بۆرە چاقىسى

بۆرە چاقىسى

بۆرە چاقىسى تېرىنىڭ مەلۇم قىسمىدا كۆرۈلىدىغان قىزىل داغلىق دانىچىلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بىر خىل سوزۇلما خاراكتېرىدىكى تەكرار قوزغىلىشچان، ئۆز بەدەن ئىممۇنىتىلىشىش خۇسۇسىيەتلىك بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما كېسەللىك.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۆرە چاقىسىبۆرە چاقىسى تېرىنىڭ مەلۇم قىسمىدا كۆرۈلىدىغان قىزىل داغلىق دانىچىلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بىر خىل سوزۇلما خاراكتېرىدىكى تەكرار قوزغىلىشچان، ئۆز بەدەن ئىممۇنىتىلىشىش خۇسۇسىيەتلىك بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما كېسەللىكىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئوتتۇرا باشلىق ۋە ياش ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.

بۇ خىل كېسەللىك چەكلىنىش تىپىدىكى بۆرە چاقىسى ۋە يامراش تىپىدىكى بۆرە چاقىسى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.

ئىچكى ئامىل، تاشقى ئامىللار ۋە ئېرسىيەت ئامىلى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئىچكى ئامىل

1) قان خىلىتىغا سارغۇچ رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىر قىلىشىدىن پەيدا بولىدۇ.

قان خىلىتىغا سارغۇچ رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەسىر قىلغاندا سارغۇچ رەڭلىك سەپرا خىلىتىدىكى ھارارەت كەم بولغانلىقتىن، قان خىلىتى تولۇق پىشىپ يېتىلمەيدۇ ۋە قان خىلىتى سۇيۇلۇپ قان بۇزۇلۇشنى پەيدا قىلىدۇ. مۇشۇ خىلدىكى سۈپىتى ئۆزگەرگەن قان خىلىتى تېرىنىڭ مەلۇم ئورنىدا چۆكمىگە چۈشۈپ قېلىشى سەۋەبىدىن بولىدۇ.

2) قان خىلىتىغا كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن بولىدۇ.

كۈدە سۈيى رەڭلىكسەپرا خىلىتى قانغا تەسىر قىلغاندا قان خىلىتىنىڭ ھارارىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قان خىلىتىدىكى نەملىك پارغا ئايلىنىپ كېتىپ قان خىلىتى قويۇلۇپ كېتىدۇ. قويۇقلاشقان قان خىلىتى تەبىئىي قوغدىنىش ئىقتىدارى ئاجىزلاشقان تېرىنىڭ مەلۇم قىسمىغا قويۇلغاندا تېرە توقۇلمىلىرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى توسۇپ بۆرە چاقىسىنى پەيدا قىلىدۇ.

تاشقى ئامىل

قۇرغاق، ئىسسىق، چاڭ − توزان مۇھىتتا يۈرۈش، سۈركىلىشنىڭ زىيادە بولۇشى، زەھەرلىك چېكىملىكنى كۆپ چېكىش، شارابخورلۇق، جىنسىي ھەۋەسنىڭ كۆپ بولۇشى، روھىي پسىخىك ئامىللار، يېمەك − ئىچمەك ئامىلى قىزىلمۇچ، كۆكمۇچ، ئاقمۇچ، زىرە، قۇۋىنە، كاۋاۋىچىن، سىركە، ئاچچىقسۇ، زەنجىۋىل، ھاراق قاتارلىق غىدىقلىغۇچى يېمەك − ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، ئاچ − توق قېلىش قاتارلىق نورمالسىز تۇرمۇش ئادەتلىرى ھەزىم ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشتىن خىلىتلارنىڭ سۈپىتى بۇزۇلۇپ بۇ كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ئېرسىيەت ئامىلى

بۇ كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشىدا ئېرسىيەت ئامىلى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

