«ئەي خەلقىم، مەن سىلەرنى سۆيىمەن، سىلەر ھوشيار بولۇڭلار!» بۇ چېخسلوۋاكىيە مىللىي قەھرىمانى، مۇنەۋۋەر كوممۇنىزم جەڭچىسى فۇچىكنىڭ دار ئالدىغا ماڭىدىغان چاغدا كىشىلەرنى كونا دۇنيانى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، گۈزەل كېلەچەك يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، چەكسىز مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قالدۇرغان سۆزى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى فۇچىك
يۇرتى پراگا شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1943-يىل
چەتئەلچە نامى JuliusFucik
خەنزۇچە ئىسمى 尤利乌斯·伏契克
تۇغۇلغان ۋاقتى 1903-يىل
كەسپى يازغۇچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فۇچىك (1903-1943-يىللار) پراگا شەھىرىدىكى بىر ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۇلۇغ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ ئىلھامى بىلەن، ئەمدىلا قۇرۇلغان چېخ كومپارتىيىسىگە 18 يېشىدىلا كىرگەن ھەمدە پارتىيىنىڭ ئورگان گېزىتى − «قىزىل ھوقۇق گېزىتى» نىڭ مۇھەررىرى بولغان. ئۇ ئىنقىلاب ئاخباراتچىسى، يازغۇچى ۋە ئوبزورچى. 1938-يىلى، «ميۇنخېن كېلىشىمى» ئىمزالىنىپ، ۋەتەن مۇنقەرز قىلىنغاندا، ئۇ كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى بىلەن نۇرغۇن ماقالە يېزىپ، گېرمان ناتسىستلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سۇيىقەستىنى پاش قىلغان.

1939-يىلى 3-ئايدا، گېرمانىيە پۈتكۈل چېخسلوۋاكىيىنى ئىشغال قىلىۋالغان، فۇچىك فاشىستلارغا قارشى يوشۇرۇن كۈرەشكە ئاتلانغان. 1941-يىلى 2-ئايدا، چېخسلوۋاكىيە كومپارتىيەسىنىڭ 1-نۆۋەتلىك يەر ئاستى مەركىزىي كومىتېتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قولغا ئېلىنغان، بەختكە يارىشا ئامان قالغان فۇچىك كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ، 2-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنى تەشكىللىگەن، «قىزىل ھوقۇق گېزىتى» نى چىقىرىپ، ئۈنۈملۈك تەشۋىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلغان.

 1942-يىل 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، فۇچىك فاشىستلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ئۇ تۈرمىدە قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئېلىنىپ، كۆپ قېتىم ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغان. شۇنداقتىمۇ ئۇ باشتىن-ئاخىر دۈشمەنگە تىز پۈكمەي، تۈرمىدىكى كوللىكتىپ كۈرەشكە قەيسەرلىك بىلەن تەشكىلاتچىلىق ۋە رەھبەرلىك قىلغان، بىر ئاق كۆڭۈل گۇندىپاينىڭ ياردىمىدە، پارچە-پۇرات قەغەزلەرگە قېرىنداش بىلەن داڭلىق «دار ئالدىدىكى سۆز» نى يېزىپ چىققان. ئۇ بۇ ئەسىرىدە تولۇپ تاشقان ئىنقىلابىي ئۈمىدۋارلىق بىلەن: «مەن ھاياتنى سۆيىمەن ھەمدە ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن»، «بىز خۇشاللىق ئۈچۈن ياشايمىز، خۇشاللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز، خۇشاللىق ئۈچۈن قۇربان بېرىمىز، شۇڭا ئازاب-ئوقۇبەتنى ئەبەدىلئەبەد ئىسىم فامىلىمىز بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قويماسلىقىمىز كېرەك» دەپ يازغان، ئەڭ ئاخىرىدا: «كەلگۈسىگە سادىق بولغان، گۈزەل كېلەچەك ئۈچۈن قۇربان بولغان ھەربىر ئادەم تاشتىن ياسالغان ئابىدىدۇر» دەپ خۇلاسە چىقارغان.

 1943-يىل 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، فۇچىك بېرلىندا باتۇرلارچە قۇربان بولغان. 1945-يىلى 5-ئايدا گېرمانىيە ناتسىستلىرى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، فۇچىكنىڭ ئايالى تۈرمىگە بېرىپ، «دار ئالدىدىكى سۆز» نىڭ تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن ئورىگىنالىنى يىغىۋالغان. ھازىرغىچە بۇ كىتاب 80 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ، ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى بايلىقى بولۇپ قالدى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/168200.htm

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#