پارىسلار

پارسلار

پارىسلار ئىراندىكى ئاساسى مىللەت بولۇپ كەڭ مەنىدىن پارس تىلىنى ئانا تىل قىلىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ، پارىسلار ئىراندا تەخمىنەن 45مىلىيۇن نوپۇسقا ئىگە بولۇپ ئىران نوپۇسىنىڭ تەىمىنەن 60%نى ئىگەللەيدۇ. پارس ئاتالغۇسى يەنە كەڭ مەنىدىن تاجىكىستاندىكى تاجىك ۋە ئافغانىستاندىكى دارى تىللىرىدا سۆزلىشىدىغانلارنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرچە پارىس
ئىنگىلىزچە persian people
تارقىلىشى ئىراننىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقى رايۇنى
ئىتىقادى ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپى
خەنزۇچە 波斯人
نوپۇسى 76مىليۇن
ئىرقى ياۋرۇپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دىڭىز تىپى/ئىتىقادى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پارىسلارپارىسلار ئىراندىكى ئاساسى مىللەت بولۇپ كەڭ مەنىدىن پارىس تىلىنى ئانا تىل قىلىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ، پارىسلار ئىراندا تەخمىنەن 45مىلىيۇن نوپۇسقا ئىگە بولۇپ ئىران نوپۇسىنىڭ تەىمىنەن 60%نى ئىگەللەيدۇ. پارىس ئاتالغۇسى يەنە كەڭ مەنىدىن تاجىكىستاندىكى تاجىك ۋە ئافغانىستاندىكى دارى تىللىرىدا سۆزلىشىدىغانلارنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

پارىسلارنىڭ تىلى ھىندى ياۋروپا تىللىرى سېستىمىسى، ئىران تىللىرى ئائىلىسى، غەربى ئىران تىللىرى تۈركۈمىگە تەۋە بولۇپ ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى پارىس ئېلىپبەسىنى ئىشلىتىدۇ. 

پارىسلارپارىسلار دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ  ئۇلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000-يىلدىن 1500-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېران رايونىغا كەلگەن. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 550-يىلى، قەدىمقى پارىسلار ئېراننىڭ جەنۇبى يەنى بۈگۈنكى پارىس ئۆلكىسىنى بوي سۇندۇرۇش ھەمدە شۇ رايوندىكىلەر بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئېران ئېگىزلىكىگە تارقاتقان. گەرچە يۇنان يەنى ھازىرقى گىرىتسىيە، ئەرەب، مۇڭغۇل، تۈرك قاتارلىق كۈچلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچراپ تۇرسىمۇ، ئۇلار ئۆز مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈشنى تاكى ئېران ئىسلاملاشقىچە بىر مىنۇتمۇ توختاتمىغان.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، يەرلىك شىۋىلەر ھەمدە رايونلارغا خاس ئالاھىدىلىكلەر مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان، 20-ئەسىردىكى ئېران ۋە ئافغان پارىس خەلقىنىڭ ئولتۇراقلىشىشى ئارقىلىق، كېيىنكى ئوسمان تۈرك، ياۋروپا، كاۋكاز ھەمدە ئەرەب دۇنيالىرى ئاستا-ئاستا مەيدانغا كەلگەن. ئەڭ ئاخىرقى پارىس ئىمپىرىيىسى ئافشار خاندانلىقى ھەمدە قاجار خاندانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، پارىسلار دۆلەت نامىنى رەسمى ئىران دەپ بېكىتكەن.

پارىسلار بىر خىل قېلىپلىق خەلق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار پارىس تىلىنى ئورتاق ئەنئەنىگە ئايلاندۇرالىغان. پارىس تىلى ئېران ئېگىزلىكىنىڭ ئورتاق تىلى بولغاچقا، نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر، مەسىلەن تۈركلەر بىلەن ئەرەبلەر بۇ تىلنى ئىككىنچى تىل دەپ بىلىپ كەلگەن. پارىسلار يەرلىك مەدەنىيتى ناھايىتى كۈچلۈك خەلق بولۇپ، تارىختا ئاتەشپەرەستلىك، مانى دىنى قاتارلىق دىنلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن مەزدەكچىلىك، ئەلەۋىچىلىك ئېقىملىرىنى بەرپا قىلغان 19-ئەسىردە پارىسلار يەنە باھائى دىنىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ ئۆز مىللى ئالاھىدىلىكى ۋە رايون مەنپەئىتىنى، مىللى ئەنئەنىلىرىنى جان-جەھلى بىلەن قوغداپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە  ھىندىستاندىكى نەچچە يۈزمىڭ پارىسلارنىڭ ئاتەشپەرەستلىككە ئېتىقاد قىلغىنىدىن ۋە چەتئەللەرگە كۆچۈپ كەتكەن باھائى مەزھىبىدىكى بىر مىلىيۇنغا يېقىن پارىسلاردىن  قىسىم خارازالىقلاردىن باشقا، ئېراندىكى كۆپ قىسىم پارىسلار ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. سۈنىي مەزھەپكە ئېتىقاد قىلىدىغان پارىسلار يوق دىيەرلىك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاز قىسىم پارىسلار خىرسىتىئان دىنى ۋە يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

