ساغلاملىق-گۈزەللىك تەنھەرىكىتى

ساغلاملىق-گۈزەللىك تەنھەرىكىتى

ساغلاملىق-گۈزەللىك تەنھەرىكىتى «ساغلاملىق ھەرىكىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ، ئادەم بەدىنى ئاناتومىيىسى، ھەرىكەت فىزىئولوگىيىسى، ھەرىكەت تېبابەتچىلىكى ۋە گۈزەللىك ئىلمىنىڭ قائىدە-پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن كىشىلەرنى ساغلام، گۈزەل تەن تۈزۈلۈشىگە ئىگە قىلىدىغان بىر خىل تەنتەربىيە ھەرىكىتىدۇر.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ساغلاملىق-گۈزەللىك تەنھەرىكىتى
خەنزۇچە ئىسمى 健美运动

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ساغلاملىقگۈزەللىك تەنھەرىكىتىساغلاملىق-گۈزەللىك تەنھەرىكىتى «ساغلاملىق ھەرىكىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ، ئادەم بەدىنى ئاناتومىيىسى، ھەرىكەت فىزىئولوگىيىسى، ھەرىكەت تېبابەتچىلىكى ۋە گۈزەللىك ئىلمىنىڭ قائىدە-پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن كىشىلەرنى ساغلام، گۈزەل تەن تۈزۈلۈشىگە ئىگە قىلىدىغان بىر خىل تەنتەربىيە ھەرىكىتىدۇر. ئۇنىڭدا گانتىل، شتانكا ۋە كۆكرەك كېرىش ئەسۋابى قاتارلىقلاردا چېنىقىش ئارقىلىق بەدەن ساغلاملاشتۇرۇلۇپ، مۇسكۇللار تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ.

ئادەتتىكى ھازىرقى زامان ساغلاملىق-گۈزەللىك مۇسابىقىسىدە ئەرلەر بەدەن ئېغىرلىقى بويىچە تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. رېپىرىلار ساغلاملىق-گۈزەللىك، سەنئەت، تېبابەت مۇتەخەسسىسلىرىدىن(بەش-يەتتىگىچە كىشى) تەشكىل تېپىپ، قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئۇدۇلدىن، ياندىن، كەينىدىن نامايان قىلغان ئوخشاش بولمىغان تۇرغۇلاردىكى ھەر خىل بەدەن قىياپەت تۈزۈلۈشلىرىنى كۆزىتىپ باھالايدۇ. 

ساغلاملىق-گۈزەللىك تەنھەرىكىتى قەدىمكى گرېتسىيە دەۋرىدىلا پەيدا بولغان. ئەينى چاغدا كىشىلەر كەڭ كۆكرەك، ھەرىكەتچان ۋە كۈچلۈك بويۇن، قاملاشقان گەۋدە، بۆرتۈپ چىققان بېجىرىم مۇسكۇل، كۈچلۈك ھەم چاققان پۇتلارنى ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلام-گۈزەللىكىدىكى مەركەزلىك ئىپادىلەر دەپ قارىغان. 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ساغلاملىق-گۈزەللىك رەسمىي تۈر سۈپىتىدە ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن. گېرمانىيىلىك شانتاۋ ئەڭ بالدۇر كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئىگە بولغان، مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغا كەلگەندە، ساغلاملىق-گۈزەللىك تەنھەرىكىتىدە نوقۇل ئويۇن كۆرسىتىشتىن تەرەققىي قىلىپ مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغان. كېيىن ئەرلەر ساغلاملىق-گۈزەللىك مۇسابىقىسىنىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا، ئاياللار ساغلاملىق-گۈزەللىك مۇسابىقىسىمۇ قانات يايغان. 

ساغلاملىقگۈزەللىك تەنھەرىكىتىئېلىمىزنىڭ يېقىنقى زامان ساغلاملىق-گۈزەللىك تەنھەرىكىتىمۇ مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى باشلانغان. 1943-يىلى تۇنجى قېتىم شاڭخەيدە ئەرلەرنىڭ ساغلاملىق-گۈزەللىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزدە ساغلاملىق-گۈزەللىككە قىزىقىدىغان كىشىلەر كۈنسايىن كۆپىيىپ، نۇرغۇن جايلاردا بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش ئورۇنلىرى، ساغلاملىق-گۈزەللىك سىنىپلىرى قۇرۇلۇپ، كىشىلەر بەس-بەس بىلەن قاتناشماقتا، مەملىكەتلىك ساغلاملىق-گۈزەللىك مۇسابىقىلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆتكۈزۈلمەكتە. نىسبەتەن داڭلىقلىرىدىن مەملىكەتلىك «كۈچ لوڭقىسى» ساغلاملىق-گۈزەللىك مۇسابىقىسى بار. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#