بادام دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. بادام ()
  2. بادام (خام دورا)
بادام
بادام (Amygdalus communis L) ئەتىرگۇل ئائىلىسى (Rosaceae) بادام ئۇرۇقدىشى (Amygdalus) غا تەۋە مېۋىلىك دەرەخ. ئۇ دۇنيادىكى تۆت چوڭ قۇرۇق مېۋە ئىچىدىكى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان، شىنجاڭدا قەدىمدىن تارتىپ ئۆستۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان ئاز ئۇچرايدىغان ئېسىل مېۋىلەرنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە نامى بادام
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئازغان ئائىلىسى
تۈرى بادام
خەنزۇچە ئاتىلىشى 扁桃
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ئازغان تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى شاپتۇل ئۇرۇقدىشى
كەنجى سىنىپى دەسلەپكى گۈل يېپىنچىسى كەنجى سىنىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دەرىخى

بادامبادام دەرىخى ئوتتۇرا تىپتىكى غوللۇق دەرەخ ياكى چاتقال دەرەخ، ئېگىزلىكى 2-8 مېتىر ؛ شاخلىرى تىك ۋە تەكشى، تىكەنسىز، كۆپلىگەن قىسقا شاخلىق، ئنچىكە كىچىك شاخلىرىنىڭ تۈكى يوق، بىر يىللىق بولغان شېخى ئاچ رەڭ، كۆپ يىللىق شاخلىرى كۈلرەڭ، قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ؛ قىشلىق بىخى تۇخۇم شەكىللىك، مىس رەڭ. بىر يىللىق شاخ ئۈستىدىكى يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، قىسقا شاخنىڭ ئۈستىدىكى يوپۇرمىقى زىچ توپ بۇلۇپ ئۆسىدۇ؛ 

يۇپۇرمىقى 

باداميوپۇرمىقى خەنجەر شەكىللىك ياكى سوقىچاق خەنجەر شەكلىدە، ئۇزۇنلىغى 3 ~ 9 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 1-2.5 سانتىمىتىر، ئالدى ئۇچى ئۆتكۈر قىسقا ئۇچلۇق بولۇپ، تۈۋى قىسمى كەڭ شىنا شەكىللىكتىن يۇملاق شەكىللىك، يۇمران مىكرو شالاڭ تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ، يوپۇرمىقىنىڭ چۆرىسى ھەرە چىشىسىمان بولىدۇ؛ يۇپۇرماق سېپىنىڭ ئۇزۇنلىغى 1-3 سانتىمېتىر، تۈكسىز، تاقىر، يوپۇرماق تۈۋى 4 يوپۇرماق سېپى ھالەتتە بولىدۇ.

چېچىكى 

بادامگۈلى يەككە ھالەتتە ئۆسىدۇ، گۈل سېپى ئۇزۇنلىقى 3-4 مىللىمېتىر؛ كاسا نەيچىسى سىلىندىر شەكىللىك، ئۇزۇنلىقى 5-6 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 3-4 مىللىمېتىر، سىرتى تۈكسىز بولىدۇ؛ گۈل كاسسىسى كەڭ سوقىچاق كېلىدۇ، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 5 مىللىمېتىر، ئالدى ئۇچى يۇمۇلاق كېلىدۇ، گىرۋەكلىرىدە تۈكچىلىرى بولىدۇ؛ گۈل بەرگىسى ئۇزۇنچاق يۇمىلاق شەكىلدە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 5.1-2 سانتىمېتىر، ئالدى ئۇچى يۇمۇلاق ياكى سەل ئويمان  كېلىدۇ، تۈۋى قىسمى تەدرىجىي تارىيىپ تىرناقلىق، ئاق رەڭدىن قىزىل رەڭگە كىرىدۇ. 3-4-ئايلاردا چېچەكلەپ 7-8-ئايلاردا مېۋە بېرىدۇ. 

