كان يېزىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كان يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شەرقىگە، چاپچال تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا، چاپچال بازىرىغا 45 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. بۇ يېزىنىڭ زېمىنى بىپايان، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 17 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 45 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 612 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، تېرىشقا بولىدىغان يەر كۆلىمى 57 مىڭ مو، ئوتلاق كۆلىمى 240 مىڭ مو. پۈتۈن يېزىدىكى ئومۇمىي ئائىلە سانى 2189 ئائىلە، ئومۇمىي نوپۇسى 10456 ئادەم بولۇپ، يېزا ئاھالىسى ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى ئاساس قىلغان، يېزا بويىچە ئون مەمۇرىي كەنت بار، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق تەڭ ئېلىپ بېرىلىدۇ.
پۈتۈن يېزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 650 مېتىردىن 3800 مېتىر ئارىلىقىدا. يەر شەكلى پەلەمپەيسىمان يېيىلغان، جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس، شەرقى ئېگىز، غەربى پەس، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئېگىز-پەس تاغلىق رايون يۇقىرى پەلەمپەي يەر-سېرىق توپىلىق ئېدىرلىق-تۈزلەڭلىك پەس پەلەمپەي يەر ۋە دەريا تاشقىن ساھىلىدىن ئىبارەت تۆت ئوخشاش بولمىغان يەر شەكلى ئالاھىدىلىكى بىرلەشتۈرۈلگەن.
پۈتۈن يېزا سالقىن دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق كىلىماتىغا تەۋە، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃6 ~ ℃7، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 170 مىللىمېتىر، قىروسىز مەزگىلى 140 كۈن، ھاۋاسى نەم.
كان يېزىسى قارمىقىدا: كان كەنتى، كۆلتىكچى كەنتى، ئالمالى كەنتى، چىگىلىك كەنتى، سۇئاسۇ كەنتى، گىرام كەنتى، مازار كەنتى، سارجازىق كەنتى، چاق كەنتى، ئارال كەنتى قاتارلىق ئون كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.
كان يېزىسى تەۋەسىدىكى كۆمۈر بايلىقى ناھايىتى مول، يىلدا سىرتقا سېتىلغان پۇقرالار ئىشلىتىدىغان كۆمۈر مىقدارى 400 مىڭ توننا
ھازىر يىلىغا 60 مىڭ توننا كۆمۈر قېزىلىدىغان، زامانىۋىلاشقان كۆمۈر كان قۇرۇلۇشىدا قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
كۆمۈر بايلىقلىرىدىن سىرت يەنە ئالتۇن، تۆمۈر مىس رۇدىسى، خرۇستال، سېغىز توپا، ھاك تاش، قۇم تاش قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار.
تەۋەلىكىدىكى سۇ بايلىقىمۇ ئىنتايىن مول، چاپچال جىلغىسى، سۇئاسۇگۇاڭ جىلغىسى، ئالما جىلغىسىدىن ئىبارەت ئۈچ جىلغا سۈيى بار، يەنە چاپچال ئۆستىڭى ۋە جەنۇبىي چاپچال ئۆستىڭى بار. سۇغىرىش سۇ ئىشلىتىش بويىچە دەريا سۈيى سۇغىرىش رايونى، سۇ چىقىرىش سۇغىرىش رايونى، تاغ-دەريا سۇغىرىش رايونى دەپ ئايرىلغان.
كان يېزىسى بويىچە 57 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر ۋە 240 مىڭ مو ئوتلاق بار. ئاساسلىقى شال، كېۋەز، بۇغداي، قوناق، تاۋۇز، كۆكتات قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر كۆپ تېرىلىدۇ، يىل ئاخىرىدىكى چارۋا سانى 52800 تۇياق، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور، 12250 تۇياق تىۋىتلىق ئۆچكە بار، ئۆچكە تىۋىتىنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 4 توننىغا يەتكەن.
كان يېزىسى تەۋەسىدە كەڭ ساي ۋە ئىككىلەمچى ئورمىنى بولۇپلا قالماي، يەنە قارلىق تاغدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان يېشىل قارىغاي ۋە ياۋا ئۆرۈك ئورمىنى، يەنە ناھىيە بويىچە داڭلىق چاپچال ئۆستىڭى، جەنۇبىي چاپچال ئۆستەڭ بېشى ۋە كالاتا ياغاچ ئاسما كۆۋرۈك قاتارلىقلار بار. قۇرۇلۇۋاتقان نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى جەنۇبىي قىرغاق غول ئۆستىڭى 81 تاختا تونېل ئېغىزى ۋە ئىلى دەرياسى سۇ توسۇش قىرى تۈگۈنى قۇرۇلۇشىمۇ كان يېزىسى تەۋەسىدە. چاپچال-كان ئاسفالىت يولى بۇ يېزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن، قاتنىشى قولاي.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.