چەكلىنىش تىپىدىكى بۆرە چاقىسى 

بۆرە چاقىسىچەكلىنىش تىپىدىكى بۆرە چاقىسى (ياكى تەخسىسىمان بۆرە چاقىسى) بۇ ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. مەڭزى، بۇرۇن ئۇچى، قاڭشار، قۇلاق، كالپۇك، قول ئارقىسى قاتارلىق ئوچۇق تۇرىدىغان ئورۇنلارنىڭ تېرىسىدە كۆپرەك پەيدا بولىدۇ. قاڭشار ۋە مەڭزى قىسمىغا چىققىنى ھەمىشە ئۆزئارا بىرىكىپ تىپىك كېپىنەك شەكىللىك ھەرىكەتچان دەۋرىدە قىلقان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ھەرىكەتچان دەۋر ئۆتكەندىن كېيىن، سارغۇچ رەڭلىك يېپىشقاق قاسىراق كېپەكلەر پەيدا بولىدۇ. قاسىراق كېپەكلەرنى قومۇرۇپ ئېلىپ ئارقا يۈزىگە قارىغاندا تۈك تۆشۈكچىلىرىدىن قومۇرۇلۇپ چىققان مۈڭگۈز تىكەنلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ ھەم تۈك تۆشۈكچىلىرىنىڭ كېڭەيگەنلىكى ئوچۇق كۆرۈنىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تىنچ ھالەتكە يۈزلىنىپ مەركىزىدە قىلقان تومۇرلار كېڭەيگەن، ئەتراپى قارامتۇل تۈسنى ئالغان داغ پارچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. كالپۇكتىكى تېرە زەخىملىرى كۆپىنچە سۇس قىزىل رەڭلىك ياكى ئېقىش كۆك رەڭ بولۇپ، سىرتقى يۈزىدە ئېقىش قوڭۇر رەڭلىك يېپىشقاق قاسىراق كېپەكلەر بولىدۇ. شەلۋەرەش ياكى يارىنى ھاسىل قىلىدۇ. باش تېرىسىدىكى تېرە زەخمىسى دەسلەپتە قاسىراق كېپەكلىك قىزىل داغ بولۇپ، كېيىن مەڭگۈلۈك چاچ چۈشۈپ كېتىدىغان ئولتۇرۇشۇش خاراكتېرلىك تاتۇقنى ھاسىل قىلىدۇ. ئادەتتە نورمال باش تېرىسىگە قارىغاندا سەل قاتتىقراق بولىدۇ. لېكىن چۆرىسى يەنىلا قىزىرىپ تۇرىدۇ. قاسىراق كېپەكلەر بولىدۇ. ئاقىۋىتى نىسبەتەن ياخشى بولىدۇ.

يامراش تىپىدىكى بۆرە چاقىسى

بۆرە چاقىسىيامراش تىپىدىكى بۆرە چاقىسى ياكى سىستېمىلىق بۆرە چاقىسى بۇ تېرىدىلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئىچكى ئەزالارغىمۇ تارتىلىدۇ. تەرەققىياتى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، ئۆزگىرىش كۆپ تەرەپلىك بولىدۇ. ئادەتتە تېرە زەخمىسى، قىزىتىش ياكى بوغۇملار ئاغرىش ۋە باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى بىللە بولىدۇ.

