بۇغدايلىقتىكى غەلىتە شەكىللەر

بۇغدايلىقتىكى غەلىتە شەكىللەر

بۇغدايلىقتىكى غەلىتە شەكىللەر دىگىنىمىز بولۇق ئۆسكەن بۇغدايلىق ئىچىدە بىر كېچىدىلا پەيدا بولۇپ قالغان غەلىتە، ئەگرى-بۈگرى، قانۇنىيەتلىك شەكىللەرنى كۆرسىتىدۇ. 17-ئەسىردىن بېرى بۇ توغىرسىدىكى تالاش-تارتىشلار توختاپ قالغىنى يوق.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«بۇغدايلىقتىكى غەلىتە شەكىللەر» ھادىسىسى ھەققىدىكى تۇنجى خەۋەر 1647-يىلى ئەنگلىيە دە ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياۋروپا، جەنۇبى ئامېرىكا، ئاسىيا قاتارلىق رايونلاردىمۇ بۇنداق غەلىتە شەكىل ھادىسىلىرى پات-پات يۈز بېرىپ تۇردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى زور كۆپچىلىكى ئەنگلىيە دە. نۆۋەتتە دۇنيادا ھەر يىلى تەخمىنەن 250 ئەتراپىدا غەلىتە شەكىللەر پەيدا بولۇپ تۇرىدىكەن، بۇلارنىڭ شەكىللىرىمۇ ھەرخىل بولۇپ، بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىكەن. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، 350 يىلدىن بېرى ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ بۇ توغىرسىدىكى تالاش-تارتىشلىرى توختىغىنى يوق. بۇنىڭ شەكىللىنىشى توغىرلىق ھازىر ئاساسلىق بولغان بەش خىل كۆز قاراش بار.

بىرىنچىسى

ماگنىت مەيدانى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ دىيشىچە، ماگنىت مەيدانىدابىرخىل سىرلىق يۆتكىلىش كۈچى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ توك ئېقىمى شەكىللەندۈرۈپ، زىرائەتلەرنى ياتقۇزۇپ قويىدىكەن. ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى جېففىرى.ۋېلسون 130 دىن ئارتۇق بۇغدايلىقىتكى غەلىتە شەكىلنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق %90 شەكىلنىڭ ئەتراپىدا يۇقىرى توك بېسىملىق توكقا ئۇلانغان تىرانسىفورماتور بار ئىكەن، يەنە رادىئوسى 270 مېتىر ئەتراپتا بىردىن سۇ كۆلچىكى بار ئىكەن. زىرائەتلەر سۇغۇرۇلغاندا، بۇغدايلارنىڭ ئاستىدىكى تۇپراقتىكى ئىئونلاردا مەنفى توك پەيدا بولىدىكەن. يۇقىرى بېسىملىق توك بار تىرانسىفورماتوردا مۇسبەت توك پەيدا بولۇپ، بۇ ئىككى مەنفى-مۇسبەت توكلار ئۇچراشقاندىن كېيىن ماگنىت مەيدانى ئېنىرگىيەسى ھاسىل قىلىپ بۇ بۇغدايلارنى ياتقۇزۋەتكەن.

ئىككىنچى

قۇيۇن كەلتۈرۈپ چىقارغان. بەزى مەلۇماتلاردا خاتىرىلىنشىچە، بۇغدايلىقتىكى غەلىتە شەكىللەر ئەڭ كۆپ پەيدا بولىدىغان پەسل ئەتىياز بىلەن ياز پەسلى ئىكەن. بەزىلەر، ياز پەسلىدىكى ھاۋا ئۆزگىرىشى تۇراقسىز بولۇپ، قۇيۇن بۇنى شەكىللەندۈرگەن مۇھىم سەۋەپ بولىشى مۇمكىن دەپ ھېساپلايدۇ. نۇرغۇن غەلىتە شەكىللەر تاغ باغرى ياكى تاغدىن 6-7 كىلومېتىر يىراقلىتىكى ئورۇنلاردا شەكىللەنگەن، قۇيۇن بۇنداق جايلاردا ناھايىتى ئاسان پەيدا بولىدۇ.

ئۈچىنچى

تاشقى پىلانت ئادىمى ياسىغان. نۇرغۇن كىشلەر، بۇغدايلىقتىكى غەلىتە شەكىللەرنىڭ كۆپچىلىكى بىر كېچىدىلا پەيدا بولىدۇ، بۇ تاشقى پىلانت كىشىلىرىنىڭ ئىجادىيىتى دەپ قارايدۇ.

تۆتىنچى

سىرلىق كۈچ پەيدا قىلغان. بەزىلەر بۇ غەلىتە شەكىللەرنىڭ ئارقىسىدا چوققۇم بىر سىرلىق كۈچ بار، بۇ خۇددى بېرمۇدادىكى ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەككە ئوخشاش دەپ قارايدۇ. بەزىلەر بۇنى شۇملۇقنىڭ بىشارىتى دەپ قاراپ سۆز-چۆچەك تارقىتىدۇ.

