چوڭ راك

چوڭ راك

چوڭ راك بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ يۇمشاق قاسراقلىقلار سىنىپىدىكى ئون پۇتلۇقلار ئەترىتىنىڭ چوڭ راك ئائىلىسىدىكى تۈرلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. قىممەتلىك دېڭىز مەھسۇلاتى.

ئۇيغۇرچە نامى چوڭ راك
ئىنگلىزچە نامى Palinuridae;lobster
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى يۇمشاق قاسىراقلىقلار سىنىپى
ئائىلىسى ئون پۇتلۇقلار ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 龙虾
تارقالغان رايونلار جۇڭگو، ئوتتۇرا جەنۇبى ئامېرىكا قىتئەسى ۋە مېكسىكىنىڭ شەرقىي شىمالى
تىپى بوغۇم ئاياغلىقلار تىپى
تۈركۈمى چوڭ راك تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى 12 خىل ئۇرۇقداش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چوڭ راكچوڭ راك بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ يۇمشاق قاسراقلىقلار سىنىپىدىكى ئون پۇتلۇقلار ئەترىتىنىڭ چوڭ راك ئائىلىسىدىكى تۈرلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە چوڭ راك، باشلامچى راك، راك، دېڭىز راكى، راك پادىشاھى قاتارلىق ناملىرىمۇ بار. ئاساسلىقى تروپىك بەلۋاغدىكى دېڭىزلارغا تارقالغان بولۇپ، قىممەتلىك دېڭىز مەھسۇلاتى.

چوڭ راك، ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايى جۇڭگو، جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە مېكسىكا شەرقىي شىمالى قىسىمى. جۇڭگودىكى تارقىلىش ئەھۋالى: ئەنخۇي، خۇبېي، شاڭخەي، جاڭسۇ، شياڭگاڭ، تەيۋەن قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيگەن، سانى غايەت زور تەبىئىي تۈر توپى شەكىللەنگەن.

چوڭ راكچوڭ راكنىڭ كۆكرەك قىسمى بىر قەدەر چوڭ، پوستى قاتتىق، رەڭدار بولىدۇ، قورساق قىسمى قىسقا، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 20 ~ 40 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 0.5 كىلوگرام ئەتراپىدا، بەزىلىرىنىڭ قىسقۇچى يوق، قورساق پۇتى ئۆزگىرىپ قىسقۇچقا ئايلىنىدۇ. ئەڭ ئېغىرى 5 كىلوگرامدىن يۇقىرى بولىدۇ، كىشىلەر ئۇنى چوڭ راك يولۋاس دەپ ئاتايدۇ. گەۋدىسى توم يۇمىلاق سىلىندىر شەكلىدە، دۈمبە-قورساقلىرى سەل تۈز، باش كۆكرىكى تەرەققىي قىلغان، كۆپ تىكەنلىك قېلىن، ئالدى گىرۋىكىدىكى بىر جۈپ كۆزى ئۈستىدە كۈچلۈك بىسى بار، يېپىق ساقاق كامېرىسى بار.

قورساق قىسىمى نىسبەتەن قىسقا ھەم يىرىك، ئارقا قىسىمى قورساق تەرەپكە قاراپ ئىگىلگەن، قۇيرۇق قانىتى كەڭ، قىسقا. چوڭ راكنىڭ قاتتىق بوغۇم سۆڭىكى بار. كۆكرىكىدە 5 جۈپ پۇتى بار، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ياكى كۆپ جۈپ قىسقۇچقا ئايلانغان، ئادەتتە يان تەرىپىدىكى قىسقۇچتىن چوڭ. كۆزى ھەركەتچان كۆز ساپىقىغا جايلاشقان. ئىككى جۈپ ئۇزۇن سەزگۈ مۈڭگۈزچىسى بار. ئۇزۇن قورساق قىسىمىدا كۆپ سۇ ئۈزۈش پۇتى بار، قۇيرۇقى ئۈزگۈچ شەكلىگە ئۆزگەرگەن، سۇ ئۈزۈش، بەدەننى ئالغا سۈرۈلۈشى قۇيرۇق قىسمى بىلەن قورساق قىسمىنىڭ ئەگرى پائالىيىتى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.

چوڭ راكچوڭ راك: چوڭ راك ئۇرۇقدىشى، تاغ جىنسلىرى بۇرۇتلۇق چوڭ راك ئۇرۇقدىشى، ئۇزۇن نەشتەرلىك چوڭ راك ئۇرۇقدىشى، قاپباش راك ئۇرۇقدىشى، قاسىراقلىق چوڭ راك ئۇرۇقدىشى، تۈكلۈك چوڭ راك ئۇرۇقدىشى، بەك چوڭ راك ئۇرۇقدىشى، دىقماق چوڭ راك ئۇرۇقدىشى، ئەسلىدىكى چوڭ راك ئۇرۇقدىشى، ئۈزگۈچى چوڭ راك ئۇرۇقدىشى، تاسمانىيە چوڭ راك ئۇرۇقدىشى قاتارلىق 11 ئۇرۇقدىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

