چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى

ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چوڭ بوغۇملاردا ئاغرىش، ئىششىش، قىزىش، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن ئىپادىلىندىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىك ۋەجئۇل مۇپاسىل( چوڭ بوغۇملار ئاغرىقى )دىيىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 大并可痛

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چوڭ بوغۇملاردا ئاغرىش، ئىششىش، قىزىش، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن ئىپادىلىندىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىك ۋەجئۇل مۇپاسىل( چوڭ بوغۇملار ئاغرىقى )دىيىلىدۇ.

كېسەللىكنىڭ خاراكتىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۆتكۈر بوغۇم ئاغرىقى ۋە سوزۇلما بوغۇم ئاغرىقى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.

 1) ۋەجئۇل مۇپاسىل ھاد(ئۆتكۈر بوغۇم ئاغرىغى) چوڭ بوغۇملاردا ئاغرىش، ئىششىش، قىزىش، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىندىغان، جىددى باشلىنىدىغان، شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىكتىن ئىبارەت. سەۋەبى

1. قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

 2. سەپرا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىيگە ئۆزگىرىشى بولۇپمۇ تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

3.تەمسىز بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. تەمسىز بەلغەم خىلىتى چوڭ بوغۇملارغا تەسىر قىلش ئارقىلىق بوغۇملارنىڭ ماددا ئالماشتۇرىشىنى سۇسلاشتۇرۇپ، بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ بوغۇم ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4.. شورلۇق بەلغەم خىلتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

5. گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

6. سەۋداخىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

7. تاشقى زەخمىلىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى كېسەل تۇيۇقسىز توڭۇپ تىترەش، جۇغ-جۇغ بولۇش بىلەن باشلىنىدۇ، قىزىيدۇ. 36-24 سائەتتىن كېيىن پۇت-قول بوغۇملىرى قاتتىقلىشىشقا باشلاپ چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاغرىيدۇ. بوغۇملار تۇيۇقسىز ئىششىشقا باشلايدۇ. ھەتتا بادامسىمان بەزلەرمۇ ئىششىپ كېتىدۇ. بوغۇملار ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. قىزىتما 10-8 كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ. تومۇرى ناھايىتى تېز سالىدۇ. تىل ئۈستىدە بىر قەۋەت ئاق گەز بولىدۇ. ئۇسسۇزلۇقى يۇقۇرى، ئىشتىھاسى تۆۋەن بولىدۇ. قەۋزىيەتنىڭ شىكايىتىنى قىلىدۇ. بەدەنلىرى تەرلەيدۇ. ئەگر قان خىلىتىدىن بولغان بولسا بوغۇم تېرە رەڭگى قىزىل بولىدۇ، ئىششىق تارقىلىشچان بولىدۇ، يىڭنە سانجىغاندەك قاتتىق ئاغرىيدۇ. سەپرا خىلىتىدىن بولسا بوغۇم تېرىلىرىنىڭ رەڭگى سېرىق، ئىششىقنىڭ تارقىلىشى ئازراق، ئاغرىش يىڭنە سانجىغاندەك بولىدۇ، ئېسىلىپ قالىدۇ. سەپراغا ئائىت باشقا ئالامەتلەر ئېنىق كۆرىلىدۇ. لېكىن سەپرا خىلىتىدىن بولغىنى ناھايىتى كەم ئۇچرايدۇ. بەلغەم خىلىتىدىن بولسا ئاغرىش ھاۋا ئۆزگەرگەندە، سوغۇق ھاۋاغا يولۇققاندا كۈچىيىدۇ. 50-30 ياشتىكىلەردە كۆپرەك كۆرىلىدۇ. بوغۇملار ئىششىيدۇ، بوغۇملاردا ئېغىرلىق بولىدۇ، يەڭگىل دەرىجىدە داۋاملىشىش خاراكتىرلىك ئاغرىش بولىدۇ، قىزىتما بولمايدۇ، بوغۇملارنىڭ رەڭگىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. تومۇرى توم، ئاستا، سوغۇق سوقىدۇ. بەلغەم خىلىتىنىڭ غالىپلىق ئالامىتى بولىدۇ. شور بەلغەم خىلىتىدىن بولسا بوغۇملار ئىششىيدۇ، سانجىپ ئاغرىيدۇ، بوغۇملاردا كۆيۈشكەندەك سېزىم بولىدۇ. ئىششىق ئانچە روشەن بولمايدۇ. ئۆزى ئاجىز. ھەركىتى ئاز، مىجەزى چۇس، قۇرۇق ئىسسىق مىزاجلىق كىشىلەردە كۆپ كۆرىلىدۇ. سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن بولسا بوغۇملار قۇرۇق بولىدۇ، بوغۇملار رەڭگى قارامتۇل بولۇپ، ئىششىقنىڭ ماددىسى قاتتىق بولىدۇ. سەۋدا خىلىتىنىڭ غالىپلىق ئالامەتلىرى بولىدۇ.تومۇرى ئاستا، ئىنچىكە، قاتتىق سالىدۇ. تاشقى زەخمىلىنىشتىن بولسا بوغۇملار زەخمىلىنىش تارىخى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بوغۇملاردا قاتتىق ئاغرىش، زەخمىلەنگەن بوغۇملار ئىششىش، بوغۇم بوشلۇقىغا قان يىغىلىش، ئەتراپتىكى توقۇلمىلاردا جىددىيلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. بوغۇم ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ بەزىسى تېزلا ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ، بەزىسى سوزۇلمىغا ئۆزگىرىپ ئاسارەت قالىدۇ.