غەربلىكلەر پارىسلارنى بىر مىللەت سۈپىتىدە ئايرىسىمۇ، ئەمما پارىسلار ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا مىللەتتىن ھالقىپ كەتكەن كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى كۆپ قىسىم پارىسلار ئۆزلىرىنى ئېرانلىق دەپ ئاتايدۇ، ھەرگىزمۇ پارىس دېمەيدۇ. ئېرانلىق ئاتالغۇسى بىلەن پارىس ئاتالغۇسىنىڭ تەڭ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىغا نەچچە يۈز يىللار بولغاچقا، ئېرانلىق ئاتالغۇسى تىلى ئوخشىمايدىغان، ئەمما ئۆز ئارا باغلىنىشلىق بولغان كىشىلەر توپىنى كۆرسىتىپ كەلگەن. ئىران ئىگىزلىكىمۇ تۈرك، يەھۇدى، ئاسۇرىيان ئەرمەن، ئەرەب مىللەتلىرى تارىختىن بۇيان ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن ھالقىلىق رايون بولغاچقا پارىسلارنى كۆپ خىللاشقان خاراكتېرگە ئىگە قىلىپ، پارىسلىقلارنىڭ بىر مىللەت بولۇپ قۇرۇلىشىغا قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.

يۇنانلىقلار يەنى گىرىتسىيىلىكلەر پارىس تىلىنى غەربكە ئېلىپ كىرگەن بولغاچقا، غەربلىكلەرنىڭ ئېراننى پارىس دەپ بىلىشى 1935-يىلغىچە داۋاملاشقان، دەل مانا بۇ ئاتالغۇ بولغاچقىلا ھەممە كىشىلەر ئېرانلىقلارنىڭ ھەممىسىنى، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا پارىس تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قۇبۇل قىلغان بارلىق مىللەتلەرنى پارىسلار دەپ ئاتاپ كەلگەن.

پارىسلارغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى يازما خاتىرىلەر ئاسسىرىيىلىكلەرنىڭ  مىلادىدىن ئىلگىرىكى بايانلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، پارىسلار ئۇنىڭدا «پارسۇئاش» ھەمدە «پارسۇئا» دەپ ئاتالغان. پارىس ئاتالغۇسىغا يېقىن بۇ نام ئېران تىلىدىكى «پارسۇۋا» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، «چېگرا، چەت رايون» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرگەن. خەرىتىدە بولسا ئېراننى كۆرسەتكەن. ئەمەلىيەتتە پارىسۇئاش ۋە پارسۇئا دېگەن ناملار ئىككى جاي نامى بولۇپ، پارسۇئاش دېگەن جاي ئېراننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. بۇ نام قەدىمقى پارىس تىلىدا پارىسا دەپ ئاتالغان.

ئاچېمېنىد خاندانلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ پارىس تىلىنى سۆزلەپ، پەھلىۋىي يېزىقىنى قوللانغان. ساسسانىد خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق زامانىسىدا بولسا، پارىسلار، مېدىئانىتلار، پارتىئانلار ھەمدە ئېراننىڭ شۇ يەرلىك خەلقلىرىنىڭ ئارىلاشمىسى ئېرانلىقلار سالاھىيىتىنى بىردەكلىككە ئىگە قىلغان. مەيلى ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ھەمدە يەرلىك شىۋىلىرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىراقلا ئېرانلىقلار ياكى پارىسلار دەپ ئاتالغان. ئېللاندلىقلارنىڭ تىلى بولسا ئىسلام دەۋىرلىرىگىچە ساقلىنىپ كەلگەن. ئوتتۇرا ئەسىر تارىخشۇناسى ئىبىن ئەل نادىمى مۇنداق دەپ يازغان: «پەھلىۋىي تىلى، دالىي تىلى، كىرۇز تىلى، پارىس تىلى، سۈررىيان تىللىرىنىڭ ھەممىسى ئېرانلىقلارنىڭ تىلى بولغان.» ئابدۇللاھ ئىبنى مۇقەففە، كۇز تىلىنى پارىس خانلىرىنىڭ خاس تىلى بولۇپ، «كۇز» ئېللاندنىڭ يەنە بىر  ئاتىلىشى بولسىمۇ، ئەمما كۇزلۇقلارنىڭ بۇ سالاھىيىتى ئاللىبۇرۇن غايىب بولغان، دەپ چۈشەنچە بەرگەن. سىترابونىڭ دېيىشىچە، ھازىرقى كۇردلارنىڭ ئەجدادى پارىسلاردىن بۆلۈنۈپ چىققان ئىكەن.