مېۋىسى 

باداممېۋىسى يانتۇ تۇخۇم شەكلىدە ياكى سوقىچاق تۇخۇمسىمان ھالەتتە بولىدۇ، تەكشى، ئۇزۇنلۇقى 3 سانتىمېتىر، دىئامېتىرى 2-3 مىللىمېتىر، چوققىسى ئۇچلۇق كېلىدۇ، تۈۋى قىسمى كۆپ كەسمە شەكىللىك، سىرتىنى زىچ يۇمران تۈكچىلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ؛ مېۋە ساپىقى ئۇزۇنلىقى 4-10 مىللىمېتىر؛ مېۋە سىرتىقى پوستى نېپىز، پىشقاندا يېرىلىپ چۈشۈپ كېتىدۇ؛ مېغىزى تۇخۇم شەكىللىك، كەڭ سوقىچاق ياكى يۇمىلاق، مېغىز پوستى قاتتىق، ساغۇچ ئاق رەڭلىك ياكى قوڭۇر رەڭلىك، ئۇزۇن 2.5-4 سانتىمېتىر، چوققا تەرپى ئۇچلۇق، تۈۋى قىسمى قىيپاش كەسمە شەكىللىك ياكى دۈگىلەك، ئىككى تەرىپى ئوخشاش بولمايدۇ،  ئۇرۇق مېغىزى تەمى تاتلىق ياكى ئاچچىق بولىدۇ. 

بادامنىڭ ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا بەش خىل ئۆزگەرگەن كەنجى تۈرى، 37 خىلغا يىقىن سورتى بار. ئۆزگەرگەن كەنجى تۈرلىرىدىن قەغەز بادام، ئارا شاكاللىق بادام، تاش بادام، شاپتۇل بادام، ئاچچىق بادام، ياۋا بادام،..... قاتارلىق تۈرلىرى بار.

قەغەز بادام

قەغەز بادامقەغەز بادام تۇرىنىڭ چىچەكلەش مەزگىلى بالدۇر، چېچىكىنىڭ رەڭگى ئاق ، ئاتىلىق ئانىلىقلىرى تەڭ ئۇزۇنلۇقتا ئۆسىدۇ. مېۋىسى بالدۇر پىشىپ يىتىلىدۇ شاكلى نېپىز ۋە ئارا نېپىز دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ، ئۇرۇقچە گىرۋەكلىرى ئاسان ئاجرايدۇ، ئادەتتە چىش ياكى قول بىلەن ئازراق بېسىپلا چېقىپ يىيىشكە بولىدۇ، ئۇرۇقچە شاكىلىنىڭ ئەڭ نېپىز بولغانلىرى 0.06-0.1 سانتىمېتىر، ئارا نېپىز شاكاللىرىنى بولسا 0.11-0.15 سانتىمېتىر، مېغىزى ئالاھىدە تاتلىق. مېغىز چىقىش نىسبىتى ھەرقاسى سورتلارنىڭ ئوخشاش بولمايدۇ. 

ئادەتتە شاكىلى ئەڭ نېپىز بولغانلىرىدىن %77 كىچە، ئارا شاكاللىق سورتلىرىدىن %58-37 كىچە مېغىز ئېلىشقا بولىدۇ، مەھسۇلاتى ئوتتۇراھال، يىراققا يۆتكەشكە ۋە ئۇزاق ساقلاشقا چىدامسىز، ئاساسەن قەشقەر ۋىلايىتى نىڭ كونا شەھەر، يېڭىشەھەر، قاغىلىق، پوسكام، يەكەن، يېڭىسار ناھىيەلىرىدىن، شۇنىڭدەك خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ. 

قەغەز بادام يۇمشاق پوستىلىق قەغەز بادام ۋە نىپىز پوستىلىق تاتلىق بادام دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ. 

ئارا شاكاللىق بادام

ئارا شاكاللىق بادامئارا شاكاللىق بادام تۈردىكى سورتلارنىڭ دەرەخ تاجىسى نىسبەتەن يىيىلىپ ئۆسىدۇ، چىچىكى ئاق ۋە ئاچ قىزغۇچ رەڭلەردە بولىدۇ، چىچەكلەش ۋاقتىغا قاراپ بالدۇر چىچەكلەيدىغان ۋە كىيىن چىچەكلەيدىغان، ئارىلىقتا چىچەكلەيدىغان ۋە كېيىن چىچەكلەيدىغان دەپ ئايرىلىدۇ، چىچەكلەردىكى ئاتىلىقى، ئانىلىقىدىن سەل ئۇزۇن بولىدۇ، مېۋە شەكلى، ئۇرۇقچە شاكىلىنىڭ قېلىنلىقى ھەرقايسى سورتلارنىڭ ئوخشاش بولمايدۇ. 

