تاڭ سۇلالىسى

تاڭ سۇلالىسى

سۈي سۇلالىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان تاڭ سۇلالىسى مىسلىسىز گۈللەنگەن فېئودال ئىمپېرىيە. تاڭ سۇلالىسى ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلدە، زېمىنى شەرقتە دېڭىزغا، جەنۇبتا نەنخەي تاقىم ئاراللىرىغىچە تۇتاشقان، غەربتە بالقاش كۆلىدىن ھالقىپ، شەرقىي شىمالدا خېيلۇڭجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى تاشقى ھىنگان تېغى ئەتراپلىرىغىچە كېڭەيگەنىدى. تاڭ گاۋزۇ لى يۈەن مىلادىيە 618-يىلى دۆلەت قۇرغاندىن تارتىپ 907-يىلى تاڭ ئىمپېرىيىسى ھالاك بولغانغا قەدەر 290 يىل سەلتەنەت سۈرۈپ، 21 پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى.

ئۇيغۇرچە نامى تاڭ سۇلالىسى
خەنزۇچە نامى 唐朝
قىتئە تەۋەلىكى ئاسىيا
پايتەختى چاڭئەن
سايلام تۈزۈمى ئەمەلدارلىق ئىمتىھان تۈزۈمى
ئەلباشى لى يۈەن
ئاساسلىق مىللىتى خەنزۇ
ئاساسلىق دىنى داۋجياۋ دىنى، بۇددا دىنى، ئىسلام دىنى
مەمۇرىي ئاپپاراتلىرى ئۈچ ۋازارەت ئالتە پىرقەت تۈزۈمى
سىياسىي تۈزۈلمىسى پادىشاھىلىق مۇستەبىتلىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مىلادىيە 618-يىلى سۈي سۇلالىسى ھالاك بولغاندىن كېيىن لى يۈەن تاڭ سۇلالىسىنى قۇرۇپ، چاڭئەننى پايتەخت قىلدى. كۆپ يىل ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق دېھقانلار قوزغىلاڭچى قوشۇنلىرىنى باستۇرۇپ، ھەرقايسى بۆلۈنمە ھاكىمىيەتلەرنى يوقىتىپ، مىلادىيە 624-يىلىغا كەلگەندە پۈتۈن مەملىكەتنى ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈردى.

تاڭ سۇلالىسى تېررىتورىيەسىتاڭ سۇلالىسى ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلدە، زېمىنى شەرقتە دېڭىزغا، جەنۇبتا نەنخەي تاقىم ئاراللىرىغىچە تۇتاشقان، غەربتە بالقاش كۆلىدىن ھالقىپ، شەرقىي شىمالدا خېيلۇڭجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى تاشقى ھىنگان تېغى ئەتراپلىرىغىچە كېڭەيگەنىدى.