قەدىمقى تارىخى

پارىسلارپارىسلار ئارىئانلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى دەپ ئېلىنغان بولۇپ، ئارىئانلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000-يىلدا ئېرانغا كۆچۈپ كىرگەن. ئارىئانلار، پارىسلار ۋە مېدىئالىقلار دەپ ئىككى ئاساسلىق توپقا بۆلۈنگەن، پارىس تىلى بىلەن ئېران تىلىمۇ مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان. ئۇلار ئېران ئېگىزلىكىنىڭ ئاھالىلىكلەر ئولتۇراق رايونىدا ئۆز-ئارا قۇدا-باجا بولۇشقان. مەسىلەن ئېلام. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 9-ئەسىردىن باشلاپلا پارىسلارغا قارىتا بايان پەيدا بولغان بولۇپ، ئۇلار بەزى ماتېرىياللاردا «پارسۇ» دەپ ئاتىلىپ، ئەرمىيە كۆلىنىڭ شەرقى ئەتراپىدا ياشايدۇ، دەپ ئېلىنغان.

مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىردە، قەدىمقى پارىسلار ئاچېمېنىد خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇپ، ئېران ئېگىزلىكىنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھەمدە پارىس ئىمپىرىيىسىنى قۇرغان. نۇرغۇن ئەسىرلەردىن بۇيان، پارىس ئىمپىرىيىسى كۆپلىگەن خاندانلىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان بولۇپ، بەزى خاندانلىقلار ئېرانلىقلار تەرىپىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغان. مەسىلەن، ئاچېمېنىد خانلىقى، رۇلى خانلىقى، ساسسانىد خانلىقى، بۇيىد خانلىقى ھەمدە سامان خانلىقى قاتارلىقلار؛ يەنە بەزى خانلىقلارغا بولسا ئېرانلىقلار ھۆكۈمران بولمىغان، مەسىلەن، سېلېئۇتسىد ئىمپىرىيىسى، ئۇمايود خانلىقى، ئابباس خانلىقى ھەمدە سەلچۇق خانلىقىلار؛

ئاچېمېنىد خانلىقى ھەمدە ساسسانىد خانلىقى ئېراننىڭ جەنۇبىدىكى پارىسلار قۇرغان بولۇپ، رۇلى خانلىقىنى بولسا ئېراننىڭ شىمالىدىكى پارىسلار قۇرغان. ئېراندىكى  ئاچېمېنىد خانلىقىدىن قالغان مىخ خەتلىرى بۇنى ئىسپاتلايدۇ.

ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى

مىلادى 610-يىلى، ئىسلام دىنى، مۇھەممەد س ئە ۋ تەرىپىدىن قايتا گۈللەنگەن. مىلادىي 632-يىلى، ئەرەب يېرىم ئارىلى بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، ئەرەبلەر سىرتقا تاجاۋۇزنى باشلىغان. 637-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئەرەب ھەربىي قوشۇنى ياردەمگە ئېرىشىپ قەددىسىياھ ئۇرۇشىدا غەلبىگە ئېرىشىپ، پارىس ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى تەسىبوننى قولغا چۈشۈرگەن ھەمدە پارىسنى ئەرەب ئىمپىرىيىسىنىڭ تېرېتورىيىسىگە كىرگۈزۈۋەتكەن. پارىسلار تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگۈرۈش ــــ ئىسلامىيلىشىشىقا يۈز تۇتقان.

ئىسلامى دەۋرى تارىخى

پارىسلار دېگەن بۇ سۆز ئىسلام دەۋرلىرىدىمۇ كۆپ خىللاشقان ئېران مىللىتى دېگەن نامنى بىلدۈرۈپ، خارازىم تىلى، گاتابال تىلى، قەدىمقى ئارز تىلى، روككىي تىلى ھەمدە كۇرد تىلىنى بىلىدىغانلار دەپ قارىلىپ كەلگەن.