بەشىنچى

ئادەملەر ياسىغان. بۇ ئەڭ كەڭ تارقالغان كۆز قاراش بولۇپ،بۇقاراشتىكىلەر بۇنى بەزى كىشلەر ئويناپ چىققان ئويۇن دەپ قارايدۇ. ئەنگلىيەلىك ئالىم ئاندروۋ 17 يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇغدايلىقتىكى غەلىتە شەكىللەرنىڭ %80 نى ئىنسانلار ياساپ چىققان دەپ ھېساپلىدى.

ئالىملار كۆپ قىسىم بۇ خىل چىرايلىق شەكىللەر ئادەملەر تەرىپىدىن ياسالغان دەپ قارىسىمۇ، لېكىن بەزىلەر يەنىلا بۇ خىل غەلىتە شەكىللەرنى تاشقى پىلانت مەدەنىيىتىگە باغلايدۇ. ئالىملارنىڭ يەكۈنى نىمە ئۈچۈن ئۇلارنى قايىل قىلالمايدۇ؟ بۇ غەلىتە شەكىللەرنىڭ سىرىنى يېشىشكە نىمە قىيىنچىلىق تۇغدۇرىۋاتىدۇ؟ جۇڭگو لۇق تەتقىقاتچى گوجېڭيىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ غەلىتە شەكىللەر كۆپ ھاللاردا بۇغداي ۋە ئارپا ئېتىزلىقلىرىدا پەيدا بولىدىكەن. بۇ غەلىتە شەكىللەردە ھېچ بولمىغاندا بەش خىل ئالاھىدىلىك بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىكلەر بۇ غەلىتە شەكىللەرنىڭ سىرىنى يېشىشقا گۇمان تۇغدۇردى.

بىرىنچى

ھازىرغىچە تەتقىقاتچىلار بۇ غەلىتە شەكىللەرنى ئادەم ياسىغانلىق ھەققىدىكى ھەقىقى ئىسپاتلارنى تاپالمىدى. يەنى ھېچقانداق ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنىڭ قالدۇرغان ئىز قالدۇرۇلمىغان، ئەتراپتىكى باشقا زىرائەتلەر ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىغان، تېخىمۇ مۇھىمى ھېچقانداق ئاياق ئىزى تېپىلمىغان.

ئىككىنچى

تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بارلىق بۇغدايلىقتىكى غەلىتە شەكىللەر ئىچىدىكى مۇرەككەپ شەكىللەر ھەرگىزمۇ ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىدە بولمىغان. زىرائەتلەرنىڭ باش قىسمى ياتقۇزۇپ قويۇلغان، سۇنغان ئىزلار ناھايىتى ئاز.

ئۈچىنچى

بۇ غەلىتە شەكىللەر گىئومېتىرىك ئالاھىدىلىك جەھەتتە ناھايىتى نەپىس بولۇپ، ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ شەكىللەر بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىكەن. دەسلەپتە يۇمىلاق چەمبەردىن بارا-بارا تەرەققىي قىلىپ بىرقانچە چەمبەرگە ئايلانغان. 1994-يىلى يەنە چايان، ھەرە، گۈللەرنىڭ ھەرخىل شەكىللىرى بايقالغان.

تۆتىنچى

بۇغدايلىقتىكى غەلىتە شەكىللەرنىڭ چوڭلۇقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلار ئىنسانلار ھەرگىزمۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق چوڭ تىپتىكى شەكىلنى ياساپ بولالمايدۇ دەپ قارىشىدۇ. بەزىلىرى سەككىز پۇتبول مەيدانى چوڭلۇقىدا بۇلۇپ، بىر كېچىدىلا پەيدا بولۇپ قالغان. كالىفورنىيە شىتاتىدىكى سولانو ناھىيەسىدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدا بىر كېچىدىلا 12 غەلىتە شەكىل پەيدا بولۇپ قالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى تەخمىنەن بىر پۇتبول مەيدانى چوڭلۇقىدا ئىكەن.

يەنە بىر ئالاھىدىلىك شۇكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شەكىللەنگەن نەچچە مىڭ پارچە غەلىتە شەكىللەرنىڭ شەكىللىنىش ياكى ياسىلىش جەريانىنى ھېچكىمنىڭ كۆرگىنى يوق.

بەزى تەكشۈرۈش-تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولدىكى، زور كۆپچىلىك شەكىللەر بەزى كىشىلەرنىڭ ئوينىغان ئويۇنى بولۇپ، بۇنىڭغا گۇمان نەزىرى بىلەن قارايدىغان كىشىلەر يەنىلا زور قىززىقىش نەزىرى بىلەن قارىماقتا. ئەنگلىيە خامپىشىردىكى چىلبولتۇن ئاستىرونومىيە ئورنى ئەتراپىدا پەيدا بولغان ئىككى پارچە شەكىل ئىچىدە بىرسى ئادەم يۈزىنىڭ شەكلى بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى كىنولاردىكى تاشقى پىلانت  ئادىمىنىڭ يۈز شەكلىگە ئوخشاتتى. يەنە بىرى بولسا M13 يۇلتۇز تۇمانلىرىنىڭ شەكلىگە ئوخشايدىكەن.

