سۇغۇرتا

 سۇغۇرتا ئاپەت، ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە زىياننى ئازايتىشقا پايدىلىق؛ مەبلەغ توپلاشقا پايدىلىق؛ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلىشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم بولۇشىغا پايدىلىق بولۇپ، بىر تۈرلۈك دۆلەت ۋە خەلققە پايدىلىق ياخشى ئىشتۇر. 

ئۇيغۇرچە نامى سۇغۇرتا
چەتئەلچە نامى insurance
خەنزۇچە نامى 保险

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كىشىلەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش جەريانىدا تاسادىپىيلىقتىن ساقلىنىش قىيىن، مەسىلەن، ئۆي، مال-مۈلۈكلەرنىڭ ئوتتا كۆيۈپ كېتىشى؛ كېمە-پاراخوتلارنىڭ بوران-چاپقۇنغا يولۇقۇپ چۆكۈپ كېتىشى؛ ماشىنىلارنىڭ كېتىۋېتىپ ئادەملەرنى سوقۇۋېتىپ يارىلاندۇرۇپ قويۇشى قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئىقتىسادىي زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. كىشىلەر بۇ خىل زىيانغا قارىتا تۆلەمگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىشىدۇ. سۇغۇرتا دەل مۇشۇ خىل تەلەپكە ماسلىشىش ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن بىر تۈرلۈك ئىقتىسادىي تۆلەم تۈزۈمىدۇر. 

 سۇغۇرتا ئاپەت، ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە زىياننى ئازايتىشقا پايدىلىق؛ مەبلەغ توپلاشقا پايدىلىق؛ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلىشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم بولۇشىغا پايدىلىق بولۇپ، بىر تۈرلۈك دۆلەت ۋە خەلققە پايدىلىق ياخشى ئىشتۇر. 

سۇغۇرتا ئادەتتە مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى ۋە جىسمانىي سۇغۇرتىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. 

مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى

مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى ماددىي مال-مۈلۈكنى سۇغۇرتا ئوبيېكتى قىلىدىغان سۇغۇرتا. مەسىلەن، ئوت ئاپىتى سۇغۇرتىسى، ترانسپورت سۇغۇرتىسى قاتارلىقلار. 

جىسمانىي سۇغۇرتا

جىسمانىي سۇغۇرتا ئادەمنىڭ جىسمانىيىتىنى سۇغۇرتا ئوبيېكتى قىلىدىغان سۇغۇرتا. مەسىلەن، ئۆمۈر سوغۇرتىسى، تاسادىپىي يارىلىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىقلار.

جۇڭگودا سوغۇرتا ئىشلىرىنى دۆلەت بېجىرىدۇ، زىيان تۆلەم سوممىسى بېرىشكە مەسئۇل بولغاندىن سىرت، يەنە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ماسلىشىپ، تۈرلۈك ئاپەت ۋە تاسادىپىي ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ھادىسە يۈز بېرىشنى ئازايتىدۇ ۋە ئالدىنى ئالىدۇ. دۆلىتىمىزدە يولغا قويۇلۇۋاتقان سۇغۇرتا ئاساسلىقى: ئوت ئاپىتى سۇغۇرتىسى، ماددىي ئەشيا ترانسپورتى سۇغۇرتىسى، كارخانا ۋە ئورگانلارنىڭ مال-مۈلۈك مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى، كوللېكتىپ ياكى شەخسلەرنىڭ ئۆمۈر سۇغۇرتىسى، ساياھەتچىلەرنىڭ كۈتۈلمىگەن زەخىم مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى قاتارلىقلار بار.

 سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلاردىن بىر تەرەپ سۇغۇرتىچى، يەنە بىر تەرەپ سۇغۇرتىلانغۇچى دېيىلىدۇ. ئىككى تەرەپ پۈتۈم(توختام) تۈزۈشكەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلانغۇچى توختامدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن سۇغۇرتىچىغا سوغۇرتا ھەققى تۆلەيدۇ. سۇغۇرتا ھەققى ئادەتتە يىل بويىچە تاپشۇرۇلىدۇ. سۇغۇرتا ھەققى ئادەتتە سوغۇرتا سوممىسى، سۇغۇرتا خىراجىتى نىسبىتى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ھېسابلىنىپ بېكىتىلىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ سۇغۇرتا ھەققىگە قارىتا كونكرېت بەلگىلىمىلىرى بار بولۇپ، سۇغۇرتىلانغۇچى بەلگىلەنگەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن سۇغۇرتا ھەققى تۆلەيدۇ. سۇغۇرتىچى پۈتۈم(توختام) دا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار(مەسىلەن، ئۆمۈر سۇغۇرتىسىدىكى سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈپ كەتسە، سۇغۇرتىنىڭ ئىقتىسادىي تۆلىمىدىن ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بەھرىمەن بولىدۇ) نىڭ تارتقان زىيىنىغا قارىتا تۆلەم بېرىدۇ ياكى ماددىي جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۆتەيدۇ. 

دۆلىتىمىزدە سۇغۇرتا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سۇغۇرتىچىلار، ئادەتتە، ھەرقايسى جايلاردىكى سۇغۇرتا شىركەتلىرى ھېسابلىنىدۇ. سۇغۇرتا شىركىتى ئامما ئارىسىدىن سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان سۇغۇرتىلانغۇچىلاردىن مەلۇم دەرىجىدە سۇغۇرتا خىراجىتى يىغىپ، سۇغۇرتا فوندىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئاز ساندىكى سۇغۇرتىلانغۇچىلار تەبىئىي ئاپەت ياكى تاسادىپىي ھادىسىلەرگە ئۇچراپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن چىقىم تارتقاندا، توختامدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ. شەخسكە نىسبەتەن، ئۆلۈم ھادىسىسىگە ئۇچرىغان ياكى خىزمەت ئىقتىدارىنى يوقاتقانلارغا ماددىي جەھەتتىن كاپالەت بېرىدۇ. سوغۇرتىلانغۇچى پەقەت ئاز مىقداردا مۇقىم سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرسىلا، ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان چوڭ زىيانلارغا ئۇچرىغاندا تۆلەمگە ئېرىشەلەيدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#