چوڭ راكچوڭ راك ئاساسلىقى تروپىك بەلۋاغدىكى دېڭىزلارغا تارقالغان بولۇپ، قىممەتلىك دېڭىز مەھسۇلاتى. تەخمىنەن 46 خىلى بار بولۇپ، دۆلىتىمىزدە بايقالغانلىرى تەخمىنەن: گۈزەل چوڭ راك، جۇڭگو چوڭ راكى، دولقۇنسىمان چوڭ راك، رەڭلىك چوڭ راك، ياپون بۇرۇتلۇق چوڭ راكى، قىزىل چوڭ راك، ياپونىيە قاپباش راك قاتارلىق سەككىز تۈرىلا بار.

ياشاش مۇھىتى

چوڭ راكنىڭ سۇدا ئېرىگەن ئوكسىگېنغا ماسلىشىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، سۇ ۋە ئوكسىگىن يېتەرسىز شارائىتتا ئۇ قىرغاققا يامىشىپ چىقالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇدىكى لەيلىمە ئۆسۈملۈك ياكى سۇ ئوتلىرى پايدىلىنىپ، بەدەننى سۇ يۈزىگە يېنىچە قىلىپ، بەدىنىنىڭ بىر تەرىپىدىكى ساقاق ئارقىلىق نەپەسلىنىپ ھاياتىنى ساقلىيالايدۇ.

يېمەكلىكى

چوڭ راكچوڭ راكنىڭ ئوزۇقى ئىنتايىن كەڭ، ھەر خىل يۇمران سۇ ئوتلىرى، سۇدىكى سۇ ئاستى ھايۋانلىرى، قۇلۇلە تۈرىدىكىلەر، يۇمشاق تەنلىكلەر، چوڭ تىپتىكى لەيلىگۈچى ھايۋانلارنى ئوزۇق قىلىدۇ ۋە ھەر خىل بېلىق، راك جەسىتى ۋە شۇ خىلدىكى جەسەتلەرنىڭ ھەممىسى چوڭ راكنىڭ ياخشى يەمچۈكى ھېسابلىنىدۇ، سۈنئىي يەملەرنى بەك ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ.

ياشاش مۇھىتىنىڭ ئۆڭكۈر كولىشىغا بولغان تەسىرى

سۇ ئۇل شارائىتى چوڭ راكنىڭ ئۆڭكۈر كولىشىغا بىر قەدەر روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئاستىنقى قەۋەتتىن ئورگانىك ماددىلار كەمچىل بولغان قۇملۇق توپىلارغا كۆپرەك تۆشۈك تېشىدۇ، ئەمما قاتتىق توپىلارغا تۆشۈك تېشىشى بىر قەدەر ئاز. سۇ سۈپىتىنى بىر قەدەر ياخشى، پاتقاقتا بىر قەدەر كۆپ ئورگانىك ماددىلار مول بولغان جايدا چوڭ راكنىڭ ئۆڭكۈرى كۆرۈنەرلىك ئاز. مەيلى قايسى خىل ياشاش مۇھىتىدا بولسۇن، كۆپىيىش پەسلىدە چوڭ راكنىڭ تۆشۈك سانى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ.

ئۆڭكۈر كولاش چوڭقۇرلۇقى ۋە سۈرئىتى

چوڭ راكچوڭ راكنىڭ كولىغان ئۆڭكۈرنىڭ چوڭقۇرلىقى ئۇنىڭ زىيانداشلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىل. كۆپىنچە ئۆڭكۈرنىڭ چوڭقۇرلۇقى 50-80 سانتىمېتىر، بىر قىسىم ئۆڭكۈرنىڭ چوڭقۇرلۇقى 1 مېتىر، ئەڭ ئۇزۇن ئۆڭكۈر 2.1 مېتىر، ئۇنىڭ كولاش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز.

ئۆڭكۈرنىڭ ئورنى

چوڭ راك ئۆڭكۈر ئېغىزى ئادەتتە گورىزونتال تەكشىلىكتە كۆپرەك بولىدۇ، لېكىن بۇ خىل تاللاشنىڭ دائىم سۇ ئورنى ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كامار ئېغىزىنى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولغان، شۇڭا ئادەتتە سۇ يۈزىدىن يۇقىرى-تۆۋەنلىكى 20 سانتىمېتىر بولغان ئورۇندا چوڭ راكنىڭ ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزى ئەڭ كۆپ.

چوڭ راك قاسىراق تاشلاش ئارقىلىق يېڭى تەن ئۆسۈشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. قاسىراق تاشلىغاندىن كېيىن يېڭى تەن 12 ~ 24 سائەت ئىچىدە قاتىدۇ. سۇ تېمپېراتۇرىسى ℃25 ~ ℃30 لۇق شارائىتتا، 6 ~ 8 ئاي بېقىلسا، بەدەن ئېغىرلىقى 60 ~ 150 گرام ئەتىراپىغا يېتىدۇ.