بەزى تەتقىقاتچىلار بۇنداق شەكىللەرنى ياساشتا مۇرەككەپ ئەسۋاپلار كەتمەيدۇ، سەنئەتكارلارغا پەقەت ئارغامچا، ياغاچ تاختا، ئۆلچەشكە ئىشلتىدىغان سىزغۇچ-مېتىرلار بولسىلا بولىدۇ، تەپسىلى كۈزەتسىە ئاياق ئىزلىرىنى بايقىغىلى بولىدۇ، ئادەتتە بۇ يەرلەر ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، ئۇلار بۇغدايلىققا كىرگەندە دېھقانلار ئادەتتە كۆپ ماڭىدىغان يەرلەردىن مېڭىپ كىرىپ ئالدىن پەرەز قىلىۋالغان ئورۇنغا بارىدۇ. ئىچىدىكى بىر بىرى شەكىلنىڭ مەركىزىدە تۇرىدۇ، يەنە بىرى ئارغامچىنىڭ يەنە بىر ئۇچىنى تۇتۇپ بىرىنچى چەمبەرنى سىزىشقا باشلايدۇ. قالغان شەكىللەرنىڭ ئارىلىقىمۇ مۇشۇ مەركىزى نۇقتىنى چۆرىدىگەن ھالدا بولىدۇ، ئۇلار باشقىلارنىڭ بايقاپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مەخپى بەلگە-ئىشارەتلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلار ياغاچ تاختايدىن پايدىلىنىپ بۇغدايلارنى ياتقۇزىدۇ. شەكىللەر مۇشۇ تەرىقىدە شەكىللىنىدۇ دەپ قارايدۇ. كىشىلەر بۇ خىل ئۇسۇلنى سىناق قىلىپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان. ئەمىسە بۇ ئادەملەر نىمە مەقسەتتە بۇ شەكىللەرنى ياسايدىغاندۇ؟ بەزى تەتقىقاتچىلار« خېلى زامانلاردىن بېرى بۇ سىرلىق شەكىللەر باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلدى، بەزى سەنئەتكارلار ھەمكارلىشىپ بۇ شەكىللەرنى ياساپ چىقتى. خېلى زور بولغان ماگنىت مەيدانىمۇ بۇنداق شەكىللەرنى ھاسىل قىلالمايدۇ، بۇ پەقەت مۆجىزە يارىتىشنى مەقسەت قىلغان ئويۇن» دەپ قارايدۇ.

ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوينالغان ئويۇن دەپ قارالسا، بۇ ئويۇننى ئوينىغۇچىلار شەكىل ياساشقا ئۇستا ھەم بۇنداق شەكىلنى ياساشنى ئىنچىكە ھېساپلاپ چىقىشى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلار سېزىپ قالسا قەتئىي بولمايدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ مۇۋاپىققىيەت قازىنىش نىسبىتى %100 بولغان. بەزى بۇغدايلىقلاردىكى بۇغدايلار بىرلا تەرەپكە ياتقۇزۇپ قويۇلغان بولماستىن، بەلكى بىرىنىڭ ئۈستىگە بىرى ياتقۇزۇلۇپ، ئۆرۈلگەن چاچ شەكلىنى ھاسىل قىلغان. ياغاچ تاختا ئارقىلىق بۇنداق قىلىش ناھايىتى تەس. ئادەملەر ياسىغان شەكىللەرنىڭ ئەتراپى بىر قەدەر قوپالراق بولىدۇ، لېكىن «راسىت» لىرىنىڭ بولسا سىلىق كەلگەن بولىدۇ. ئادەملەر ياسىغاندا بۇغداي غوللىرىنى سۇندۇرىۋەتكەن ئەھۋاللار كۆپ بولىدۇ، لېكىن «راست» لىرىنىڭ ئۇنداق بولمايدۇ. 1997-يىلى ئامېرىكا ئورىگون شىتاتىدا بايقالغان غەلىتە شەكىلدە بۇغداي غوللىرىدا نۇرغۇن كىچىك تۆشۈكلەر شەكىللەنگەن، بۇ تۆشۈكلەر شەكىلدىن قانچە يىراقلىغانسېرى شۇنچە كىچىك بولغان. 

بۇغدايلىقتىكى غەلىتە شەكىللەرگە بولغان قىزغىنلىقنىڭ بارا-بارا تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، كۆپچىلىك كىشىلەر بۇنى باشقىلار ئوينىغان ئويۇن دەپ ھېساپلاشتى. گەرچە بەزى ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈش مۇمكىن بولمىسىمۇ، كىشلەر بۇ شەكىلنى ياسىغانلار يەنىلا ئادەملەر دەپ قاراشتى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

جانلىق ئىلىم-پەن تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

http://www.livescience.com/26540-crop-circles.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#