سەۋەب بىلەن جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدىكى پورت يوق جايدا توختىغان ۋە قونغاندا، كېمە–پاراخوت ۋە ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىسىنىڭ مەسئۇلى يېقىنجايدىكى دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن ئورگىنىغا ياكى شۇ جايدىكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى لازىم. جىددىي ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەر قانداق كىشىنىڭ دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن ئورگىنى ياكى شۇ جايدىكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، كېمە – پاراخوت، ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىسىگە چىقىشىغا، چۈشۈشىگە ۋە يۈك – تاق، مال، پوسۇلكا قاتارلىق بۇيۇملارنى قاچىلىشىغا ۋە چۈشۈرۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.

10–ماددا دۆلەت چېگرا پورتىدا كارانتىن قىلىنىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل، كارانتىن قىلىنىدىغان گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل بايقالسا ياكى كىشىلەر كۈتۈلمىگەن زەخىمدىن باشقا سەۋەب بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ھەمدە ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىسا، دۆلەت چېگرا پورتىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە قاتناش قوراللىرىنىڭ مەسئۇلى دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن ئورگىنىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى ھەمدە دەمال كارانتىن قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

11–ماددا دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن ئورگىنى كارانتىن ۋراچى چىقارغان كارانتىن نەتىجىسىگەئاساسەن، كارانتىن قىلىنىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملانمىغان ياكى سەھىيە جەھەتتە بىر تەرەپ قىلىنغان قاتناش قورالىغا چېگرىدىن كىرىش كارانتىننامىسى ياكى چېگرىدىن چىقىش كارانتىننامىسى بېرىشى لازىم.

12–ماددا دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن ئورگىنى كارانتىن قىلىنىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغانلارنى دەرھال ئايرىۋېتىشى، ئايرىۋېتىش مۇددىتىنى تېببىي تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قاراپ بېكىتىشى شەرت؛ كارانتىن قىلىنىدىغان گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەللەرنى ئېلىپ قېلىپ تەكشۈرۈشى، ئېلىپ قېلىپ تەكشۈرۈش مۇددىتىنى شۇ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ يوشۇرۇن دەۋرىگە قاراپ بېكىتىشى كېرەك.

كارانتىن قىلىنىدىغان يوقۇملۇق كېسەل بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىدىنى يېقىن جايدا كۆيدۈرۈۋېتىش شەرت.

13–ماددا چېگرىدىن كىرگەندە كارانتىن قىلىنىدىغان قاتناش قوراللىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، چاشقان، ھاشاراتلارنى يوقىتىش ياكى سەھىيە جەھەتتىن باشقىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك:

(1) كارانتىن قىلىنىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل رايونىدىن كەلگەنلىرى؛

(2) كارانتىن قىلىنىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغانلىرى؛

(3) ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە مۇناسىۋەتلىك غاجىلىغۇچى ھايۋانلار ياكى كېسەل تارقىتىدىغان ھاشاراتلار بارلىقى بايقالغانلىرى.

چەت ئەل قاتناش قورالىنىڭ مەسئۇلى سەھىيە جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىشنى رەت قىلسا، ئالاھىدە ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شۇ قاتناش قورالىنىڭ دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن ئورگىنىنىڭ نازارەتچىلىكىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسىدىن دەرھال چىقىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ.

14–ماددا دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن ئورگىنى يۇقۇم رايونىدىن كەلگەن، كارانتىن قىلىنىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان ياكى كارانتىن قىلىنىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلنى تارقىتىش ۋاسىتىسى بولۇش ئېھتىمالى بولغان يۈك–تاق، مال، پوسۇلكا قاتارلىق بۇيۇملارنى تەكشۈرۈپ، دېزىنفېكسىيە قىلىشى، چاشقان ۋە ھاشاراتلارنى يوقىتىشى ياكى سەھىيە جەھەتتىن باشقىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان، چىقىرىلىدىغان جەسەت، سۆڭەكنى توشۇتقۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋەكالەتچىسى دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىشى شەرت، سەھىيە جەھەتتە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، كىرگۈزۈش ياكى چىقىرىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

3–باب يۇقۇملۇق كېسەلنى كۆزىتىش

15–ماددا دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن ئورگىنى چېگرىدىن كىرىدىغان–چىقىدىغانلارنى يۇقۇملۇق كېسەل بويىچە كۆزىتىدۇ ھەمدە زۆرۈر ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىدۇ.

16–ماددا دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن ئورگىنى چېگرىدىن كىرىدىغان–چىقىدىغانلارنى سالامەتلىك كارتىسى تولدۇرۇشنى، مەلۇم بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسىنى ئۇرغۇزغانلىق گۇۋاھنامىسى، سالامەتلىك ئىسپاتى ياكى باشقا ئالاقىدار گۇۋاھنامىلەرنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

17–ماددا كۆزىتىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسىلى بارلار، چەت ئەلنىڭ كۆزىتىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغان رايونىدىن كەلگەنلەر ياكى كۆزىتىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللەر بىلەن يېقىن ئۇچراشقانلارغا دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن ئورگىنى ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ، كېسەل كۆرسىتىش قولاي كارتىسى بېرىشى، ئېلىپ قېلىپ تەكشۈرۈشى ياكى باشقا ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە شۇ جايدىكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. جايلاردىكى داۋالاش ئورۇنلىرى كېسەل كۆرسىتىش قولاي كارتىسى بارلارنىڭ كېسىلىنى ئاۋۋال كۆرۈشى كېرەك.

