بالقان تاغلىرى
بالقان تاغلىرى بالقان يېرىم ئارىلىدىكى ئاساسىي تاغ بولۇپ، ئالىپ-كارپات تاغلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبقا سوزۇلغان داۋامى ھېسابلىنىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بالقان يېرىم ئارىلىدىكى ئاساسىي تاغ بولۇپ، ئالىپ-كارپات تاغلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبقا سوزۇلغان داۋامى ھېسابلىنىدۇ. بالقان تېغىنى بۇلغارىيىلىكلەر «ستاپاپلانىنا» تېغى دەپ ئاتايدۇ. ئۇ غەربتە يۇگۇسلاۋىيە چېگرىسىدىكى تىموك دەريا بويىدىن باشلىنىپ، بۇلغارىيىنىڭ ئوتتۇرىسىنى توغرىسىغا كېسىپ، شەرقتە قارا دېڭىز قەدەر 555 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلىدۇ، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 50 مېترغا يېتىدۇ. تاغ ئومۇرتقىسى دەرياللار بىلەن كېسىلگەن بولۇپ، ئىسكې دەريا بويى ۋە كامچىيا دەريا بويى يوللىرى شەكىللەنگەن. تاغلىقتا يەنە مەشھۇر شىپوكا جىلغىسى بار. بالقان تېغى غەرب، ئوتتۇرا، شەرق دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى ئېگىز بولۇپ، بوتېف چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 2376 مېتر كېلىدۇ.
تاغلىقنىڭ شىمالىي باغرى يانتۇراق بولۇپ، ھاۋا تېمپراتۇراىسى تۆۋەن، ھاۋاسى نەم كېلىدۇ، ئورمان بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، جەنۇبىي باغرىدا قۇياشنىڭ يورۇتۇشى كۈچلۈك، قۇرغاق، شالاڭ ئورمالىق كېلىدۇ. تاغدىن ئېقىپ چىقىدىغان دەريالارنىڭ سۇ ئېنېرگىيە زاپىسى مول. تاغلىقتا كۆمۈر، گېپىس، قوغۇشۇن، سىنك، تۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرى، تاغ ئۆڭكۈرلىرى، ئارشاڭلار، مىنېرال بۇلاقلار كۆپ. شۇڭا بۇ جاي بۇلغارىيىنىڭ مۇھىم ساياھەت ھەم دەپ ئېلىش رايونى ھېسابلىنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.