ساربۇلاق بازىرى

ساربۇلاق بازىرى

ساربۇلاق بازىرى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى قورغاس ناھىيەسىگە 25 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى ساربۇلاق بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 732 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى تەتۈر مۆتىدىل بەلۋاغ كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 萨尔布拉克镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسى
نوپۇسى 42 مىڭ ئادەم
ماشىنا كودى يېڭى F

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ساربۇلاق بازىرىساربۇلاق بازىرى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى قورغاس ناھىيەسىگە 25 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. جۇغراپىيەلىك ئورنى چەت-ياقا، ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز، نوپۇسى كۆپ، بايلىقى ئاز، ئىقتىسادىي نامرات، تەرەققىياتى قىيىن بازار، جەمئىيەت ئەھۋالى مۇرەككەپ، خىزمەت سالمىقى ناھايىتى ئېغىر.

ساربۇلاق قازاق تىلىدا «سېرىق بۇلاق» دېگەن مەنىدە. ساربۇلاق بازىرى 1958-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان، ئەسلىدە سۈيدۈڭنىڭ قىزىلبايراق گۇڭشېسى بولغان.

1982-يىلى، ئىلى ۋىلايەتلىك پارتكوم تەكشۈرۈشىدىن كېيىن ساربۇلاق يېزىسىغا ئۆزگەرتىلگەن.

2001-يىلى، قورغاس ناھىيەلىك نەسىللىك قوي فېرمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قوشۇۋېتىلىپ بازار قۇرۇلغان، ساربۇلاق بازىرى دەپ ئاتالغان.

ساربۇلاق بازىرى جايلاشقان قورغاس ناھىيەسىنىڭ شىمالىغا 25 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ساربۇلاق دەرياسى (ئۇچارلىق دەرياسى) ۋادىسى، شىمال تەرىپى ئاقتاش تېغى، جەنۇب تەرىپى لەڭگەر يېزىسى، غەربىي ئېدىرلىق بىلەن ئايرىلىپ لۇساۋگۇ بازىرى بىلەن تۇتاشقان، شەرقىي ئېدىرلىق بىلەن ئايرىلىپ، غۇلجا ناھىيەسى بىلەن تۇتاشقان، پۈتۈن بازار مەمۇرىي رايون كۆلىمى 732 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، شەرىقتىن غەرىپكە ئۇزۇنلىقى 21.4 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلىقى 32.8 كىلومېتىر، تەتۈر مۆتىدىل بەلۋاغ كىلىماتىغا تەۋە، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 706 مېتىردىن 1100 مېتىرغىچە، تاغلىق رايونلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3200 مېتىر، ئەڭ يۇقىرى تېمپېرا ℃38.7 ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃35.3-، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2859 سائەت. پۈتۈن بازاردىكى ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 67 مىڭ 500 مو، ئوتلاق 1 مىليون 100 مىڭ مو.

ساربۇلاق بازىرىساربۇلاق بازىرى قاراشلىق 11 مەمۇرىي كەنت بار، (بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈچ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات كەنت، ئۈچ ناھىيە دەرىجىلىك نامرات كەنت بار، توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان 13 مىللەت بار، ئومۇمىي نوپۇسى 42 مىڭ ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە: خەنزۇلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %21 نى، قازاقلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %24 نى، خۇيزۇلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %38 نى، دۇڭشياڭلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %13 نى، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %4 نى ئىگەللىگەن.

بازار مەيدانىدا پارتىيە باش ياچېيكىسى تەسىس قىلىنغان، 29 پارتىيە ياچېيكىسى، جەمئىي 82 نەپەر كەنت كادىرى، پارتىيە ئەزالىرى 754 نەپەر، بازاردا تۇرۇشلۇق ئورۇن 13، كىچىك تىپتىكى كارخانا 11، ھەر خىل تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يەككە تىجارەتچى ئائىلىسى 280. بىر دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىققىمۇ ماس كېلىدىغان، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشكەن بازار.

ساربۇلاق بازىرى قارىمىقىدا توققۇز مەمۇرىي كەنت بار، بۇنىڭ ئىچىدە بىر چارۋىچىلىق كەنتى بار، 11 كەنت ئاھالە كومىتېتى : كېرىمقۇل كەنتى، بەستېرەك كەنتى، كېزەنقارا كەنتى، چەت ساربۇلاق كەنتى، چاتىرتال كەنتى، بايدىشاڭ كەنتى، چولپان كەنتى، چىبالغاش كەنتى، يۇقارقى مۇجياڭزا كەنتى، تۆۋەنكى موجياڭزا كەنتى، نوڭتيەن كەنتى قاتارلىقلار بار.

ساربۇلاق بازىرىساربۇلاق بازىرىدا ئۆزگىچە، تەبىئىي، ساياھەتچىلىك، قېزىلما بايلىقى ئەۋزەل، چىبالغاش كەنتىنىڭ غەربىيدە تەبىئىي غەلىتە قارىياغاچ جىلغىسىغا، تاغنىڭ 20 نەچچە كىلومېتىر ئىچكىرسىدە جەنۇبتىن شىمالغا قارىياغاچ ئورمانلىرى بەلباغسىمان كەڭ تارقالغان، ئومۇمىي كۆلىمى 4000 مودىن ئارتۇق، قارىياغاچ جىلغىسى ئىچىدە تۆت پەنجىلىك قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى تېخى ھايات، ئارقار، ياۋا بۇغا، ياۋا توڭگۇز، سۇغۇ، ياۋا ئۆردەك، سوقۇشقاق توخۇ، بۆرە، سۇسەر، ئېگىز تاغ بېلىق قاتارلىق تۈرلۈك ياۋايى ھايۋانلار بار.

بىر مىليون 100 مىڭ مو تەبىئىي ئوتلاق بار، ناھىيە بويىچە چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى باشلامچى بازار، 2011-يىلى ساربۇلاق بازىرىدىكى چارۋا-مال 220 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق بولغان، يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا-مال سانى 401 مىڭ 400 تۇياققا يەتكەن. تاغ ئەتراپىدا يەنە كەڭ تارقالغان ياۋا تاغ ئۆرۈكى، ئورمان بەلۋېغى بار، ئومۇمىي كۆلىمى 20 مىڭ مو، بۇلارنىڭ ئىچىدە، تەبىئىي ياۋا ئۆرۈك كۆلىمى تەخمىنەن 10 مىڭ مو. بازاردىكى قېزىلما بايلىق مول، قوغۇشۇن، سىنىك، مىس، گىرانىت، ئالتۇن، مۇز تۈۋرۈكى، ئاساسلىقى ئاقتاش تېغى ئەتراپىغا جايلاشقان، ئەڭ قوغۇشۇن بىلەن سىنكنىڭ قېزىلما بايلىق ئىچىدە ئېچىپ پايدىلىنىش قىممىتى ئەڭ يۇقىرى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#