تېرە زەخمىسى: كۆپ ساندىكى بىمارلاردا تېرە زەخمىسى بولۇپ 38~23 پىرسەنتىدە بۇ كېسەلنىڭ دەسلەپ پەيدا بولىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى بولىدۇ. ئوچۇق تۇرىدىغان ئورۇنلاردا كۆپ يۈز بېرىدۇ. تەخمىنەن يېرىمى دېگۈدەك قوۋۇز قىسمى ۋە قاڭشاردا ئۇنىڭدىن قالسا، پېشانە قىسمى، قۇلاق سۇپۇرىسى، تۈزلىنىدىغان قول − پۇت بارماق ئۇچى تەرىپى، تىرناق ئەتراپى قاتارلىق ئورۇنلاردا پەيدا بولىدۇ. تارقىلىشى كەڭ دائىرىلىك، ئاساسەن سىممېترىك بولىدۇ. تېرە زەخمىسى ئاساسەن كۆپ خىل شەكىللىك بولۇپ بىردەملىك بولىدۇ. چوڭ − كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس، شەكلى قالايمىقان چۆرىسى ئېنىق ياكى ئېنىق بولمىغان سۇلۇق ئىششىق خاراكتېرلىك قىزىل داغ دۆڭچە ئەسۋە ۋە تۈگۈنلەر بولىدۇ. تىپىك بولغانلاردا ئىككى قوۋۇز بىلەن قاڭشاردا سۇلۇق ئىششىق خاراكتېرلىك كېپىنەكسىمان قىزىل داغ بولىدۇ. ئەگەر تېرە زەخمىسى ئالىقان، تاپان، تۆت مۈچىلەردىكى ئۇششاق بوغۇملار يۈزى، تاغاق، ساغرا قىسمى قاتارلىق سۈركىلىپ تۇرىدىغان ئورۇنلاردا پەيدا بولسا قاناش خاراكتېرلىك بولىدۇ. ھەتتا قان قاپارتمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولسا، قان تومۇر دىۋارلىرى زەخىملىنىش، قان قېيىش دېغى، تورسىمان ئوچۇق داغ قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. بەزى كېسەللەردە تەخسىسىمان قىزىل داغلىق بۆرە چاقا تېرە زەخمىسى ياكى كۆپ خىل شەكىللىك قىزىل داغسىمان تېرە زەخمىسى كۆرۈلىدۇ. ياپما خاراكتېرلىك ياكى دائىرىلىك چاچ چۈشۈش بىلەن بولىدۇ. پېشانە قىسمىدا كۆپ يۈز بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا چېكە ۋە چوقا قىسىملىرىدا بولۇپ چاچلار چۈرۈكلىشىپ، ساغىرىپ ئاسان سۇنىدۇ. بۇلارنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ. بىر قىسىم ئاغرىقلاردا مۈچە ئۇچى شىريانلىرى سىپازمىلىنىش ھادىسىسى بىللە كۆرۈلىدۇ. يەنە ئاز ساندىكى ئاغرىقلاردا پۈتكۈل كېسەللىك ئالامىتى ئەمەس. شىللىق پەردىلەر زەخمىلىنىش يۇقىرىقى تاڭلاي، قوۋۇز شىللىق پەردىلىرى ۋە يۇتقۇنچاق قىسىملىرىدا كۆپ يۈز بېرىدۇ. شىللىق پەردىلەر قاناش، شەلۋەرەش، يۈزەكى يارا بولۇش، چىش مىلىكى ياللۇغلىنىش، قىزىل داغ قاتارلىقلار كۆپ كۆرۈلىدۇ. شىللىق پەردە زەخىملىنىش بولغانلىرى ئادەتتە بۇ كېسەلنىڭ ھەرىكەتچان دەۋرىدە تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردە كالپۇك، قۇۋۇز شىللىق پەردىلىرى كۈمۈش رەڭلىك بولۇش، ئاق داغ بولۇش قاتارلىقلار بولىدۇ.

قىزىتىش:  كۆپ ساندىكى ئاغرىقلاردا قىزىتىش بولىدۇ. تەخمىنەن 25 پىرسەنتى بۇ كېسەلنىڭ دەسلەپكى كېسەللىك ئالامەتلىرى بولىدۇ. قىزىتما تىپى ناھايىتى قالايمىقان بولۇپ، تۆۋەن قىزىتما ياكى تۇراقسىز قىزىتمىلار بولىدۇ. بىماردا باش ئاغرىش، توڭلاپ تىترەش، ماغدۇرسىزلىنىش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، پۈتۈن بەدەن يېقىمسىزلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ بىللە بولىدۇ.

بوغۇم ئاغرىش: كۆپ ساندىكى بىمارلاردا بوغۇق ئاغرىش بولۇپ، 49~29 پىرسەنتى بۇ كېسەلنىڭ دەسلەپكى كېسەللىك ئالامەتلىرى بولىدۇ. قول بارماق بوغۇملىرى قاتارلىق كىچىك بوغۇملاردا كۆپ يۈز بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، ببېغىش، جەينەك، مۈرە، تىز، ئوشۇق قاتارلىق چوڭ بوغۇملاردا بولۇپ، ئاغرىش مۇقىم ياكى ئەركىن ھالەتتە بولىدۇ. ئادەتتە غەيرىي شەكىللەر بىللە يۈز بەرمەيدۇ. لېكىن بەزىدە بوغۇملار ئىششىپ كېتىش، يىغىلىپ قېلىش ياكى قېتىپ قېلىشلار بولۇپ، مۇپاسىل كېسىلى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

