سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقى
بۇ كېسەللىك، قويۇق تاماقلارنى كۆپ يېيىش، ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان باش ئېغىر بولۇش، ئېغىز، بۇرۇن قۇرۇش، ئۇيقۇسىزلىنىش، چىرايى نۇرسىزلىنىپ، كۆزلىرى قۇرۇش، روھى چۈشۈپ، ھەر خىل يامان خىياللارنى كۆپ قىلىدىغان بولۇپ قېلىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، سۈيدۈكى ئاق كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، قويۇق تاماقلارنى كۆپ يېيىش، لوبىيا، پۇرچاق، كاپۇسكا، كالا، ئۆچكە، ئات ۋە كېيىك گۆشى ھەمدە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: باش ئېغىر بولۇش، ئېغىز، بۇرۇن قۇرۇش، ئۇيقۇسىزلىنىش، چىرايى نۇرسىزلىنىپ، كۆزلىرى قۇرۇش، روھى چۈشۈپ، ھەر خىل يامان خىياللارنى كۆپ قىلىدىغان بولۇپ قېلىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، كۆپ سۆزلەيدىغان، بىر يەردە تۇرالمايدىغان بولۇپ قېلىش، تومۇرى ئىنچىكە، تېز، چۆكمە سېلىش، سۈيدۈكى ئاق كېلىش، زىيادە خىلىت پىشقاندا كۆك ياكى قارىغا مايىل بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ
تەركىبى: سەبرە سۇقۇتى، ئوسارە ئەفسەنتىن، مەستىكى رۇمى، غارىقۇن 10 گىرامدىن، ئاچچىقتاۋۇز، سوقمونىيا بەش گىرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كەرەپشە سۈيى بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى 7 ~ 10 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ) .
3-رېتسېپ
تەركىبى: ئىتياڭىقى 40 گىرام، رەۋەن 30 گىرام، زەنجىۋىل، سەمغى ئەرەبى 12 گىرامدىن،
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قايناق سۇ بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
- قائىدە بويىچە زىيادە خىلىتنى پىشۇرۇش ئۈچۈن مۇنزىج بېرىلىدۇ. زىيادە خىلىت پىشقاندىن كېيىن ئۇنى سۈرۈش ئۈچۈن مەتبۇخى ئەفتىمۇن، مەتبۇخى بىسفايەج بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن گاۋزىبان شەربىتى، بادرەنجى بۇيا شەربىتى، ئۇستقۇددۇس شەربىتى، ئىترىيفېلى ئۈستىقۇددۇس، مەئجۈنى نوجاھ قاتارلىقلار بېرىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
تېببىي جەۋھەر ئۇيغۇر تېبابەت تورىدىن ئېلىندى
http://www.tibbiyjawhar.com/html/medical/bash/2014/0106/547.html
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.