2) ۋەجئۇل مۇپاسىل مۇزمىن ( سوزۇلما بوغۇم ئاغرىغى) چوڭ بوغۇملاردا ئاغرىش، ئىششىش، قىزىش، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىندىغان، باشلىنىشى ئاستا، ئۇزۇنغا سوزۇلغان شەكىل بۇزلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىكتىن ئىبارەت. 40 ياشتىن ئاشقان كىشىلەردە كۆپ كۆرىلىدۇ. ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە كۆپ بولىدۇ. ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكنى كۆپ قىلىدىغان، تۇرمۇش شارائىتى ناچار، ئوزۇقلىنىشى يېتەرلىك بولمىغان كىشىلەردە بولىدۇ. سەۋەبى

(1) ماددىسىز ھۆل سوغۇق كەيپىياتلارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.ھاۋاسى سوغۇق، يامغۇر كۆپ ياغىدىغان جايلاردا ياشىغۇچىلاردا سوغۇق ئۆتۈش، يامغۇردا قېلىش، سۇدا، ھۆلچىلىك ئورۇنلاردا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش قاتارلىقلاردىن بولىدۇ.

(2) بەلغەم خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىيگە ئۆزگىرىشىدىن بولۇپمۇ تەمسىز بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. تەمسىز بەلغەم خىلىتى چوڭ بوغۇملارغا تەسىر قىلىش ئارقىلىق بوغۇملارنىڭ ماددا ئالماشتۇرىشىنى سۇسلاشتۇرۇپ، بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ بوغۇم ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4.. شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

5. گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

6. سەۋداخىلىتىنىڭ كۆپۈيۈپ كىتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى بەلغەمدىن بولسا بوغۇملار ئاغرىيدۇ، ئىششىيدۇ، بوغۇملاردا ئېغىرلىق بولىدۇ، يەڭگىل دەرىجىدە داۋاملىشىش خاراكتىرلىك ئاغرىش بولىدۇ، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، سوغۇق پەسىللەردە ياكى ھاۋا ئۆزگەرگەن ۋاقىتلاردا ئاغرىش كۈچىيىدۇ، بوغۇملارنىڭ رەڭگىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. كېچىسى ئۇخلىغاندا ئاغرىش باشلىنىدۇ، بىمار ئاغرىق ئازابىدىن ئۇيقۇسىزلىقنىڭ شىكايىتىنى قىلىدۇ. كېسەللەنگەن بوغۇمغا يېقىن قوشنا مۇسكۇللاردا ئاجىزلىشىش، ئورۇقلاش بولىدۇ.بىمار ھەزىم بۇزۇلۇشنىڭ شىكايىتىنى قىلىدۇ. تومۇرى توم، ئاستا، سوغۇق سوقىدۇ. قىزىتما بولمايدۇ ياكى ناھايىتى يەڭگىل بولىدۇ.ھەركەت قىلمىغاندا ئاغرىق بىر ئاز يېنىكلەيدۇ، كېسەللەنگەن بوغۇمنى بېسىپ سالسا ئاغرىققا چىدىغىلى بولمايدۇ. ئەگەر سەۋدا خىلىتىدىن بولسا بوغۇملار سانجىلىپ ئاغرىيدۇ، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، بوغۇملار قاتتىقلىشىپ مىدىرلىيالماس بولۇپ قالىدۇ. بەزىدە ئاغرىق بەل، كۆكرەك، ساغرا قىسىملارغىچە تارقايدۇ. سەۋدا خىلىتىنىڭ غالىپلىق ئالامىتى بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1080

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#