بىر قىسىم بىمارلاردا مۇسكۇللار ئاغرىش بولىدۇ. ئادەتتە پەقەت بىر گۇرۇپپا ياكى بىرقانچە گۇرۇپپا مۇسكۇللاردا پەيدا بولىدۇ، ئەمما تېرە مۇسكۇل ياللۇغىغا ئوخشاپ كېتىدىغان مۇسكۇل كۈچسىزلىنىش كېسەللىك ئالامەتلىرى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ.

باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى: بۇ كېسەل كۆپلىگەن ئىچكى ئەزالارنى زەخىملەندۈرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بۆرەككە تارىلىدىغىنى بىر ئاز كۆپرەك ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۆرەك شارچە بۆرەك ياللۇغى كېسىلىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. كۆپىنچە يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغىمۇ تەسىر قىلىپ يۈرەك قېپى ياللۇغى، يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا تەسىر قىلغان بولسا، ئىشتىھا تۆۋەنلەش، كۆڭۈل ئېلىشىپ، قۇسۇش، قورساق ئاغرىپ ىچ سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر تورسىمان ئىچكى تېرە سىستېمىغا تەسىر قىلغان بولسا، لىمفا تۈگۈنلىرى، جىگەر ۋە تال چوڭىيىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئېغىر ئۆتىدىغان كېسەللەردە نېرۋا روھىي كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئومۇمەن قىلغاندا، ھەرقانداق ئەزا ياكى سىستېمىلارنىڭ ھەممىسىگە تەسىر قىلىدىغان بولۇپ، دەسلەپكى دەۋرىدە باشقا كېسەللىك دەپ ئاسانلا خاتا دىئاگىنوز قىلىنىپ قالىدۇ.

لابوراتورىيىلىك تەكشۈرگەدە، ئاز ساندىكى بىمارلارنىڭ قېنىدىن قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى ھۈجەيرىسى تېپىلىدۇ.

قان رايىنى تەكشۈرگەندە قان ئازلىق، ئاق قان دانىچىسى، قان پلاستىنكىلىرى ئازلاش كۆرۈلىدۇ. سۈيدۈكتە ئاقسىل، قان، سىلىندىر قاتارلىقلار تېپىلىدۇ. قان چۆكۈشى تېزلىشىدۇ.

1.چەكلىنىش تىپىدىكى قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسىدا چۆرىسى كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان، ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىنىدىغان قىزىل داغ بولۇپ، ئەتراپىدا قارامتۇل داغ بولىدۇ. سىرتقى يۈزىدە قاسىراقلىق كېپەكلەر چاپلىشىپ تۇرىدۇ. قاسىراق، كېپەكلەرنىڭ ئارقا يۈزىدە مۈڭگۈز تىكىنىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاستىدىكى تۈك تۆشۈكى كېڭەيگەن بولىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانېرى مەركىزىدىكى قىلقان تومۇرلار كېڭەيگەن، ئەتراپى قارامتۇل تۈسنى ئالغان داغ پارچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۆزىگە بىلىنىدىغان ھېسسىي ئالامەتلىرى يېنىك بولۇپ، تېرە زەخمىسى باش، يۈز قىسمىدىلا چەكلىنىدۇ.

2. يامراش تىپىدىكى قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسىدا بوغۇملار ئاغرىش، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان قىزىتما، ئاپتاپقا قاقلانغاندا يۈزىدە كېپەكسىمان قىزىل داغ پەيدا بولۇش، كۆپ مىقداردا چاچ چۈشۈش، ئەزالار زەخمىلىنىش قاتارلىقلارغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

ئۇنىدىن باشقا لابوراتورىيىلىك تەكشۈرگەندە، ئاز ساندىكىلىرىنىڭ قېنىدىن قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى ھۈجەيرىسى تېپىلىدۇ. قان رايىنى تەكشۈرگەندە، قان ئازلىق، ئاق قان دانچىسى، قان پلاستىنكىلىرى ئازلاش كۆرۈلىدۇ. سۈيدۈكتە ئاقسىل، قان سلىندىر تېپىلىدۇ. قان چۆكۈشى تېزلىشىدۇ.

