ئېنگېلس
ئېنگېلس (1820 −1895-يىللار) ماركسىزمنى ئىجاد قىلغۇچىلارنىڭ بىرى.
«بىر دانە نۇرلۇق ئەقىل-پاراسەت چىرىغى ئۆچتى، بىر ئۇلۇغ يۈرەك سوقۇشتىن توختىدى». رۇسىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى لېنىن 25 يېشىدا يازغان «فىرىدرىخ ئېنگېلس» دېگەن ئەسىرىدە، ئېنگېلسقا بولغان مەڭگۈلۈك ئەسلەش ھېسسىياتىنى نېكراسوفنىڭ يۇقىرىقى شېئىرىي مىسرالىرى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئېنگېلس (1820 −1895-يىللار) ماركسىزمنى ئىجاد قىلغۇچىلارنىڭ بىرى، ماركسنىڭ سىرداش دوستى. ئۇ ئەنگلىيىدىكى بىر توقۇمىچىلىق فابرىكىسى خوجايىنى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپلا دادىسىغا ئەگىشىپ سودا قىلىشقا مەجبۇر بولغان، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن، ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ دەرس ئاڭلىغان. ئىشچىلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پرولېتارىياتنى ئازاد قىلىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئىزدىگەن. شۇنداق قىلىپ، ئاخىر بىر كوممۇنىزمچىغا ئايلانغان. 1844-يىلى، ماركس بىلەن كۆرۈشۈپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك ھەقىقىي دوستلۇق ئورناتقان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ بىلەن زىچ ھەمكارلاشقان ھەمدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلغان.
ئېنگېلس بىلىمى مول، پىكرى ئۆتكۈر، ناھايىتى ئىقتىدارلىق ئىلىم ئەھلى بولۇپ، 20 نەچچە خىل يېزىقنى پۇختا ئىگىلىۋالغان. ئۇ ماركس بىلەن بىللە مول مەزمۇنلۇق نەزەرىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ماركسىزمنى ياراتقان، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئىشچىلار ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پرولېتارىيات ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشقان. لېكىن، ئۇ ناھايىتى كەمتەرلىك بىلەن، مەن دېگەن 2-ئىسكىرىپكىچى، ماركسقا ھەمكارلىشىش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم، دېگەن. 1850-يىلى ئىنقىلابقا ئۆزىنى ئاتاپ بولغان ئېنگېلس ئاساسلىقى ماركس ئائىلىسىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئاللىقاچان رايى يېنىپ كەتكەن تىجارەت بىلەن قايتىۋاشتىن شۇغۇللىنىپ، 20 يىل تىجارەت قىلغان. ماركسنىڭ ئىنقىلاب نەزەرىيەسىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىجادىيەتنى تاماملىشىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن، ئۇ كۆپ قىسىم زېھنىي كۈچىنى تىجارەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان، شۇنداقلا يېنىدىكى پۇللىرىنى قالدۇرماي ماركسقا ئەۋەتىپ بېرىپ تۇرغان، ماركس ئۇنىڭ قۇربان بېرىش روھىدىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەن. ئۇ: ئېنگېلسنىڭ ئاجايىپ تالانتى ئاساسلىقى مېنى دەپ تىجارەت يولىدا ئىسراپ بولۇپ كەتتى، دېگەن. نۇرغۇن چوڭ نەزەرىيىۋى مەسىلىلەردە، ئېنگېلس دائىم ماركس بىلەن بىللە مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن. كەسىپ مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن، ئېنگېلس كاپىتالىستىك ئىقتىسادنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى ناھايىتى پىششىق بىلەتتى. شۇڭا، ئۇ ماركسنى بىرىنچى قول كونكرېت ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ، نۇرغۇن قىممەتلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماركسنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىنى تاماملىشىغا ھەمكارلاشقان. كېيىن، ئۇ گېزىت-ژۇرناللاردا بەزى پرىنسىپال مەسىلىلەر ھەققىدە ماركس بىلەن ئۆزىنىڭ ئورتاق كۆزقاراشلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ «دىيۇرڭغا قارشى» دېگەن كىتابىدا ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق شەرھلىگەن بولۇپ، بۇ كىتاب ماركسىزم قامۇسى، دەپ تەرىپلەنگەن.
ماركس ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئۇزاقتىن بېرى شۇغۇللىنىپ كېتىۋاتقان تەتقىقات خىزمىتىنى دەرھال توختىتىپ، ئاخىرقى 12 يىللىق ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ماركسنىڭ كاتتا ئەسىرى «كاپىتال» نىڭ 2-، 3-تومىنى رەتلەش، نەشر قىلىشقا سەرپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، 2-ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قۇرۇلۇشىغا ھەمكارلاشقان. ئۇ پۈتكۈل ھاياتىنى كوممۇنىزم ئىشلىرىغا ئەنە شۇنداق خالىس تەقسىم قىلىپ، 1895-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن لوندون دا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ جەسەت كۈلى مەرھۇمنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە دېڭىزغا چېچىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ نەتىجىسى ۋە ئىدىيىسى ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ئابىدە تىكلەپ بەرگەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.