ئادەتتە ئۇرۇقچە شاكىلىنىڭ قېلىنلىقى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 0.16-0.25 سانتىمېتىر، مېغىز چىقىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %49، تۆۋەن بولغاندا %25 كىچە بولىدۇ، مېغىزى تاتلىق، ئايرىملىرى قوشماق مېغىزلىق، ساقلاشقا ۋە توشۇشقا چىداملىق. 

بۇ تۇردىكى سورتلار ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ. قوش مېۋىلىك بادامنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭ ئانىلىقى ئىككى ئاتىلىقى، ئانىلىقى 26-32 تالغىچە بولىدۇ، مېۋىسى ئاساسەن قىسقا مېۋە شىخىدا بولىدۇ. مېۋىسى قوشماق مەھسۇلاتى يۇقىرى. 

تاش بادام

تاش بادامتاش بادام تۈردىكى بادامنىڭ چىچەكلەش ۋاقتى بەزىلىرىنىڭ بالدۇر بەزىلىرىنىڭ كېيىن بولىدۇ، چىچىكى ئاق ھەم سۇس ئاق رەڭدە ئاتىلىق بوينى بىلەن ئانىلىق بوينى تەڭ ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ . مېۋىسى ئوتتۇرا مەزگىلدە ۋە كىيىن پىشىدىغانلىرى بولىدۇ، مېۋە شەكلى شاكىلىنىڭ قېلىنلىقى ھەرقايسى سورتلارنىڭ ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە ئۇرۇقچە شاكىلىنىڭ قېلىنلىقى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 0.26-0.31 سانتىمېتىر، مېغىز چىقىش نىسبىتى %31-23 بولىدۇ، ئۇرۇقچىسى ئالاھىدە قاتتىق مېۋىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى جەھەتتە سورتلار ئارا پەرىقى ئانچە چوڭ بولمايدۇ، كۆپىنچە سورتلىرىنىڭ چوڭ بولىدۇ. 

شاپتۇل بادام

شاپتۇل بادامشاپتۇل بادام تۈردىكى بادام دەرىخىنىڭ شەكلى، چېچەكلىرى، مېۋىسىنڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى، ئۇرۇقچىسىنىڭ شەكلى. يوپۇرمىقى شاپتۇل دەرىخىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. لېكىن كۆپىنچىسىنىڭ مېۋىسىنىڭ ئەت قىسمىنى يىگىلى بولمايدۇ، ئاز ساندىكى مېۋىسىنىڭ ئەت قىسمىنى يىيىشكە بولىدۇ چېچىكى قىزغۇچ ئىچىلىدۇ، چىچەكلەش ۋاقتى كېيىن ئانىلىق ۋە ئاتىلىق بوينى تەڭ بولىدۇ. 

بۇ خىل بادامنىڭ مېۋىسىنىڭ سىرتقى ئەت قىسمى باشقا تۇردىكى باداملارنىڭكىدىن خېلىلا قېلىن تەمى قىرتاق چۈچۈمەل بولىدۇ. 

ئۇرۇقچىسىنىڭ شەكلى خۇددى شاپتۇل ئۇرۇقچىسىغا ئوخشايدۇ، شاكىلى قېلىن بولۇپ ئادەتتە 0.34 سانتىمېتىردىن قېلىنراق بولىدۇ، ئۇرۇقچىسى نىسبەتەن چوڭ، مېۋىسىنىڭ پىشىپ يىتىلىش مەزگىلى كېتىن بولۇپ، مېۋىسى پىشىپ يىتىلگەندە سىرتقى ئەت قىسمى يىرىلىدۇ. بۇ خىل بادامنىڭ مېغىز چىقىش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %24-12، مېغىزى تاتلىق ۋە ئاچچىق ئىككى خىل بولىدۇ. ئىقتىسادى قىممىتى تۆۋەن، ھەرخىل شارائىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك جەنۇبىي شىنجاڭدىن چىقىدۇ. بۇ خىل بادام كۆپىنچە ئۇلاق قىلىش ئۈچۈن تىكىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئاچچىق بادام

ئاچچىق بادامئاچچىق بادام تۈردىكى بادامنىڭ چېچەكلەش ۋاقتى بالدۇر، چېچەكلىرى قىزغۇچ، گۇل بەرگىنىڭ تۈۋى سۇس قىزىل بولۇپ، ئانىلىقى، ئاتىلىقىدىن قىسقا بولىدۇ، يوپۇرماق ئالقانلىرى باشقا تۇردىكى باداملار بىلەن سىلىشتۇرغاندا سەل كەڭ، تەتۇر تۇخۇمسىمان شەكلىدە بولىدۇ، مېۋىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئۇرۇقچە شاكىلىنىڭ قېلىن-نىپىزلىكى ھەر قايسى سورتلارنىڭ ياخشى بولمايدۇ، مېۋىسى ئوتتۇراھال مەزگىلدە پىششىپ يىتىلىدۇ. 