1. كۈن نۇرىغا سەزگۈر پەيدا قىلىدىغان تېرە كېسىلىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

بىمارنىڭ كۈچلۈك كۈن نۇرىغا قاقلاغان تارىخى بولىدۇ.

كۈچلۈك كۈن نۇرىغا يولۇققان ئورۇن تېرىسى قىزىرىش، ئېغىرلاشقاندا سۇلۇق قاپارتقۇ ياكى چوڭ قاپارتقۇ پەيدا بولۇش، قىچىشىش، ئېچىشىش، ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

2. مايلىق تېرە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

تېرە ماي بەزلىرى كۆپرەك ئورۇنلارغا چىقىدۇ. سۇلۇق ئىششىقلىق، سۇس قىزىل رەڭلىك داغ بولىدۇ. يەرلىك ئورۇندا ماي تەپچىش، چاچ چۈشۈش، قوشۇلۇپ كېلىش، قىچىشىش كۆرۈلىدۇ.

3. قىزىل تۇمشۇق(بۇرۇن)كېسىلىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

يۈز قىسمىدا مەركەزگە ئىنتىلىش خاراكتېرلىك قىزىل داغلار بولىدۇ. قاپارتما، يىرىڭلىق قاپارتمىلار بىللە بولىدۇ. بەزىلىرىدە بۇرۇن ئۇچى توملىشىپ، يوغىنايدۇ، يەڭگىل قىچىشىدۇ.

1. سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىنى بېرىپ، ماددا پىشقانلىق ئالامىتى كۆرۈلگەندىن كېيىن مۇسھىل بېرىپ ماددا تەنقىيە قىلىنىدۇ.

2. قان خىلىتى سۇيۇلۇشتىن بولغان بولسا، قان كۆپەيتىش ۋە قاننى قويۇلدۇرۇش مەقسىتىدە چارە قوللىنىلىدۇ.

قان خىلىتى قويۇلۇشتىن بولغان بولسا، قان سۇيۇلدۇرۇش، ھارارەت پەسەيتىش، قان تازىلاش مەقسىتىدە چارە قىلىنىدۇ.

3. كېسەللىك سەۋەبچىسىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئالدى بىلەن سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچى بېرىلىپ ماددا پىشقانلىق ئالامىتى كۆرۈلگەندىن كېيىن، مەتبۇخى ھېلىلە 100 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ، 5~3 كۈنگىچە بېرىلىپ ماددا تەنقىيە قىلىنىدۇ.