پارىس دېئالېكتى تارىخشۇناس ئەل مەسۇدى تەرىپىدىن پارىس تىلى دەپ ئاتالغان ھەمدە پارىس دېئالېكتىنى بىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى پارىسلار، ھازىرقى پارىس تىلى شۇ پارىس دېئالېكتىنىڭ بىر تۈرى دەپ ئاتالغان. ئۇ يەنە پەھلىۋىي يېزىقى، قەدىمقى ئارز تىلى ھەمدە باشقا پارىس تىللىرىنى پارىس دېئالېكتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ: «پارىسلار ماخات تاغ تىزمىلىرى، ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە، ئاللان، دېربېنت، راي، مازانداران، ماسكات، شابلان، چەرچەن، ھېرات، مالفوي قاتارلىق چوڭ خارازان رايونلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، كىرمان، پارىس قاتارلىق يەرلەردە بۇلارنىڭ ئىزنالىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ..... بۇ زېمىنلار ئىلگىرى مۇستەقىل خاندانلىققا قاراشلىق بولغاچقا، ئوخشاش بىر تىلنى ئىشلەتكەن..... گەرچە تىللار ئارا سەل پەرق بولسىمۇ، بۇ تىللار يېزىقتا ھەمدە تۈزۈلۈش قىسمىدا بىردەك بولغان. بۇ تىللار پەھلىۋىي تىلى، ئارز تىلى ھەمدە پارىس تىللىرىدىن ئىبارەت بولغان.» دېگەن.

1935-يىلىدىن ئىلگىرى، «پارىس» سۆزى غەربلىكلەرنىڭ ئېراننى ئاتاش نامى بولۇپ كەلگەن، ئەمما ساسساند خاندانلىقى دەۋرىدە (مىلادى 226-يىلىدىن 651-يىلغىچە)، پارىسلارئۆز دۆلىتىنى «ئېران» نامى بىلەن ئاتاپ كەلگەن. ئېران زېمىنىدا ياشاۋاتقان خەلقمۇ كىشىلەر تەرىپىدىن «پارىسلار» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى جامىس رامساي ماك دولاند ھەمدە ئەنگىلىيىنىڭ ئېراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى پېرسىي لورايىنلار ئېران ھۆكۈمىتى ۋە ئېرانلىقلارنى، «پارىس» ۋە «پارىسلار» ناملىرى ئارقىلىق ئاتىغان. 1935-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئېران ئىمپىرىيىسىنىڭ خانى رىزا پەھلىۋىي پەرمان چۈشۈرۈپ، دېپلوماتىيە ئەلچىلىرى تەرەپلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ماتېرىياللىرىدا «ئېران» نامى قوللىنىشنى ئېيتقان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «پارىسلار» بىلەن «ئېرانلىقلار» ئاتالغۇسى ئېران خەلقىنىڭ ئارىسىدا ئىشلىتىلىپ كەلگەن. تارىختا بولسا پارىسلار دېگەن بۇ نام ئېران قىسمەن رايونلىرىدىكى ئېرانلىقلارنىلا كۆرسەتكەن.

ئاساسىي كۆرسەتكۈچ: تاجىك مىللىتى ۋە خازارا مىللىتىنىڭ پارىس كىشىلىرى ئېران، گىرۇزىيە، تۈركىيە، ئەرمېنىيە، كاۋكاز، ئەزەربەيجان، ئافغانىستان، ئۆزبەكىستان، پاكىستاننىڭ شىمالىغا تارقاقلاشقان. ئېراندىكى پارىسلارغا (شىمالىي پارىسلار) ئوخشاش، تاجىكلار (شەرقىي پارىسلار)مۇ ئېران مىللىتىنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئېراندىن كەلگەن پارىسلار ھەمدە باشقا تاجاۋۇزچىلاردىن ئىبارەت. تارىختا قانداشلىقنىڭ ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىشى سەۋەبىدىن، تاجىكلار بىلەن خوراسان رايونىدىكى پارىسلارنىڭ ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋىتى بار بولغان.

بۇنىڭدىن باشقا ئۇششاق تارماقلاردا بولسا ئافغانىستانلىقلار بىلەن پاكىستاندىكى قىزىلباشلىقلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەزەربەيجانلىقلار بىلەن قانداقشلىق مۇناسىۋىتى بار. كاۋكاز، تارتىسلىقلار ئاساسلىقى ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە ھەمدە روسىيەنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ساسسانىد خاندانلىقى دەۋرىدە مۇشۇ جايلاردا سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللانغان سودىگەرلەر. غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىدا زوروئاستىرىزم دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان پاسسىيلىقلار جەنۇبىي ئاسىيانىڭ شىمالى قىسمىدىكى كىچىك رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم پارىس زوروئاستىرىزم دىنى مۇرىتلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئافغانىستاننىڭ خازارا مىللىتى ھەمدە ئايماق مىللىتى كىشىلىرىدە پارىسلاشقان مۇڭغۇللار ھەمدە تۈركلەرنىڭ قان سېستىمىسى بار.