خانپادىشاھلارتاڭ تەيزۇڭ، تاڭ گاۋزۇڭ، تاڭ گاۋزۇ، تاڭ جۇڭزۇڭ

تاڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئاساسىي جەھەتتىن سۈي سۇلالىسىنىڭ تۈزۈمىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۈچ ۋازارەت، ئالتە پىرقىدىن تەركىب تاپقان مەركىزىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنى قۇردى، ئەمەلدارلىق ئىمتىھان تۈزۈمى ۋە يەرلەرنى تەڭ تەقسىملەش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا، ھۆكۈمەتنىڭ باج-سېلىقىمۇ بىرقەدەر يېنىك بولدى. ئىككىنچى پادىشاھ تاڭ تەيزۇڭ لى شىمىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان جېنگۇەن يىللىرى(مىلادىيە627 −649-يىللار) دا ئادىل ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈلگەچكە، جەمئىيەت تىنچ بولدى، ئىقتىسادىي جەھەتتە گۈللىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كېلىپ، «جېنگۇەن يىللىرىدىكى تۈزەش» دەپ ئاتالدى. تاڭ تەيزۇڭنىڭ ئوغلى تاڭ گاۋزۇڭ − لى جى پادىشاھ بولغاندا، خانىش ۋۇزېتيەن ھوقۇقنى قولىغا ئېلىۋالدى. مىلادىيە690-يىلى، ۋۇ زېتيەن ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتاپ، دۆلەت نامىنى جۇغا ئۆزگەرتتى، بۇ، «ۋۇ فامىلىلىكلەرنىڭ جۇ سۇلالىسى» دەپمۇ ئاتالدى، ئۇ، جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پادىشاھ. ئۇ15 يىل پادىشاھ بولدى، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ياشىنىپ كېسەلچان بولۇپ قالغاچقا، تاڭ جۇڭزۇڭ − لى شيەن لى جەمەتىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. تاڭ شۈەنزۇڭنىڭ كەييۈەن يىللىرى(مىلادىيە713-743-يىللار) تاڭ سۇلالىسى ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرگە قەدەم قويدى، جەمئىيەت تىنچ بولدى، ئىقتىساد گۈللەندى، شۇڭا تارىختا «كەييۈەن يىللىرىدىكى مەمۇرچىلىق» دەپ ئاتالدى. تاڭ سۇلالىسى گۈللەنگەن دەۋردە، جۇڭگو دائىرىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىمۇ تەدرىجىي تەرەققىي قىلدى. چېگرا مۇداپىئەسى مۇستەھكەملەندى. مىلادىيە641-يىلى تاڭ تەيزۇڭ مەلىكە ۋېن چېڭنى تۈبۈت خانى سۇڭزەن گەنبۇغا ياتلىق قىلىپ، خەنزۇلار بىلەن زاڭزۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتتى. 

تاڭ سۇلالىسىتاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى100 نەچچە يىل ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش دەۋرى بولدى، ئەينى دەۋردە ئىگىلىك گۈللىنىپ، دۆلەت كۈچى مىسلىسىز كۈچەيدى، مەدەنىيەت يۈكسەلدى، تاڭ سۇلالىسى خەلقئارادا ئىنتايىن يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە بولدى، ئاسىيا، ئافرىقىدىكى نۇرغۇن ئەللەر ئارقا-ئارقىدىن ئەلچىلەر، ئالىملارنى زىيارەتكە، ئىلىم تەھسىل قىلىشقا ئەۋەتتى. تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى خۇڭلۇ ئىبادەتخانىسى(كۈتۈۋېلىش سورۇنى) تەسىس قىلىپ، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئەلچىلىرى ۋە مېھمانلىرىنى مەخسۇس كۈتۈۋالدى، يەنە گۇاڭجۇدا سودا كېملىرىنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدار تەسىس قىلىپ، نۇرغۇن جايدا سودا مەھكىمىسى قۇرۇپ، تاشقى سودا پائالىيىتى ئېلىپ باردى. تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىمۇ ھەرقايسى ئەللەرنى زىيارەت قىلىشقا ئۈزلۈكسىز ئەلچى ئەۋەتتى. ئەينى ۋاقىتتا 70 نەچچە دۆلەت جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا ئەلچى ئەۋەتىشتى. گۈللەنگەن تاڭ سۇلالىسى ئاسىيا، ئافرىقىدىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزىگە ئايلاندى. 