4–باب سەھىيە نازارەتچىلىكى

18–ماددا دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن ئورگىنى دۆلەت بەلگىلىگەن سەھىيە ئۆلچىمىگە ئاساسەن، دۆلەت چېگرا پورتىنىڭ سەھىيە ئەھۋالى ۋە دۆلەت چېگرا پورتىدا توختاپ، چېگرىدىن كىرىدىغان، چىقىدىغان قاتناش قوراللىرىنىڭ سەھىيە ئەھۋالىنى سەھىيە جەھەتتىن نازارەت قىلىدۇ:

(1) ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ غاجىلىغۇچى ھايۋانلار ۋە كېسەل يۇقتۇرغۇچى ھاشاراتلاردىن مۇداپىئەلىنىشى ۋە ئۇنى يوقىتىشىغا نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛

(2) يېمەكلىك، ئىچىملىك سۇنى ۋە ئۇنى ساقلاش، تەمىنلەش، توشۇش ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرىدۇ؛

(3) يېمەكلىك، ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان كەسىپكارلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ، سالامەتلىك ئىسپاتىنى تەكشۈرىدۇ؛

(4) ئەخلەت، تاشلاندۇق، يۇندا، گەندە– سۈيدۈك ۋە پاراخوت تەڭشەك سۈيىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىنى نازارەت قىلىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ.

19–ماددا دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن ئورگىنى دۆلەت چېگرا پورتىغا سەھىيە نازارەتچىسى قويىدۇ، ئۇ، دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن ئورگىنى تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىدۇ.

دۆلەت چېگرا پورتىدىكى سەھىيە نازارەتچىسى ۋەزىپە ئۆتىگەندە، دۆلەت چېگرا پورتىنى ۋە چېگرىدىن كىرىدىغان، چىقىدىغان قاتناشقوراللىرىنى سەھىيە جەھەتتىن نازارەت قىلىشقا، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشقا، سەھىيە ئەھۋالى ياخشى بولمىغان ۋە يوقۇملۇق كېسەل تارقىتىش ئېھتىمالى بولغان ئامىللار ھەققىدە ئوڭشاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالاقىدار تارماقلارنى ھەمكارلاشتۇرۇپ، زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، سەھىيە جەھەتتە بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

5–باب قانۇن جاۋابكارلىقى

20–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان ئورۇن ياكى شەخسلەرگە دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن ئورگىنى قىلمىشىنىڭ ئېغىر– يېنىكلىكىگە قاراپ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەرسە ياكى جەرىمانە قويسا بولىدۇ:

(1) كارانتىن قىلدۇرۇشتىن قېچىپ، دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن ئورگىنىدىن ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغانلار؛

(2) چېگرىدىن كىرىشتە دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن ئورگىنىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، قاتناش قوراللىرىغا ئۆز مەيلىچە چىقىپ، چۈشۈپ ياكى يۈك–تاق، مال، پوسولكا قاتارلىق بۇيۇملارنى قاچىلاپ، چۈشۈرۈپ، نەسىھەت قىلسىمۇ قۇلاق سالمىغانلار.

جەرىمانە پۇلىنىڭ ھەممىسى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.

21–ماددا ئالاقىدارلاردىن دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن ئورگىنىنىڭ جەرىمانە قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، شۇ جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. سۈرۈك ئۆتكىچە دەۋا قىلمىسا ۋە مەجبۇرىيىتىنىمۇ ئادا قىلمىسا، دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن ئورگىنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

22–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كارانتىن قىلىنىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى كارانتىن قىلىنىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل تارقىلىش ئېغىر خەۋپىنى پەيدا قىلغانلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 178–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

23–ماددا دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن ئورگىنىنىڭ خادىملىرى قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى، ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇشى، چېگرىدىن كىرىدىغان–چىقىدىغان قاتناش قوراللىرى ۋە كىشىلەرنى ۋاقتىدا كارانتىن قىلىشى لازىم؛ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارغا مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

6–باب قوشۇمچە پرىنسىپ

24–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان سەھىيە كارانتىنىغا دائىر خەلقئارا شەرتنامىلەردە مۇشۇ قانۇندىكىگە ئوخشىمايدىغان بەلگىلىمە بولسا، شۇ خەلقئارا شەرتنامىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. لېكىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆز پىكرىدە قالغان ماددىلار بۇنىڭ سىرتىدا.

25–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرا مۇداپىئە ئورگىنى بىلەن قوشنا دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئە ئورگىنى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا رايون باردى–كەلدىسىدە، ئىككى دۆلەت چېگرىسىنىڭ تۇتاش يېرىدە ئولتۇراقلاشقان ئاھالىنىڭ چېگرىنىڭ بەلگىلەنگەن جايىدىكى ۋاقىتلىق باردى–كەلدىسىدە، ئىككى تەرەپنىڭ قاتناش قوراللىرى ۋە ئادەملىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىش–چىقىش كارانتىنى ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمى بويىچە بولىدۇ، كېلىشىم بولمىسا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

26–ماددا دۆلەت چېگرا سەھىيە كارانتىن ئورگىنى كارانتىن قىلغاندا، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ھەق ئالىدۇ.

27–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن، يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى چىقىرىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.[0]

 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#