ھازىرقى دەۋرى

1925-يىلى، ئېران گۋاردىيە قوشۇنىنىڭ باشلىقى  رىزا خان پەھلىۋىي ئەنگىلىيىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ھەربىي سىياسىي ئۆزگۈرۈش قوزغاپ، قازار خاندىنلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. پارىسلارنى ئاساس قىلغان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان.

پارىسلارپارىس تىلى ۋە ئېران تىلى بولۇپ، پارىس تىلى دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي بولغان تىل ھەمدە تولۇق بولغان مەدەنىيەت ئەئەنىسىگە ئىگە بولغان تىل. ھەممىگە داڭلىق بولغان پارىس شائىرلىرىدىن ھەكىم ئۇبۇلقاسىم فردوسى، ھافىز، ئۆمەر ھەييام، ئەتتار نەيشاپۇرى، سائادى، نىزام رۇداكى، رومى، سانائىي قاتارلىقلار بار. پارىس تىلى، ئوردو تىى، بېنگال تىلى، تۈرك تىلى، ئەرەب تىلى ھەمدە باشقا يېقىن بولغان تىللارنى ئىشلەتكۈچىلەر پارىس تىلىنى «پارىسى» دەپ ئالغان. ئېراننىڭ شەرقىي رايونلىرىدا يەنە تاجىك تىللىرىمۇ ئىشلىتىلگەن.

تارىختا، پارىس تىلى ئېران تىلى تارمىقىنى كۆرسەتكەن. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، پارىس تىلى ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسىنىڭ ئېران شىمالى تىل تۈركۈمىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر ئېراننىڭ كۆپ قىسىم ئاھالىلىرى  يەنىلا غەربىي پارىس تىللىرىنى ئىشلەتكۈچىلەردىن بولۇپ، شەرقىي پارىس تىلىغا كەلسەك، ئاساسلىقى تاجىك تىلىنى ئىشلەتكۈچىلەرنى ئاساس قىلغان تاجىكىستان ھەمدە ئافغانىستان كىشىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. شۇنداقلا ئۆزبەك ئاز سانلىق مىللىتىنىڭ ئاساسلىق تىلى ھېسابلىنىدۇ. روسىيە، گىرۇزىيە، ئەرمىنىيە، پاكىستان، جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمى (شىنجاڭ)، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەيىن، ئېراق، كۈۋەيت، ئومان ھەمدە ئەزەربەيجانلاردىمۇ ئاز قىسىمدىكى پارىس تىلى ئىشلەتكۈچى خەلقلەر بار.

پارىس مەدەنىيىتى مۇنداق ئۈچ خىل ئاساسىي دىننىي ھازىرلىغان: زروئاستىرىزم دىنى، باخائىزم دىنى، ئاۋگۇستىننغا ئۇ خىرىستىئان دىنى مۇرىتى بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن مانى دىنى. مازداكىت دىنى قەدىمقى ئېراندىكى يەنە بىر خىل دىنى بولۇپ، ئۇ تۇنجى كوممىنزم ئېدىئولوگىيىسى شەكىللەنگەن دەپ قارالغان. مازداكىت دىنى ھەمدە مانى دىنى زوروئاستىرىزم دىنىنىڭ تارماق دىنى بولۇپ، زورو ئاستىرىزم دىنى مونوتېئىزم (بىر ئىلاھلىق دىن)ىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى دەپ قارالغان.

سافاۋىد خاندانلىقى باش كۆتۈرۈشتىن بۇرۇن، سۈنىي مەزھىپى، تابارىستاندىكى زاھىد مەزھىپىدىن باشقا، بۇيىد خاندانلىقى ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە، ھەشاشىن مەزھىپى ھەمدە سارباردارىسلاردىن باشقا، ئېراننىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدىكى ئاساسلىق يېتەكچى كۈچ بولۇپ كەلگەن ئىسلام دىنى مەزھىپى ئىدى.

توققۇز ئەسىر مابەينىدە، گەرچە سۈنىي مەزھىپى ئاساسىي يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، نۇرغۇنلىغان سۈنىي مەزھەپ مۇرىدلىرى يەنىلا شىئە مەزھىپى، شىئە مەزھىپىنىڭ ئاساسلىق ئۈچ تارماق مەزھەپلىرىدىن 12 ئىمام مەزھىپى، ئىسمايىل مەزھىپى ھەمدە زاھىد مەزھەپلىرىگە قاراپ يۈزلەنگەن. ئۇ دەۋرلەردە، شىئە مەزھىپى ئېراقنىڭ قەدىمىي شەھىرى كۇفاھ، باغدات، ناجاف ھەمدە ئەل ھىلال شەھەرلىرىدە ئەۋج ئالغان. شىئە مەزھىپى تابارىستان، قوم، كاشان، ئەۋاج، سەبزېۋەر شەھەرلىرىدىكى ئاساسلىق دىنىي مەزھەپكە ئايلانغان. نۇرغۇنلىغان رايونلاردا، شىئە مەزھىپى بىلەن سۈنىي مەزھىپى بىرلىكتە مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان.