بۇ تۈردىكى باداملار كۆپىنچە تىبابەتچىلىكتە دورا ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۇلاق ئاستى قىلىش ئۈچۈن تىكىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. قەشقەر ۋىلايىتى نىڭ كۆپلىگەن ناھىيەلىرىدىن چىقىدۇ.

ياۋا بادام

ياۋا بادامياۋا بادام ئازغان ئائىلىسى، شاپتۇل ئۇرۇقدىشى، بادام كەنجى ئۇرۇقدىشىغا تەۋە بولۇپ، شىنجاڭ دىكى مۇھىم ياۋا مېۋىلىك دەرەخ .

چۆچەكتىكى بارلۇق تېغى، تارباغاتاي، چاغانتوقاي، توققۇزتارا تاغلىرىدا ياۋا باداملىق بار.

ياۋا بادامنىڭ ئېگىزلىكى 1-2 مېتىر كېلىدۇ، شاخلىرى قىسقا، بىر يىللىق شاخلىرى قىزغۇچ، كۆپ يىللىق شاخلىرى كۈل رەڭ، يوپۇرمىقى ئۇزۇن تۇخۇم شەكىللىك، قويۇق تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ، دىئامېتىرى 1.5 * 2.5 سانتىمېتىر، پوستى قاتتىق، سۇس بېغىرەڭ، مېغىزى سەل ئاچچىق، بىراق يېگىلى بولىدۇ، تۈزكەڭلىكتىكىلىرى 7-ئايدا پىشىدۇ، تاغدىكىلىرى 8-ئايدا پىشىدۇ.

ياۋا بادام ئالۇچا، شاپتۇل نىڭ پاكارلاشتۇرغۇچى ئۇلاق تېگى قىلىنىدۇ. بىراق تۈزلەڭلىكتى قىشتىن بىخەتەر ئۆتەلمەيدۇ. سوغۇققا قارشى تۇرۇچانلىقى ناچار.

بادام ئاپتونۇم رايۇنىدا بادام ئۆستۈرۈشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، بادامنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىلا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلادىكى بادامغا بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرغىلى ۋە خەلىقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. شۇڭا بادامدىن ئىبارەت بۇ گوھەر مېۋىنى تەتقىق قىلىش، سورتلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. 

ئىستىمال قىممىتى 

بادامشىنجاڭ مەملىكىتىمىزدىكى، شۇنداقلا دۇنيادىكى بادام ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرى، بادامنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە %61-55 ماي، %35-25 ئاقسىل، %11-10 قەنت، % 2.46-8.4 يىرىك تالالىق ماددىلار، %0.17-0.6 تاننىن بولىدۇ. 

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەزىم قىلىش فېرمېنتى، مېغىز فېرمېنتى، مېغىز گلۇكوزىدلىرى قاتارلىق ماددىلار بولغاندىن سىرت، ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان كالىتسىي، ماگىنىي، ناترى، كالىي، فوسفۇر، تۆمۈر، بارىي قاتارلىق 18 خىلدىن ئارتۇق ئىلىمىنىت بار. 

دورىلىق قىممىتى 

بادامبادام ئۇيغۇر تىبابىتىدە بادام مېغىزىدىن ھەرخىل قۇۋۋەت دورىلىرىنى ياساپ، نېرۋا ئاجىزلىق، يۈرەك قان تومۇرلىرى قېتىشىش، ئاشقازان كېسەللىكلىرى ئۈچەي يارىسى، دەم سىقىلىش، قەنت سىيىش، بۇۋاقلارنىڭ راخىت كېسەللىكى ۋە ھەرخىل تېرە كېسەللىكلىرىنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ. 