تاڭ شۈەنزۇڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، پىڭلۇ، فەنياڭ، خېدۇڭ ئۈچ قورغاننىڭ ھېراۋۇلى ئۆڭلۈك(ئەنلۇشەن) بىلەن ئۇلۇغ سانغۇن سۆيگۈن(شى سىمىڭ) ئارقا-ئارقىدىن توپىلاڭ كۆتۈردى.تاڭ خانى چاڭئەننى تاشلاپ سىچۇەنگە قىچىپ كەتتى، ۋەزىرىنى نۇرغۇن سوۋغا-سالاملار بىلەن ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانىلىقىغا ياردەم تەلەپ قىلىپ ئەۋەتتى،ئەينى ۋاقىتتا مويۇنچۇر خاقان خان ئىدى، مويۇنچۇر خاقان بەش مىڭ ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ بىرىپ توپىلاڭنى تىنجىتتى، ئىككىنجى قىتىملىق توپىلاڭنىمۇ ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ ياردىمىدە تىنجىتتى.  «ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭى» سەككىز يىل داۋاملىشىپ، 763-يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن تىنجىتىلدى. خان مەلىكىسىنى مويۇنچۇر خاقانغا نىكاھلاپ بىرىپ ئۇرخۇن خانلىقى بىلەن قۇدىلاشتى،ھەر يىلى كۆپ مىقداردا تاۋار دۇردۇن سوۋغا قىلىپ تۇردى.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تاڭ سۇلالىسى ئاخىرقى مەزگىلىگە قەدەم قويدى، پادىشاھ ھوقۇقى ئاجىزلىدى. بىر قىسىم ھېراۋۇللار قولىدىكى قوشۇنغا تايىنىپ ئوردا بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ، «ۋاسساللارنىڭ بۆلۈنمىچىلىك ۋەزىيىتى» نى شەكىللەندۈردى. ئوردىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يەنە «ھەرەمئاغىلىرىنىڭ ھاكىممۇتلەقلىق قىلىشى» ۋە «پىرقىۋازلار كۈرىشى» يۈز بېرىپ، سىياسىي جەھەتتە بارغانسېرى چىرىكلەشتى، ئىجتىمائىي زىددىيەت كۈنسېرى كەسكىنلەشتى. مىلادىيە875-يىلىنىڭ بېشىدا، ۋاڭ شيەنجى قوزغىلاڭ كۆتۈردى، خۇاڭ چاۋ قاتارلىقلار ئادەملىرىنى باشلاپ ئاۋاز قوشتى. بۇ قېتىمقى زور قوزغىلاڭ ئون يىل داۋاملىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭىيىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى. مىلادىيە907-يىلى تاڭ سۇلالىسى ئاخىر مىلىتارىست جۇ ۋېن تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى، تارىخ بەش دەۋر، ئون پادىشاھلىق مەزگىلىگە كىردى.

ئەن لۇشەن - شى سىمىڭ قوزغىلىڭىنى ( 755 - 762 - يىللىرى ) يىللىرى تاڭ سۇلالىسىنىڭ شەرقى شىمال ئۆلكىسىنىڭ ۋالىسى ئەنلۇشەن(ئۆڭلۈك)قوزغۇغان.

755 - يىلىنىڭ ئاخىرى،تاڭ سۇلالىسىنىڭ  شەرقىي شىمال ئۆلكىسىنىڭ كۈچلۈك ۋالىيسى ئەن لۇشەن ئىسىيان كۆتەردى. ئۇنىڭ 160 مىڭ ئەسكىرى خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىغا خۇددى قاتتىق كەلگەن كەلكۈندەكلا بېسىپ كىردى. بۇ يەردىكى پايتەختلەر قارشلىق كۆرسىتىشكە ئۈلگىرەلمەيلا قولدىن كەتتى. پادىشاھ شۇەنزۇڭ سىچۇەنگە قاچتى. ئالتە يىلغىچە سوزۇلغان قاتتىق ئۇرۇشتىن كېيىن، شۇەنزۇڭنىڭ ۋارىسى سۇزۇڭ ( 756 - 762 ) ئىسيانچىلارنى بېسىقتۇردى، لېكىن يۇشۇرۇن قارشى كۈچلەر يەنىلا مەۋجۇت ئىدى ››(12) 

ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇ ۋەقەگە جەلپ قىلىندى. ئەن لۇشەن قوزغىلىڭى يۈز بېرىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ( 755 - يىلنىڭ ئاخىرى ) تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى سۇزۇڭ ئۇيغۇر قاغانلىقىغا ئەلچى ئەۋەتتى. ئۇيغۇر قاغانىنىڭ ئۆزى 4000 كىشلىك ئاتلىق قوشۇن باشلاپ كېلىپ، تاڭ قوشۇنى بىلەن بىرگە ئەن لۇشەن قوزغىلىڭىنى قوللاپ ياردەم بېرىۋاتقان قەبىلىلەرگە، جۇملىدىن تۈركىي قەبىلىلىرىگە زەربە بەردى. ھەل قىلغۇچ جەڭ خۇاڭخې دەرياسىنىڭ بويلىرىدا بولدى. ئۇيغۇرلار تولۇق غەلىبە قازاندى. كېيىن ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى تاڭ پادىشاھلىقىغا بېسىپ كىردى(13).

ئۇيغۇرلار 757 - يىلى لوياڭنى قولغا كىرگۈزدى، كېيىن چاڭئەننى بېسىۋالدى. ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى چوڭ بايلارنىڭ ئۆيلىرىگە، بۇ شەھەرلەردىكى چوڭ دۇكانلارغا ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلارغا باستۇرۇپ كىردى. جۇڭگو يىلنامىسىنى يازغۇچىلار: ‹‹ شۇ چاغدا، خەقتىن تارتىۋېلىنغان بويۇملار ساناقسىزدۇر ›› دەپ يازغانىدى. بۇ پايتەختلەرنىڭك بىرسىدە بۇ خىل تەرتىپسىزلىك ئۇچ كۈنگەسوزۇلغان. شەھەر ئاقساقاللىرى ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ، تەرتىپسىزلىك توختىتىلسا، سىلەرگە لازىم بولىدىغان يىپەك رەختلەرنى بىزلا بەرسەك دەپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى سوۋغا قىلغان. 757 - يىل 12 - ئاينىڭ 30 -كۈنى، تاڭ پادىشاھى پەرمان چىقىرىپ، ‹‹ ئۇيغۇر قاغانىنىڭ ئوغلى ( ئەسلى تېكىستە يابغۇ دەپ ئېلىنغان ) دۆلەتنى قۇتقۇزۇش مەقسىتىدە يىراق ئەلدىن كەلگەن. ئۇنىڭ بىزگە قىلغان خەيرىخاھلىقى قەدىمكى ۋە بۈگۈنكى تارىختا كۆرۈلمىگەن....... ئۇنىڭ قابىليىتى 10 مىڭ ئادەمنىڭ قابىلىيىتىگەباراۋەر ›› دەپ باھا بەرگەن. پادىشاھ ( ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە) قىممەت باھالىق سوۋغا تەقدىم قىلغان. ئەڭ ئالىي قوماندانلىق ئۇنۋانىنى بەرگەن. يەنە ھەر يىلى ئۇيغۇر قاغانلىقىغا 20 مىڭ توپ يىپەك رەخت بېرىپ تۇرۇشنى بەلگىلىگەن.(14) سۇزۇڭ خان قاغاننى ئۆزىگە جەلپ قىلىش ئۇچۇن، تاڭ ئوردىسىدىكى بىر مەلىكىنى قاغاننىڭ نىكاھىغا بەرگەن ۋە مەلىكىگە قوشۇپ ئالتۇن - كۈمۈشتىن ياسالغان نۇرغۇن زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى، تاۋار - دۇردۇنلاردىن تىكىلگەن ھەر خىل كىيىم - كېچەكلەرنى سوۋغا قىلغان. مەلىكىنى باشلاپ سوۋغا - سالاملار بىلەن كەلگەنلەر ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئوردسىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىككىنچى كۈنى چوڭ توي راسلىنىپ، جۇڭگو مەلىكىسى ئۇيغۇر قاغاننىڭ خوتۇنى قىلىپ نىكاھىغا بېرىلدى، دەپ جاكارلانغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

قاغانلىقى ( 745 - 840 ) 

http://bbs.alkuyi.com/thread-37344-1-3.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#