چوڭ راكچوڭ راكنىڭ ئۆسۈش ئومۇمىي يۈزلىنىش شۇكى: بۇ تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى 20 گىرام بۇ باسقۇچتا، ئۆسۈش سۈرئىتى تېز، 50 ~ 100 گرام باسقۇچقا يەتكەندە ئۇنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى نىسپىي مۇقىم، بۇ باسقۇچتىن ئۆتكەندە ئۆسۈش سۈرئىتى تۆۋەنلەپ رەڭگىدە ئۆزگىرىش كۆرۈنىدۇ.

تېرە تاشلاش بۆلۈپ ئۇزۇن تېرە تاشلاش ۋە كۆپىيىپ تېرە تاشلاش دەپ ئىككى خىل بولىدۇ، ياش راك ئانا تېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا 1-قېتىملىق تېرە تاشلاشقا قەدەم قويىدۇ، ئۇنىڭ تېرىسى كۆپىنچە يۇمشاق پۈرۈلگەن يېڭى تېرە بولۇپ، تېزدىن سۇنى سۈمۈرۈىدۇ، بۇ ئۆسۈپ تېرە تاشلاش بولۇپ جەمئىي 11 قېتىم قاسىراق تاشلىغاندىن كېيىن ئاندىن يېتىلىدۇ.

چىشى راك جىنسىي جەھەتتە پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن كۆپىيىپ تېرە تاشلاشنى باشلايدۇ، كېيىن ھەر قېتىم چېتىشىپ تۇخۇم تۇغۇشتىن ئاۋۋال كۆپىيىپ تېرە تاشلاش ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، چوڭقۇر دېڭىز ئىچىدىكى چوڭ راك ئادەتتە 100 ياش ئەتراپىدا ياشىيالايدۇ.

1. جىنسىنى ئايرىش

2. جىنسىي پىشىپ يېتىلىش 

3. كۆپېيىش 

4. تۇخۇم تۇغۇش

5. تۆرەلمە يېتىلىش 

6. لىچىنكىسى يېتىلىش

چوڭ راكسۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق ماددا تۈرى ۋە مىقدارى ھايۋانات گۆشىدىن قېلىشمايدۇ، ھەر خىل راك تېنىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. ھەر خىل راك تېنى ھەممىسى يۇقىرى ئاقسىللىق، ماي مىقدارى تۆۋەن، ئاقسىل مىقدارى ئومۇمىي گەۋدىنىڭ %20 ~ %  16 ئەتراپىنى ئىگىلىگەن، ماي تەركىبى %0.2 گىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەركىبىدە ماي ماددىسى ئاساسلىقى تويۇنمىغان ماي كىسلاتاسىدىن تەركىب تاپقان، ئادەم بەدىنىگە ئوڭاي سۈمۈرۈلىدۇ.

راك گۆشى ئىچىدە سىنك، يود، باشقا سېلېن قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىك بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ مۇسكۇل تالالىرى يۇمشاق، ئاسان ھەزىم قىلىنىدۇ، ئادەم بەدىنىگە ئاسان قوبۇل قىلىنىدۇ. چوڭ راكنىڭ گۆشى ئاق ھەم يۇمشاق بولۇپلا قالماي تەمى يېڭىچە ھەم تەملىك، ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى، ماي مىقدارى تۆۋەن، ئوزۇقلۇق مول، يەنە دورىلىق قىممىتى بولۇپ، بەلغەمنى بوشىتىش، يۆتەلنى توختىتىش، ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى يارا ئېغىزىغا گۆش ئۈندۈرۈپ ساقىيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار.

كۆك رەڭلىك راك 

كۆك رەڭلىك راك2014-يىلى 8-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ مېئانې شىتاتىدا بىر 14 ياشلىق قىز دادىسى بىلەن ئاز كۆرۈلىدىغان كۆك رەڭلىك چوڭ راكدىن بىرنى تۇتىۋالغان، بۇ راك شۇ جاينىڭ دېڭىز-ئوكيان سارىيىغا ئاپىرىپ ئەتىۋارلاپ ساقلانغان. مېئانې شىتاتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چوڭ راك تەتقىقات مەركىزى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: كۆك رەڭلىك چوڭ راكنى تۇتۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن كىچىك، تەخمىنەن 2 مىليۇن تال ئىچىدىن بىرسى چىقىشى مۇمكىن.

قوش جىنسلىق راك

قوش جىنسلىق راك2014-يىلى 9-ئايدا، ياپونىيە سەنچوڭ ناھىيەسى نىياۋيۈ شەھىرى داجى ئارىلىدا سول يېرىم بەدەنى بولسا قىزغۇچ قوڭۇر رەڭدە، ئوڭ تەرەپ بەدىنى بولسا قارا رەڭلىك بولغان بىر قوش جىنسلىق راك بايقالغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#