سانت-پىېر ۋە مىكىلون ئارىلى
سانت-پىېر ۋە مىكىلون ئارىلى بولسا فرانسىيەنىڭ تاشقى دىڭىز تەۋەلىك رايۇنى، سانت-پىېر ۋە مىكىلون ئارىلى فرانسىيە كانادانى مۇستەملىكە قىلغان چاغلارنىڭ يالدامىسى بولۇپ ئاتلانتىك ئوكياندىن كاناداغا كىرىش ئېغىزىدىكى يېڭى فونلاند يېرىم ئارىلىغا 50 كىلومېتىر كېلىدىغان، سىتىراتىگىيىلىك ئورنى مۇھىم ئىككى ئارالدىن تەركىپ تاپقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سانت-پىېر ۋە مىكىلون ئارىلى Territorial Collectivity of Saint Pierre and Miquelon بولسا فرانسىيەنىڭ تاشقى دىڭىز تەۋەلىك رايۇنى، سانت-پىېر ۋە مىكىلون ئارىلى فرانسىيە كانادانى مۇستەملىكە قىلغان چاغلارنىڭ يالدامىسى بولۇپ ئاتلانتىك ئوكياندىن كاناداغا كىرىش ئېغىزىدىكى يېڭى فونلاند يېرىم ئارىلىغا 50كىلومېتىر كېلىدىغان، سىتىراتىگىيىلىك ئورنى مۇھىم ئىككى ئارالدىن تەركىپ تاپقان.
پايتەخت : سانت-پىېر، زېمىنى: 242 كۋادرات كىلومېتىر.
سانت-پىېر ۋە مىكىلون ئارىلى فرانسىيە كانادانى مۇستەملىكە قىلغان چاغلارنىڭ يالدامىسى بولۇپ ئاتلانتىك ئوكياندىن كاناداغا كىرىش ئېغىزىدىكى يېڭى فونلاند يېرىم ئارىلىغا 50كىلومېتىر كېلىدىغان، سىتىراتىگىيىلىك ئورنى مۇھىم ئىككى ئارالدىن تەركىپ تاپقان. 1520-يىلى ئارالنى پورتۇگالىيەلىكلەر بايقىغان، 1536-يىلى فرانسىيىلىك ياك كاتىرنا 1624-مەزكۇر ئارالغا ھازىرقى ئىسىمنى قويغان. 1604-يىلى فرانسىيەدىكى كىچىك بىرىتاندىن كەلگەن بېلىقچىلار ئارالدا تۇنجى ئولتۇراق نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرگەن. 1618-يىلى فرانسىيە پۈتۈن ئارالنى ئىشغال قىلغان ۋە ۋە كاناداغا ماڭىدىغان ھەربى پاراخوتلارنىڭ توختايدىغان ئورنى قىلغان.
كانادا ئەنگىلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن ئارالنى ئەنگىلىيىلىكلەر تارتىۋالغان، 1815-يىلى پارىژ ئەھدىنامىسىغا بىنائەن ئارالنى فرانسىيەگە قايتۇرۇپ بەرگەن. 1958-يىلى فرانسىيە ئارالنى سىرتقى ئۆلكە دەپ جاكارلىغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كانادا بىلەن ئارال ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل تۈردە دېڭىز ئىقتىسادى رايون تەۋەلىگى تالاش-تارتىشى بولۇۋاتىدۇ. سانت-پىېر ۋە مىكىلون ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق سوغۇق مۆتىدىل بەلباغ ئارىلى بولۇپ يازلىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى 10 سېلسىيە ئەتراپىدا بولۇپ دېھقانچىلىققا ماس كەلمەيدۇ. ئارالنىڭ مۇھىتى گۈزەل، يېقىنقىي يىللاردا ئارالغا يېقىن دېڭىزدىن نېفىت بايلىقى بايقالدى، ۋە سانت پىېر ۋە مىكىلون بانكىسى قۇرۇلۇپ ئارالنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن يۈكسەك پىلانلار تۈزۈلدى ئۆزىگە تەۋە دېڭىز رايونىدا بېلىق تۇتۇش رۇخسىتى بېرىش، بېلىقچىلىق ۋە ساياھەتچىلىك مارتىنىكۇې ئىگىلىكىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
2005-يىلى سانت-پىېر ۋە مىكىلون ئارىلىنىڭ ئىقتىسادىدا پاراخوت توختىتىش ھەققى ۋە بېلىق تۇتۇش ھەققى كىرىمى %35، باقمىچىلىق %10، بېلىقچىلىق كىرىمى %10، فرانسىيىنىڭ دۆلەت ياردىمى%20، ساياھەت %28 نى ئىگەللىگەن بولۇپ، مۇقىم تېلفون ئابونتى 5 مىڭ 800. 2006 -يىلى سانت-پىېر ۋە مىكىلون ئارىلىنىڭ ئۇمۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 48 مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 7 مىڭ 900 دوللار توغرا كەلگەن. ئارالنىڭ 2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى %3 بولۇۋاتىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.