باكتېرىيەلىك تولغاق
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
باكتېرىيىلىك تولغاقباكتېرىيىلىك تولغاق قىسقارتىلىپ تولغاق دېيىلىدۇ، بۇ تولغاق تاياقچە باكتېرىيە قوزغايدىغان، دائىم كۆرۈلىدىغان ئۈچەي يوللىرىدىكى يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە پەيدا بولىۋېرىدۇ. بىراق، ياز پەسلىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئۆسمۈرلەردە بۇ خىل كېسەلنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى. بۇ كېسەلنىڭ يۇقۇم مەنبەسى تولغاق كېسەل بىمارلىرى ياكى تولغاق كېسىلىنى ئېلىپ يۈرگەنلەر بولۇپ، ھەزىم قىلىش يوللىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ. تولغاق تاياقچە باكتېرىيىسى چوڭ تەرەت ئارقىلىق چىقىرىلىپ، بىۋاسىتە ياكى ۋاستىلىك ھالدا(چىۋىن ئارقىلىق) يېمەكلىك، ئىچىملىك، قاچا-قۇچا، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە قولغا يۇقىدۇ ئاندىن كېيىن ئېغىز ئارقىلىق ئادەم يۇقۇملىنىدۇ، كىشىلەر ئارىسىدا بۇ خىل كېسەل بىلەن ئوڭاي يۇقۇملىنىدىغانلار بىر ئاز كۆپ بولۇپ، كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە ئىممۇنىتېت كۈچى بولىدۇ. بىراق، ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ داۋاملىشىدىغان ۋاقتى قىسقا، تۇراقسىز بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوخشاش بولمىغان باكتېرىيىلەر توپى ۋە قان زەردابى ئوتتۇرىسىدا ئارىلىشىش بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ خىل كېسەل ئوڭايلا قايتا قوزغىلىدۇ ۋە قايتا يۇقۇملىنىدۇ.
باكتېرىيىلىك تولغاق ئالامىتى: توڭۇپ تىترەش، قورساق ئاغرىش، ئىچ سۈرۈش، تەرەت سۇدەك ھەم شىلىمشىق بۇلۇش، بەزىدە قان، يىرىڭلىق كۆپ قېتىم كېلىش، قۇرۇق ئىنجىق، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ تەسىرى ۋە تولغاق باكتېرىيىلىرىنىڭ قۇشۇلۇشىدىن سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
باكتېرىيىلىك تولغاقتولغاق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
1. يۇقۇملىنىش مەنبەسىنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك، بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغان بىمارلار بايقالسا، دەرھال ۋاقتىدا ئايرىپ داۋالاش ۋە يېمەك-ئىچمەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار، يەسلى خىزمەتچىلىرى قەرەللىك ھالدا چوڭ-كىچىك تەرەتلىرىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.
2. يۇقۇملىنىش مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك. مۇھىت، يېمەك-ئىچمەك ۋە شەخسىي تازىلىقىنى ياخشىلاپ، بالىلارغا تاماقتىن بۇرۇن ۋە چوڭ-كىچىك تەرەتتىن كېيىن قولنى يۇيۇش ئادىتىنى، يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكنى پاكىزلاپ ياكى قايناتقاندىن كېيىن ئىستېمال قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارغا بارمىقىنى شوراتماسلىق، يېمەكلىكلەرنى بىۋاسىتە قولى بىلەن يېگۈزمەسلىك، پاكىز بولمىغان كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى، سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن ياكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن يېمەكلىكنى يېگۈزمەسلىك كېرەك.
3. بالىلاردا ئىچى سۈرۈش ئالامەتلىرى بايقالسا، بالىنىڭ تەرىتىنى تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن داۋالاشنى كۈچەيتىش ۋە ئۈزۈل-كېسىل داۋالاش، بىمارغا نىسبەتەن خەۋەر ئېلىشنى كۈچەيتىپ، يېتەرلىك سۇ تولۇقلاپ، ئوڭاي ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى بېرىش، بىماردا قاتتىق قىزىش ئالامىتى كۆرۈلسە، دەرھال ۋاقتىدا قىزىتمىنى ياندۇرۇش كېرەك.
باكتېرىيىلىك تولغاقتولغاقنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى بىر-ئىككى كۈن بولىدۇ، بۇ ئۈچ تىپقا بۆلۈنىدۇ:
يېنىك تىپ: بىمارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال ياكى ئازراق يۇقىرى بولىدۇ، قورسىقى ئاغرىيدۇ. يىنىك دەرىجىدە ئىچى سۈرىدۇ، كۈندىلىك چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىدۇ. چوڭ تەرىتى سۇيۇقراق ھەم شىلىمشىق كېلىدۇ. بىراق قان ئارىلاش بولمايدۇ، ئادەتتە 3 ~ 7 كۈندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ.
ئادەتتىكى تىپ: بىمار قاتتىق قىزىيدۇ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ، ℃39 ئەتراپىغا چىقىدۇ. سوغۇق تەرلەيدۇ، غالىلداپ تىترەيدۇ. ئارقىدىنلا قورسىقى ئاغرىيدۇ، ئىچى سۈرىدۇ. بىماركۈندە 10-20 قېتىمغىچە چوڭ تەرەت قىلىدۇ. تەرەت سۇيۇق كېلىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن شىلىمشىق ۋە قان ئارىلاش تەرەت كېلىدۇ. تولغاق بىلەن يۇقۇملىنىشى روشەن بولىدۇ(چوڭ تەرەت قىلغۇسى كېلىدۇ، بىراق چوڭ تەرەت قىلالمايدۇ) . دەسلەپ داۋالىغاندىن كېيىن 1 ~ 2 ھەپتىدىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالى ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىشقا باشلايدۇ.
ئوتتۇرا تىپتىكى زەھەرلىنىش: ئادەتتە ئىككى ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان، بەدەن ساپاسى بىر ئاز ياخشى بولغان بالىلاردا كۆرۈلىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى خەتەرلىك بولۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃40 تىن يۇقىرى بولىدۇ. روھسىزلىنىپ، ئۇيقۇغا ئامراق بولۇپ قالىدۇ ياكى بىئارام بولىدۇ. كەينى-كەينىدىن تارتىشىپ قېلىش، ھوشىدىن كېتىش ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ. چىرايى ناھايىتى تېزلىكتە ئاقىرىپ، تېرىلىرىگە چېكىت-چېكىت نەرسىلەر چىقىپ قالىدۇ. كالپۇكى ئاقىرىپ، كېيىن كۆكىرىپ، پۇت-قوللىرى مۇزلاپ كېتىدۇ. قان بېسىمى تۆۋەنلەپ، نەپەس ئېلىشى تەرتىپسىز بولىدۇ. نەپەس ئېلىشى ۋاقىتلىق توختاپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا شوك بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قورسىقى ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئۈچەي يوللىرى كسەللىك ئەھۋالى بىر ئاز يېنىك بولىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ئىپادىلەر بولسا، دەرھال ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك.
2-رېتسېپ
تەركىبى: سېرىقپىچەك ئۇرۇقى 10 گرام، ئاق قىچا، ئارچا مېۋىسى، ئىسپىغۇل 30 گرامدىن، خەشخاش ئۇرۇقى، بەزرۇلبەنجى، زىرە، كەرەپشە ئۇرۇقى، كۈدە ئۇرۇقى سەككىز گرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇ بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا يەتتە تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.