سافاۋىد خاندانلىقى دەۋرلىرىدىن بۇرۇنقى پارىس ئىلىمدارلىرى ھەمدە ئالىملىرىدىن ئىبىن سىنا، جەبىر، سەلمان ئەل پارىسى، فارابى ھەمدە نەسىرىدىن ئەل تۈسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سۈنئىي مەزھەپتىكى مۇسۇلمانلار ئىدى. نۇرغۇنلىغان سۈنىي مەزھەپ مۇسۇلمانى بولغان ئالىملارمۇ پارىسلاردىن ياكى پارىس قان سېستىمىسىدىن بولۇپ، بۇلار ئەبۇ داۋۇد، ھەكىم ئەل نىشابۇرى، ئەل تابارانى، ئەل غەززەلى، مۇھەممەد ئەل بۇخارى، ئەل تىرمىدھى، ئەل نەسائى ھەمدە پەخرىدىن ئەل رازى قاتارىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. سۈنئىي مەزھىپى ھەنەفىلەر دىنىي قانۇنىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەبۇ ھەنەفەلەرمۇ پارىس قان سېستىمىسىغا تەۋە دەپ قارىلىدۇ.

ئېران تۇنجى شىئە مەزھىپى ھۆكۈمرانلىقى سافاۋىد خاندانلىقى ئون ئىككى ئىمام مەزھىپىنى تەرغىپ قىلىپ، ئۆز زېمىنىدا ئون ئىككى ئىمام مەزھىپىنىڭ دىنىي قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلغان ھەمدە مەزكۇر مەھزەپنىڭ تەتقىق قىلىنىشىنى قوللىغان. ئون ئىككى ئىمام مەزھىپىنىڭ ئىمام ئاخۇنى «دۆلەت تۈزۈلمىسى نەزەرىيىسى»نى ئوتتۇرىغا قويغان.

ھازىر بولسا، ئون ئىككى ئىمام مەزھىپىگە ئىشىنىدىغان شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئورنىنى سۈننىي مەزھىپىنىڭ ھەنەفىلەر مەزھىپى ئالغان. ئېراننىڭ جەنۇبى ھەمدە كۇردلار ئارىسىدا شافى مەزھىپىگە ئىشىنىدىغان سۈننىي مەزھەپ مۇسۇلمانلىرىنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. ئاز قىسىمدىكى ئىسمايىل مەزھىپىگە ئىشىنىدىغان مۇسۇلمانلار بولسا ھەرقايسى جايلارغا چېچىلىپ كەتكەن. يەنە بەزى رايونلاردىكى كىشىلەر بولسا شىئە مەزھىپىنىڭ سۇفى مەزھىپىگە ئىشىنىدۇ. زوروئاستىرىزم دىنى (ئاتەشپەرەسلىك دىن)، خىرىستىئان دىنى، يەھۇدىي دىنى ھەمدە باخائىزم دىنىنىڭ ھەرقايسى مۇرىتلىتى ئۆزلىرىگە خاس كىچىك ئامما توپى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، باخائىزم دىنى ئېراندىكى بۇ ئاز قىسىم دىنلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق چوڭ دىن ھېسابلىنىدۇ. بەزى پارىسلار ھەتتا دەھرىي (ئىلاھسىزشۇناشلار) ۋە بىلگىلى بولماسلىق نەزەرىيىسى تەرەپدارلىرىدىن.

ئېران مەدەنىيىتىدە پارىس فىلىملىرى پارىس مەدەنىيىتىنى سۈرەتلەپ بېرەلەيدۇ. پارىس فىلىملىرى ئاز بولمىغان خەلقئارا ئالقىشلارغا ۋە ماختاشلارغا سازاۋەر بولغان. مەسىلەن، «جەننەتنىڭ ئوغلى» ۋە «گىلاس تەمى» قاتارلىقلار. بۇ فىلىملەر پارىس مەدەنىيىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەمدە فېلولوگىيە ئەھلۋالىنىڭ چوڭقۇر كارتىنىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