قاندىكى بۇزۇق ماددىلارنى تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە، شەربىتى مۇسەففى خۇن 50 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ، شەربىتى ئەنسىل 50 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ، مەنبۇخى چۆبچىن 100 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ، مەتبۇخى ئەفتىمۇن 100 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ، مەتبۇخى ھېلىلە 100 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ مۇۋاپىق تاللاپ بېرىلىدۇ. ئەگەر قىزىتما قوشۇلۇپ كەلسە قومۇش يىلتىزى، شاھتەررە، خېنە، ئىكەكلەنگەن سەندەل كېيىنكى ھەر بىرىدىن بەش گرام، چىلاندىن 70 دانە ئېلىپ، دورا ۋەزنىدىن 10 ھەسسە قايناق سۇغا 6~4 سائەتكىچە چىلىغاندىن كېيىن، سۇس ئوتتا يېرىمى قالغىچە قاينىتىپ، داكا بىلەن سۈزۈپ، ئۇنىڭغا چىلان شەربىتىدىن 25 مىللىلىتىر قوشۇپ ئۈچكە بۆلۈپ بىر كۈندە ئىچىشكە بېرىلىدۇ. بۇ نۇسخا قىزىتما يانغىچە داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. ئەگەر كېسەللىك بىمارنىڭ بەدىنىدىكى كېسەللكتىن قوغدىنىش كۈچى بولغان تەبىئەت ئاجىزلاپ كېسەللىك ماددىسىنى بەدەندىن ھەيدەشكە سۇسلۇق قىلىشتىن بولسا، ئايارەنج لوغانزىيا بىلەن تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، تەبىئەتنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، شەربىتى پولات 20 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ، كۈشتە مەجۈنى خۇسبۇلھەدىد 50 گرامدىن ئىككى ۋاخ، جاۋارىش ئامىلە 10 گرامدىن ئۈچ ۋاخ، ئامىلە نۇشدارى 10 گرامدىن ئۈچ ۋاخ دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئەگەر كېسەللىك سەۋەبچىسى ئېنىق بولمىسا مىزاجنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن، بىنەپشە، نېلۇپەر 12 گرامدىن، قۇمۇش يىلتىزى، شاھتەررە، خېنە، كېپەك سەندەل ھەر بىرى بەش گرامدىن، چىلان 10 دانە، دورىلارنى قاينىتىپ ياكى دەملەپ چىلان شەربىتى ياكى نېلۇپەر شەربىتى 20 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ قوشۇپ بېرىلىدۇ. سىرتىدىن، ئارپا ئۇنى، تۇرۇپ ئۇرۇقى، چىغىرتماق يىلتىزى، قوغۇن ئۇرۇقى، بادام مېغىزى، نىشاشتە، كەتىرا ۋە بۆرە ئەرمىنى قاتارلىق دورىلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، سۈت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سۇيۇق ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ تەييارلىنىدۇ ۋە كۈنىگە بىرقانچە قېتىم سىرتىدىن سۈرتۈپ بېرىلىدۇ ياكى ئاشپۇرچاق، يېشىل ماش، دادۇر، تۇخۇم پوستى، قەشقەر ئۇپىسى، پىل چىشى، چىرىگەن سۆڭەك، ئاچچىق بادام ۋە تۇرۇپ ئۇرۇقى تالقىنىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، ئومۇمىي دورا ۋەزنىدىن بەش ھەسسىگە تەڭ سۈركە ئارىلاشتۇرۇپ ئىسسىتقاندىن كېيىن، داكىنى دورىغا مىلاپ يەرلىك ئورۇنغا ھۆل تېڭىپ بېرىلىدۇ ياكى يۇقىرىقى تەركىبلەرنىڭ تالقىنىنى تۇرۇپ كۆكى سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ھۆل تېڭىپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا تۆۋەندىكى نۇسخىلارمۇ سىرتىدىن سۈرتۈلسە بولىدۇ. مەدەستان، كافۇر ھەر بىرى 12 گرامدىن، گۈل يېغى، ئۆچكىنىڭ بۆرەك مېيى ھەر بىرى 24 گرامدىن، ئاق موم  24گرام، دورىلارنى تالقانلاپ، ئۆچكىنىڭ بۆرەك مېيى بىلەن ئاق موم ئايرىم − ئايرىم ھالدا ئېرىتىلىپ، ياغلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە تالقانلارنى سېپىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قىچا ۋە زەرچىۋە تالقىنىنى سۈت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سىرتىدىن چېپىشقىمۇ ياكى زەپەر، ئوردان، كۈندۈر، مۇرمەككى، مەستىكى، ئەنسىل قاتارلىقلارنى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىنى سىرتىدىن چېپىپ، ئىچىدىن ئوردان، زەپەر ۋە ئەنسىل قاتارلىق دورىلارنى دەملەپ ياكى قاينىتىپ ئىچىپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ.

ئاسان سىڭىدىغان يېمەك − ئىچمەكلەر شۇنداقلا سەي − كۆكتار، مېۋە − چىۋىلەرنى ئىستېمال قىلىش پايدىلىق.

1. سىرتىدىن ئىشلىتىلىدىغان مەلھەم دورىلار بەدەن تازىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ۋە قىزىتما يانغاندىن كېيىن ئىشلىتىش لازىم.

2. ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى، قاننى قويۇلدۇرغۇچى غەلىز يېمەك − ئىچمەكتىن، ھاراق، تاماكا چېكىشتىن، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىش لازىم.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=924

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#