ئۇنىڭدىن باشقا بىر كىلوگرام بادام مېغىزىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى 6 كىلوگرام كالا گوشىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىگە باراۋەر كېلىدىكەن. ئاچچىق بادام مېغىزى تەركىبىدە ئاچچىق مېغىز گىلوكوزىت بولىدۇ، ئۇ راك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتىنى، غەيرى تەبىئىي سەۋدا خىلتىنى تەڭشەش، مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش، بەدەننى، باھنى، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، سۈت، مەننى كۆپەيتىش، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، كۆكرەكنى، ئۈچەينى بوشۇتۇش، بەدەننى سەمرىتىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

تاتلىق بادام مېغىزى، چىلغوزا مېغىزى، پىستە مېغىزى قاتارلىقلاردىن ھەربىرسىدىن10 گرامدىن ئېلىپ 15 گرامناۋات بىلەن تالقان قىلىپ سپوپ تەييارلاپ يىسە ئۇيقۇسىزلىق، مېڭە، باھ ئاجىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. بادام مېغىزىنى سوقۇپ شىكەر بىلەن قوشۇپ يىسە كۆزنى روشەن قىلىدۇ (قۇۋۋەتلەيدۇ) دەم سىقىلىش، يۆتەل، قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. بادام مېغىزى، پىستە مېغىزى، چىلخوز مېغىزى، زىغىر قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن30گرامدىن ئېلىپ لوئوق تەييارلاپ بەرسە بەلغەم بوشۇتۇپ يۆتەل توختىتىدۇ. كۆكرەكنى بوشىتىدۇ.بادام مېغىزى 9 تال، پىل پىل 7 دانە، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم، كاۋا ئۇرۇقى مېغىزى، بەدىيان ھەربىرىدىن5 گرامدىن ئېلىپ سىپوپ قىلىپ شېكەر بىلەن قوشۇپ يىسە مېڭىنى قۇۋۋەتلەپ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ. تاتلىق بادام مېغىزى، ئەنجۈر بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا ئۈچەي توسۇلۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

بادام بادام دۇنيادىكى تۆت چوڭ قۇرۇق مېۋە ئىچىدىكى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان، شىنجاڭدا قەدىمدىن تارتىپ ئۆستۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان ئاز ئۇچرايدىغان ئېسىل مېۋىلەرنىڭ بىرى.  بادام بۇنىڭدىن 4000 يىل ئىلگىرى غەربىي ئاسىيادا تىكىپ ئۆستۈرۈلۈشكە باشلىغان . كېيىن جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا يەر دېڭىز بويلىرىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ھەتتا ياۋرۇپا، ئامېرىكا، ئافرىقا قىتئەلىرىگىچە كېڭەيتىلىپ ئۆستۈرۈشكە باشلىغان. ھازىر ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا بادام ئاساسەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر، پەيزىۋات، يېڭىسار، يەكەن، قاغىلىق، پوسكام ۋە خوتەن قاتارلىق ئورۇنلاردا ئۆستۈرۈلىۋاتىدۇ.

بادام1870 - يىلى گېرمانىيەلىك بوتانىك ئېمىل بىرساندىل يىزىپ قالدۇرغان «جوڭگۇ ئۆسۈملۈكلېرىگە باھا» دېگەن كىتابتا بادام ئەسلى مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتىدىن چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۇرۇقچىسى ياپىلاق، مېغىزى ئالاھىدە تەملىك بولۇپ، مېغىزدا چاي دەملەپ ئىچىدۇ. بۇ رايۇندىكى كىشىلەر ئۇنى بادام دەپ ئاتىشىدۇ، دەپ يىزىلغان. 

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيمى بولغان دوپپىغا بادام مېۋىسىنى كەشتىلەپ، ئۇنى «بادام دوپپا» دەپ ئاتىشغا تا ھازىرغىچە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىپ، ئۇيغۇرچە ئىسىم بولۇپ ئىستېمال قىلىنىۋاتقانلىقىغا ۋە شىمالىي شىنجاڭدا قەدىمقى ياۋا بادامزارلىقنىڭ تا ھازىرغىچە تەبىئىي تارقىلىپ ئۆسۈۋاتقانلىقىغا قارىغاندا، بادامنى ھەقىقەتەن يۇرتىمىزنىڭ قەدىمكى مېۋىسى دېيىشكە بولىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#