پارىسنىڭ سەنئەت مىراسلىرى بىر خىللا بولۇپ قالماي، شەرق ۋە غەرب ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پارىس سەنئىتىنىڭ كۆپ قىسمى شۇ يەرلىك جايلارنىڭ ئېللاند مەدەنىيىتىنى ئەندىز قىلغان بولۇپ، ئىككى دەريا مەدەنىيىتى ھەمدە گىرىتسىيە (يۇنان) مەدەنىيىتى ئاساس قىلغان. پارىس ئوتتۇرىدا تۇرۇش ئەۋزەللىكى بىلەن غەرب ۋە شەرىنىڭ سەنئىتى ۋە بىناكارلىقىنىڭ بىرلەشمىسى بولۇپ، يۇنان رىمنىڭ تەسىرى بىلەن ھىندىستان ۋە جۇڭگونىڭ نەزىرىيىسى، تېخنىكىسىنى ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرگەن. پارىس مەدەنىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيا، كاۋكاز، ئاناتولىيە، ئېراق ھەمدە ھازىرقى ئېرانغىچە يېتىپ كەلگەن. مانا بۇ كەڭ رايونلار پارىس مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ يادرولۇق مەركىزى بولۇپ قالغان.

پارىسلارنىڭ سەنئەت ئىپادىلەش شەكلى ئاچېمېنىد خاندانلىقى دەۋرلىرىدىن باشلانغان بولۇپ، ئەينى سەۋردە كۆپ قىسىم مۇھىم ئەربابلارنىڭ ھەيكەللىرى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئادەتتە سىياسىي ۋە دىنىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ كەلگەن. مەسىلەن، پارىس ئۆلمەس ئارمىيىسى (ئىمپىرىيە ئارمىيىسى) ئىككى دەريا مەدەنىيىتى ھەمدە قەدىمقى بابىلۇن تەسىرلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ۋەكىل خاراكتېرلىكى كۈچلۈك بولغان يەرلىك سەنئەتلەردىن پارىس خەرىتىسى بار. پار سەنئىتىگە جۇڭگو سەنئىتىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك رەسساملار ھەرخىل تىپتىكى سەنئەت شەكىللىرىنى قوللىنىشقا ماھىر بولغاچقا، ئوسمان ئىمپىرىيىسى، سافاۋىد خاندانلىقى ھەمد موغال ئىمپىرىيىسى دەۋرلىرىدىكى خان جەمەتى ئوردا ئىچى ھەيكەللىرى بۇنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولالايدۇ.

پارىسلارپارىس مۇزىكىسىنىڭ تارىخى سافاۋىد خاندانلىقىدىن  باشلانغان بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن بولۇشى مۇمكىن. پارىس مۇزىكىسىنىڭ قەدەمم قەدەم ئۆزگۈرۈپ پىششىقلىنىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا كەلگەن ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقى رايونلىرى مۇزىكا ئۇسلۇبى پارىسنىڭ مىللىي مۇزىكىسىغا ئايلانغان بولۇپ، بۇ مۇزىكا بۈگۈنكى ئېران ئەتراپىنىڭ مۇزىكىلىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۈگۈنكى كۈنگەن كەلگەندە، ئەنئەنىۋىي مۇزىكا ئېران ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ زۇۋاللىققا يۈز تۇتقان، ئېران سەرگەردانلىرى ۋە بەزى قارشى پىكىردىكى كىشىلەر مۇزىكىغا نىسبەتەن غەرب تەرەپنىڭ روك مۇزىكىسىغ يۈزلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئورۇنلىغان مۇزىكىلاردا ئېران ئۇسلۇبىدىكى پارىس كوچا ئۇسسۇلىنىڭ پۇرىقىنى تاپقىلى بولىدۇ.

پارىسلارنىڭ بىناكارچىلىققا قوشقان تۆھپىسى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولۇپ، پارىسپورس قەدىمىي يادىكارلىقلىرى ئەڭ قەدىمقى پارىس بىناكارچىلىقىنىڭ باشلامچىسى ھېسابلىنىدۇ، يېقىنقى زامان تارىخىدىكى خاتىرە بىناكارچىلىقلاردىن بولسا ئۆمەر ھەييام مەقبەرىسى تەسەۋۋۇرغا باي كۆپ خىللاشقا پارىس ئەنئەنىسىنىڭ ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ. ئېراننىڭ بەزى شەھەرلىرىدە پارىس بىنكارچىلىق ئۇسلۇبلىرى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، مەسىلەن، قۇزەيۋىن ئۆلكىسىنىڭ قاراگەن قوش مۇنارى ھەمدە ئىسپاھاننىڭ شاھ مەسچىدى  بۇلارغا ۋەكىل بولالايدۇ. پارىس بىناكارچىلىقىنىڭ تەسىرى ئېراننىڭ جۇغراپىيىلىك چېگراسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى، مەسىلەن، سەمەرقەنتنىڭ بى بى خانىم مەسچىدى، بۇخارانىڭ سامان خاننىنىڭ مەقبەرىسى ھەمدە ئافغانىستاننىڭ غەربى قىسمىدىكى جام ئەرزان مۇنارلىرىدىن بۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئىسلام بىناكارلىقى پارىسلار قۇرغان ئاساستىن تەرەققىي قىلىپ چىققان بولۇپ، ئاگورانىڭ تاج مەھىلى ھەمدە ئىستانبۇلدىكى سۇدان ئەھمەدى مەسچىدلىرىدىن پارىس بىناكارلىق تېخنىكىلىرىنىڭ سەۋىيىسىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.

