گەندى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گەندىئۇ «ئۆتكەن 30 يىلدىكى يولباشچى ۋە پەيلاسوپ»، «ھىندىستاننىڭ ئەركىنلىك ماياكى». 1947-يىلى 8-ئايدا، ھىندىستاننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىدا ھىندىستان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ داھىيەسى موھانداس كارامچاند گەندى ئەنە شۇنداق تەرىپلەنگەن.
گەندى (1869 − 1948-يىللار) دەسلەپتە ئەنگلىيە دە ئوقۇپ، قانۇن ئۆگەنگەن، كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۇزاق مۇددەت ئادۋوكاتلىق قىلغان، شۇ يەردىكى ھىندىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مۇئەييەن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، كاتتا شۆھرەت قازانغان. 1915-يىلى، ئەنگلىيە نىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، مىللىي ئازادلىق ئىشلىرى يولىدا كۈرەش قىلغان ھەمدە بۇ كۈرەشنى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرغان.
گەندىگەندى زوراۋانلىق قىلماسلىق، ھەمكارلاشماسلىق، ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كۈرەش قىلغان. گەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھىندىستاندا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە كۈچلۈك زەربە بېرىلگەن. گەندى مەقسىتىگە يەتمىگۈچە بولدى قىلماسلىققا قەسەم ئىچىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 12 قېتىم قولغا ئېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە توققۇز قېتىم تۈرمىگە تاشلانغان، ئەمما كۈرەش ئىرادىسىدىن زادىلا تەۋرىنىپ باقمىغان. ئەنگلىيىنىڭ زوراۋانلىق ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ 17 قېتىم ئاچلىق ئېلان قىلغان. 1943-يىلى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ھىندىستان ۋەتەنپەرۋەرلىرىنى قانۇنسىز قولغا ئالغاندا، 74 ياشلىق گەندى 21 كۈن ئاچلىق ئېلان قىلىپ قارشىلىق كۆرسەتمەكچى بولغان. ئاچلىق ئېلان قىلىپ 12 كۈن بولغاندا، ئۇنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قېلىپ، كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىشقا كېرەكلىك ساندال ياغىچىمۇ تەييار قىلىپ قويۇلغاندا، بەختكە يارىشا قۇتقۇزۇپ قېلىنغان، بۇ ئىش گەندىنىڭ ھىندىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە بەخت-سائادىتىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ھاياتىدىنمۇ ۋاز كېچىشتەك كۈچلۈك ئىرادىسىنى نامايان قىلغان. گەندى شۇنچە يۈز-ئابرۇي تاپقىنىغا قارىماي، ئىنتايىن ئاددىي-ساددا ئۆتكەن؛ كاستۇم-بۇرۇلكىنى سېلىپ تاشلاپ، مىللىيچە كىيىنىپ، پىيادە يول يۈرۈپ خەلق ئارىسىغا بېرىپ، تەشۋىقات، تەشكىلات پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان؛ تولىمۇ نامرات تۇرمۇش كەچۈرگەچكە، ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ناھايىتى ئاجىزلىشىپ كەتكەن، سالاپىتىمۇ قالمىغان، ئەمما ئاممىنىڭ ھۆرمىتى ۋە ھىمايىسىدىن ئايرىلىپ قالمىغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.