سودا مەخپىيىتىگە ئائىت قانۇن ساۋاتلىرى

سودا مەخپىيىتىگە ئائىت قانۇن ساۋاتلىرى

سودا مەخپىيىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، سودا مەخپىيىتى ھوقۇقى ئىگىسىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۆلىتىمىز «جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 219-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: سودا مەخپىيىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، سودا مەخپىيىتى ھوقۇقى ئىگىسىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

1. ھوقۇق ئىگىسىنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ئوغرىلاش، ئازدۇرۇش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسى ياكى باشقا ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن قولغا چۈشۈرۈش؛

2. ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قولغا چۈشۈرۈۋېلىنغان سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاش، ئىشلىتىش ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىش؛

3. پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىپ ياكى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ساقلاشقا دائىر تەلەپلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاش، ئىشلىتىش ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىش.

يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنى بىلىپ تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ سودا مەخپىيىتىنى قولغا چۈشۈرۈۋالغان، ئىشلەتكەن ياكى ئاشكارىلىغانلار سودا مەخپىيىتىگە دەخلى- تەرۇز قىلغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ‹‹ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى››نىڭ 65-ماددىسىدا: سودا مەخپىيىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن:

1. سودا مەخپىيىتى ھوقۇق ئىگىسىنى 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلار؛

2. ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغانلار.

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ «بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات»نىڭ 7ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 219-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، سودا مەخپىيىتى ھوقۇق ئىگىسىگە 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىيان سالغانلىرىغا سودا مەخپىيىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتى بويىچە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇش كېرەك. سودا مەخپىيىتى ھوقۇق ئىگىسىگە كەلتۈرگەن زىيىنى 2 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 219-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت» پەيدا قىلغانلار ھېسابلىنىپ، ئۇلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇش كېرەك.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#