پويىز

ئەڭ دەسلەپكى پويىز ئەمەلىيەتتە پاراۋوز ئىدى. 1804-يىلى ئەنگلىيىلىك ئىنژېنېر تېرېۋىتىك بىر سىلىندىرلىق ھور پاراۋوزى ياساپ، بەش ۋاگوننى سۆرەپ، رېلىستا سائىتىگە 8 كىلومېتىر تېزلىكتە ماڭغان، ئۇ چاغلاردا كۆمۈر ياكى ياغاچ يېقىلغۇ قىلىناتتى.

ئۇيغۇرچە نامى پويىز
خەنزۇچە نامى 火车

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پويىزئەڭ دەسلەپكى پويىز ئەمەلىيەتتە پاراۋوز ئىدى. 1804-يىلى ئەنگلىيىلىك ئىنژېنېر تېرېۋىتىك بىر سىلىندىرلىق ھور پاراۋوزى ياساپ، بەش ۋاگوننى سۆرەپ، رېلىستا سائىتىگە 8 كىلومېتىر تېزلىكتە ماڭغان، ئۇ چاغلاردا كۆمۈر ياكى ياغاچ يېقىلغۇ قىلىناتتى.

دۇنيادا يولۇچى ئولتۇرغان تۇنجى پويىز «كىم ماڭا يېتەلەيدۇ» بەلگىلىك پويىز بولۇپ، تېرېۋىتىك 1807-يىلى لايىھىلەپ ياسىغان، بۇ پويىز لوندوندا كۆرگەزمە قىلىنغاندىن كېيىن، لايىھىدە مەسىلە بولغاچقا رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، ئىشلىتىشتىن توختىغان، كېيىن پارقازان ئىشچىسى سىتىفانسون پويىزنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، 1814-يىلى بىر پويىز ياسىدى، پويىز ئىككى سىلىندىرلىق، يەنە غايەت زور ماخوۋىك(ئۇچقۇرچاق) ئورنىتىلغان بولۇپ، ماخوۋىكنىڭ ئىنېرتسىيىسىنىڭ ياردىمىدە چاق ئايلىنىپ، 30 توننا يۈكنى دۆڭگە سۆرەپ چىقاردى. 1825-يىلى ستىفانسون كۆپ قېتىم لايىھىلەپ ۋە ئۆزگەرتىپ، «ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ» ناملىق يەنە بىر ھور پاراۋوزى ياسىدى. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ئەنگلىيىدىكى ستوكتون بىلەن دارلېگتوننىڭ ئارىلىقىدا تۇنجى تۆمۈريول ترانسپورت لىنىيىسى ئېچىلدى، «ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ» ناملىق پاراۋوز 12 ۋاگوننى سۆرەپ، سائىتىگە 13 كىلومېتىر تېزلىك بىلەن بۇ ئوتتۇرىدا قاتنىدى. 

بىراق، پويىزنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن، كىشىلەر تۆمۈريولدا ھارۋا ھەيدەشنى تاشلاپ قويمىدى. 1829-يىلىغا كەلگەندە، لىۋېرپولدىن مانچېستېرغىچە تۆمۈريول ياتقۇزۇلغاندىن كېيىن، تۆمۈريولدا پويىز مېڭىشى كېرەكمۇ ياكى ھارۋىمۇ دېگەننى بەلگىلەش ئۈچۈن، پويىز بىلەن ھارۋىنىڭ بىر قېتىملىق قىزىقارلىق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە يەتتە پويىز تىزىمغا ئالدۇرۇلدى، بۇلاردىن تۆتى لاياقەتسىز بولدى. قالغان ئۈچىنىڭ مۇسابىقە نەتىجىسىدە سىتىفانسوننىڭ ئوغلى ئۆزگەرتىپ ياسىغان «راكېتا» ناملىق پاراۋوز ئۇتۇپ چىقتى. «راكېتا» ناملىق پاراۋوزنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4.6 مېتىر، ئېغىرلىقى 5.7 توننا بولۇپ، ئوتنىڭ ئۇلۇغ كۆيۈشى ئۈچۈن 5.4 مېتىر ئېگىزلىكتە تۇرخۇن ئورنىتىلغان، ئۇنىڭ ئوتتۇرىچە تېزلىكى سائىتىگە 22 كىلومېتىر بولغان، بۇ ئەينى چاغدىكى تۆت ئات قوشۇلغان ھارۋىنىڭ تېزلىكىدىن 2 ھەسسىدىن كۆپرەك تېز بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى سائىتىگە 4.46 كىلومېتىرغا يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ تۆمۈريولدا پويىز ماڭغان. ئاقىۋەت پويىز رېلىسلىق ھارۋىنىڭ ئورنىغا دەسسەپ، قۇرۇقلۇقتا ئىنتايىن مۇھىم قاتناش-ترانسپورت قورالى بولۇپ قالدى.

پاراۋوز قالايدىغان كۆمۈرىنى ئۆزى ئېلىپ يۈرىدۇ، يۈكى بەك ئېغىر. ئەڭ ياخشى، ئەڭ يېڭى تىپتىكى پاراۋوزلارمۇ كۆمۈرنى تولۇق كۆيدۈرۈپ بولالمايدۇ، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە ئىسراپچىلىقى ئېغىر، شۇڭلاشقا، پاراۋوزنىڭ ئورنىنى بارا-بارا ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل ۋە ئېلېكتروۋوز ئىگىلىدى.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#