پارسلارپارىس گىلىمىنى گېرمانىيە سەنئەت تەقرىزچىسى گوتتىفىرەد سەمپېر «گىلەمنىڭ ئەسلى مەنىسى زامان ئايرىمىسىدۇر» دەپ باھا بەرگەنلىكىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، گىلەمنىڭ توقۇلىشى قەدىمقى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئاساس قىلغان تەرەققىياتىنىڭ بىر خىل تېخنىكىلىق سەنئىتى دېيىشكە بولىدۇ. پارىس گىلىمى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ نەپىسلىكى بىلەن دۇنياغا داڭلىق، ھەمدە بۇ مەدەنيەتنىڭ ئورنىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. مىلادىدىن ئىلگىرى بەشىنچى ئەسىردىلا، تالالارنى گىرەلەشتۈرۈپ توقۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق كىيىم تىكىش ئېراندىن باشلانغان. مەشھۇر يۇنان گېنىرالى زېمىس توكلىس پارىستا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىدىمۇ پارىس گىلىمىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «بۇ خاندانلىقنىڭ شاھىنىڭ سۆزلىرى قىممەتلىك پارىس گىلىمىگە ئوخشاشلا نەپىس بولۇپ، ئۇنداق گۈزەل نۇسخىلار پەقەت گىلەمنى ئاچقاندىلا ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ، يېپىپ قويسا ئۆزىنى دالدىغا ئالىدۇ.»

پارىس بوستانلىقىنىڭ لايىھىلىنىشى ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى گۈزەللىكنى نامايەن قىلغان بولۇپ، ئۇنى ئەنگىلىيىلىكلەر جەننەت دەپ ئاتىغان. پارىس بوستانلىقلىرى قەدىمدىن تارتىپلا مەۋجۇت بولۇپ، ئىسلام دەۋرلىرىدە پارىس بوستانلىقلىرى تېخىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغان. ئەرەپ ھۆكۈمرانلىرى پارىسلارنىڭ باغۋەنچىلىك تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئەل ئەندەلۇس ۋە قەشقەرىيلەردە باغ سالغان. «مىڭ بىر كېچە»دىكى ھەمدە ئۆمەر ھەييامنىڭ نەزمىلىرىدە تەسۋىرلەنگەن باغ-بوستانلار بولسا تېخىمۇ مەشھۇر بولغان پارىس باغ بوستانلىقىنىڭ نەمۇنىسى بولالايدۇ.

پارس ئاياللىرىپارىس ئاياللىرى تارىختا ئىنتايىن مۇھىم روللارنى ئوينىغان. گەرچە بۇ روللار ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان بولسىمۇ، شەھرىزاد ئاياللادىكى ئەقىل-پاراسەتكە ۋەكىللىك قىلغان، چىمەن بانۇنىڭ گۈزەل ھۆسنى بولسا تاجمەھەل مەقبەرىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولغان. قەدىمقى ئېسىل نەسەبىلىك ئاياللار نۇرغۇنلىغان ھوقۇقلاردا ئەرلەر بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما 20-ئەسىردىن ئىلگىرى، پارىس ئاياللىرى ئومۇمىي جەھەتتىن ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولالمىغان. ئېران پارلامېنتى ئاياللارنى قانۇن تۈزۈش ھەيئەت ئەزا قىلىشنى ئەيىبلىسىمۇ، ئەمما ئاياللارنىڭ نىسبىتى غەرب دۆلەتلەرنىڭ ئۆلچىمىگە تەڭلىشەي دېگەن. ئېران سابىق ئايال پىرىزدېنتى مەسۇمە ئەبتەكەر غەرب ئاخباراتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، مۇھەممەد ھاتەمى دەۋىرلىرىدىكى ئايال سىياسىيونلارغا ئېسىل ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

باشلان تورى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#