مىچىغ يېزىسى

مىچىغ يېزىسى

مىچىغ يېزىسى باي ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 971.5 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى مىچىغ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 971.5 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 米吉克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون باي ناھىيەسى
نوپۇسى 10708 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مىچىغ يېزىسى مىچىغ يېزىسى باي ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان تۈز سىزىقلىق ئارىلىقى8 كىلومېتىر. شەرقى، شىمالى قىسمى قاپسىلاڭ دەرياسى ۋە كانچى يېزىسى،باي بازىرى بىلەن چېگرالىنىدۇ، جەنۇب تەرىپى مۇزات دەرياسى ۋە ئونباش يېزىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، غەربىي رايونى چوڭ كۆۋرۈك يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 22.2 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 26 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 971.5 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 

مىچىغ يېزىسى مىچىغ يېزىسىغا قاراشلىق ئاراچىغ كەنتى، قۇممەھەللە كەنتى، يار قوتان كەنتى، دۆڭ مەھەللە كەنتى، يامانسۇ كەنتى، يۇقارقى ئاراچىغ كەنتى،  قۇمدۆڭ كەنتى، ئولپاڭ كەنتى، كانايمەھەللىسى كەنتى، مىستېمى كەنتى، سوكسوكلۇق كەنتى، كوكۇلا توغراق كەنتى،باغۋەنچىلىك كەنتى قاتارلىق 13كەنت ئاھالە كومىتېتى، بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى بار، ئومۇمىي نوپۇسى 10708 ئادەم، يېزىلىق ھۆكۈمەت  قۇممەھەللە كەنتىدە. 

مىچىغ يېزىسىمىچىغ يېزىسى باي بوستانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1390 مېتىر ئەتراپىدا. دېھقانچىلىق رايونىىنىڭ كۆلىمى 147.6كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، 40535 مو تېرىلغۇ يەر بار. بۇ يېزىنىڭ يېرىنىڭ شىمالى ئېگىز، جەنۇبى پەس. شىمالىي قىسمى، ئوتتۇرىسىدا قۇملۇق بار. جەنۇبىدا شورلۇق سازلىق بار، يەر ئۈستى پاكار ئوت بىلەن قاپلانغان. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى℃7.4، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃38، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى℃32-، يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2780 سائەت، قىروسىز مەزگىلى 163 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 96.2 مىللىمېتىر.

مىچىغ يېزىسىمىچىغ يېزىسى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، قىچا، زىغىر قاتارلىقلار بار. ياڭيۇ تېرىشقا ماس كېلىدۇ، « ياڭيۇ ماكانى » دېگەن نامى بار. 

 كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن بازاردىكى 3-كەسىپ تېز زورىيىپ، تۆت كوچىنى مەركەز قىلغان، ئومۇمىي كۆلىمى 250000 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان سودا شەھەرچىسى شەكىللەنگەن. جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ئىقتىساد مىچىغ يېزىسىنىڭ مال تىرانسپورت كەسپىگە تۈرتكە بولغان. ئىگىلىنىشىچە، يۈك تىرانسپورت بازىرىدا ئاز كەم 100 دىن ئارتۇق يۈك توشۇش كارخانىسى بار، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى قاپلىغان شېنتوڭ، جياجى قاتارلىق داڭلىق كارخانىلار بۇ يەردە شۆبە بۆلۈم تەسىس قىلغان.  [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#